مۇۋەپپەقىيەت

ساغلام تۇرۇپ بۇ ئايال قىلغاننىڭ قانچىلىكىنى قىلالىدۇق؟

by Admin - Jul 30, 2021 0 Comment

ئۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كەمتۈكلۈك بىلەن تۇغۇلغان، ئىلگىرى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى، گەرچە دۇنيا شۇنچە رەڭگارەڭ گۈزەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممىسى رەڭسىز، قاراڭغۇ ئىدى.

1982-يىلى ئامېرىكىنىڭ پىتتىسبۇرگدىكى بىر دوختۇرخانىسىدا بىر قىز بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇزۇن ئۆتمەي سېستىرالار ئالاقزادە بولۇپ دوختۇرنى ئىزدىگەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوقاپ كەتكەن. ئامالسىز دوختۇرخانا بۇ قىز بوۋاقنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان ھەمدە بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا ئىزدىگەن. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ قىز بوۋاقنى بروكس (Brooks) ئائىلىسىدىكىلەر بېقىۋالغان.

سۈرەتتىن قىز بوۋاقنىڭ قول-پۇتى يوقلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ دەل ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى تاشلىۋېتىشىنىڭ سەۋەبى. بۇ قىز بوۋاقنىڭ بەدىنىدە يۈز بەرگىنى تۇغما كەمتۈكلۈك. بروكس ئائىلىسىدىكىلەر قىز بوۋاققا ئېيمى (Amy) دەپ چىرايلىق ئىسىم قويغان، ئېيمىنى بروكس ئەر-ئايال بېقىۋالغان ئاشۇ پەيتتە دوختۇرخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەتتا ئۇلاردىن مەمنۇن بولۇپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىشقان. چۈنكى بوۋاقنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسنىڭ دوختۇرخانىدا قالدۇرۇپ قويغان خېتىدە: «سىلەر ئۇنى باقماڭلار، ئۇ ئاچلىقتىن ئۆلسۇن» دېگەن.

خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ قىزچاق ھەقىقەتەن بەك قەيسەر. ئىككى قولى، ئىككى پۇتى بولمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا بەدىنىنى مىدىرلىتىپ، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىنى ھېس قىلغان. بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنى ئالاھىدە قاراپ ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپمۇ كەتمەي، ئېيمىگە ئادەتتىكى بالا قاتارىدا قارىغان. ئېيمى ئوينىغان ۋاقىتتا ئوت-چۆپلەرگە تېگىش سېزىمى، شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن پۇراقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، چېھرىدە تاتلىق تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەندە كىشىگە گۈزەللىك ھەم ئېچىنىشتەك ئاچچىق تۇيغۇلارنىمۇ ئاتا قىلغان.

ھە راست، ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنىسىمۇ بار. ئاچا-ئىنى ئىككىيلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن، كىچىك ۋاقتىدا ئىنىسى دائىم ئويۇنچۇق ماشىنىسىغا ئېيمىنى سېلىپ بىللە ئوينىغان. چۈنكى ئېيمىنىڭ بۇ ھالىتىدە، بۇ ياشتا بولۇشقا تېگىشلىك دوستى يوق. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىمۇ، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىدىغىنى غەلىتە نەزەر، ھەتتا بوزەك قىلىشلار يۈز بېرىپ تۇرغان.

ئاتا ـ ئانىسى ئېيمىنىڭ ئىككى قولى يوق دەپلا ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزۈپ قويمىغان، ئىككى پۇتى يوق دەپلا ئۇنى بارلىق مەنزىللەرگە ئاپىرىپ قويمىغان. ئەمەلىيەتتە، تاماق يېگەندە ئاتا ـ ئانىسى ئېيمىنىڭ ئوڭ قولىغا قوشۇق چاپلاپ ئۆزى ھەل قىلىشقا بۇيرىغان. مەكتەپكە بارغاندا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇنى بەدىنىنى يۆتكەپ سىنىپقا «كىرگۈزگەن»، ئۆيدە پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈشنىمۇ ئۆزى ھەل قىلغان. بۇ خىل قىلمىشلار قارىماققا رەھىمسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇلار ئاتا ـ ئانىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۈن ـ تىنسىز مۇھەببىتى ئىدى.

چۈنكى بۇنداق بولغاندا، ئېيمى باشقا بالىلارغا قارىغاندا پىشىپ يېتىلىدۇ ۋە مۇستەقىل بولىدۇ. ناھايىتى تېزلا ئېيمىغا يەنە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان ئوقۇغۇچى قالمىغان. چۈنكى باشقا بالىلار قىلالىغاننى ئۇمۇ قىلالىغان، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى قىلغان.

(ئېيمىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى سۈرىتى)

كېيىن ئېيمى ئۆزى چىش چوتكىلاش، يۈزىنى يۇيۇش، كىيىمىنى كىيىش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىۋالغان، بەزىدە ئاتا ـ ئانىسى ئۆزىگە ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا ـ ئانىسى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆگىتىپ، ئۇنى سىناپ بېقىشقا بۇيرىغان. گەرچە دەسلەپكى مەزگىلدە ئېيمى دائىم نەرسىلەرنى بۇزۇۋەتسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسى ناھايىتى سەۋرچان بولغان.

لىق بىر ساندۇقنىڭ ھەممىسى ئېيمىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى، ئىچىدە ھەر خىل بايرام ياكى مۇھىم ۋاقىتلارنىڭ بەلگىسى، كۈندىلىك ئىللىق خاتىرىلەر بار. ئېيمى بۇ ئۆيدە راستتىنلا ئائىلە ئىللىقلىقىغا ئېرىشكەن.

بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر «مىيىپ بىر ئايالغا نىسبەتەن، ھەرقانچە مۇستەقىل بولغان تەقدىردىمۇ جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزى بېقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن ئېيمى بۇرۇنلا بۇ گۇمانلارنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇ نېمە قىلالمايدۇ؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ قىلالمايدىغان ئىش يوق. ئېيمى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، بىرىنچىسى سۈرەتكە تارتىش.

فوتو ئاپپاراتنى مۇقىملاشتۇرۇش جازىسىغا ئورنىتىشتىن تارتىپ سۈرەت تارتىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئېيمى ئۆزى يالغۇز تاماملايدۇ.

گەرچە ئېيمىنىڭ سۈرىتىدە ئاتالمىش سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ئەسلا يوق بولسىمۇ، لېكىن بۇ قىزنىڭ «ئىككى قولى»دىن چىققان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

دوستلىرىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئېيمى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھېسابات نومۇرى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىنى سىنغا ئېلىپ خاتىرىلەپ ئۇنى بىر قاتار تۈرلەرگە ئايرىغان: «ئۇ قانداق قىلغان؟» ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆزى يالغۇز قىلغان ئىشلار بولۇپ، سىنغا ئېلىش، چېچىنى ياساش، تاماق ئېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كىشىلەر سىن ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بىر قىزنى كۆرگەن.

پەقەت باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، شۇنداق قەيسەر ئېيمى بەزىدە تۇرمۇشتا ھەتتا ئۆزى تارتقان سىن كۆرۈنۈشى ئاستىدىكى ئىنكاسلاردا بەزى رەھىمسىز كىشىلەرنىڭ زەھەرخەندە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

لېكىن ھازىرقى ئېيمىنىڭ بۇ سۆزلەرگە پىسەنت قىلماسلىققا يېتەرلىك كۈچى بار. ئۇ ھەتتا بىر ئەسلىمە يېزىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان ئىشلارنى، يەنە ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ قەدەممۇ-قەدەم بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئىنچىكە قەلەم ئارقىلىق كىشىلەرگە يەتكۈزگەن.

بۇ پۇرسەتتە ئېيمى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. كىشىلەر ئېيمىنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ قەيسەرلىكىنى ھېس قىلىشقان.

گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قەلب ھەممە ئادەمدە بار، ئېيمىمۇ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بىر ئايال. نومۇر ياكى كامېراغا چىقىشتىن بۇرۇن، تاماشىبىنلارغا ياخشى تەسىر بېرىش ئۈچۈن، ئۇ سۇس گىرىم قىلىۋالغان. شۇنداق، تەسەۋۋۇر قىلماق تەس، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيمى ئۆزى تاماملىغان.

2019-يىلى ئېيمى تىككۈچىلىككە مەپتۇن بولۇپ قالغان! قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان بۇ ئىشنى ئېيمى راستتىنلا سىناپ بېقىشقا باشلىغان.

بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئېيمى ھەر خىل سايمانلارنى ئىشلىتىشنى پىششىق ئىگىلەپ بولغان، ھەتتا ئۆزى ھەميان قاتارلىق بۇيۇملارنى تىكەلەيدىغان بولغان. بۇ سومكىلارنى سېتىپ پۇل تېپىشقا باشلىغان ئېيمى ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈك بولماي ئەكسىچە بىر تۈۋرۈك بولۇپ قالغان.

ھازىر ئېيمىنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن بەك رەڭدار! 2021ـ يىلدىكى ئېيمىنىڭ نىشانى ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيدىغان بولۇش، بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولمىسىمۇ ئۆزى بارماقچى بولغان جايغا بارالايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېيمىنىڭ نەگە بارغۇسى بار بولسا، ئېرى ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ، لېكىن «جاھىل» ئېيمى بۇ ئىشنى ئۆزى قىلىشنى ئويلايدۇ.

(ئېيمى بىلەن يولدىشى)

بۇ نىشاننى تاماملاش جەريانىدا، ئېيمى نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى، ئىمزا قويۇش يىغىنى، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى قاتارلىقلارغا قاتناشقان.

بەزىدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، يېرىم كېچىدىمۇ كومپيۇتېر ئالدىدا ئېڭەك بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنى چېكىپ، كېيىنكى نۇتۇق ئۈچۈن ماقالە تەييارلىغان.

ھازىر ئېيمىنىڭ سالاھىيىتىدىن بىرسى كۆپەيگەن، يەنى ژۇرنال مودېلى. ئۆزىگە بۇنداق ئىشىنىدىغان ئېيمى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل بەك سۆيۈملۈك.

«مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ بۇنداق مۇستەقىل، بۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بىز ۋە دوختۇر ئۇنى كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي چىقالمايدۇ دەپ قارىغان، مەن پەقەت ئىمكانقەدەر ئېيمىنى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلغۇزماقچى بولغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بولغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز».

38 ياشقا كىرگەن ئېيمى ھەر قېتىم كەلگۈسى تۇرمۇش پىلانىنى تىلغا ئالغان ھامان كۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆزى ياراتماقچى بولغان كەلگۈسىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشىنىدۇ.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر