ئەدەبى ئەسەرلەر

شەرقىي تۈركىستان-پانىي دۇنيادىكى دوزاخ 2

by Arman - Oct 06, 2021 0 Comment

 «شەرقى تۈركىستان-پانىي دۇنيادىكى دوزاخ » ناملىق بىئوگرافىيىلىك روماننىڭ داۋامى

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئىزچى



1- بۆلۈم: قىسمەت (2)



.....ئۇ كۆزلىرىدىكى چاپاقنى ئۇۋۇلاپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئويغاندى ۋە ياتقان يېرىدە ئوڭ – سولغا كېرىلىۋېتىپ ئورنىدىن تۇردى. تايتاڭشىپ مېڭىپ  نۇرخان چوڭ ئاپىسى ئوچاق بېشىغا قويۇپ قويغان ئۇماچقا بىر قارىۋېتىپ ئاستا باغقا قاراپ ماڭدى.
باغ بىلەن ھويلا ئارىسىدىكى تال باراڭنىڭ قېرىمىغا تېخى يېڭى سۇ قويۇلغان ئىدى ، مېڭىۋېرىپ ئاسفالتتەك قېتىپ كەتكەن، باغنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭغان، ئىككى تەرىپىنى بۈككىدە سەبدەلەر بېسىۋالغان بىر ئادەم ئاران ماڭىدىغان تار يول يۈزىنى كېچە باغقا ئاچقان سۇ يالاپ قويغاچقا ئاجايىپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ چالا ئۇيقۇلۇقتا كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ، ھۇرۇنلۇق بىلەن  ماڭغاچقا قېرىمدىن ئاتلىشىغا پۇتى سىلىق ھۆل يەردە تېيىلىپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماي بىر ئادەم كۆتۈرۈپ ئاتقاندەك جاڭڭىدە چۈشتى. ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغان ئالىم  ئۈستى- بېشى لايغا مىلەنگەن ھالدا ئورنىدىن قوپۇپ سۇپىغا سايە تاشلاپ تۇرغان ياغلىق ئۆرۈكنىڭ تۈۋىگە كەلدى ۋە ئۆرۈككە يۆلەنگىنىچە ئۈنى پۈتۈپ قالغۇچە يىغلىدى.

ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ بىر تەرەپتىن پۇتىدىكى سۇلياۋ ئاياغنى چىقىرىپ يەرگە ئۇرۇپ چاپلاشقان پاتقاقلارنى چۈشۈرەتتى. ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆك غورىلىرى ئەمدى سارغىيىشقا باشلىغان ياغلىق ئۆرۈككە ئۇۋا سالغان كۆك تولغاقنىڭ سايرىشى توختاتتى، بىر دەم پەستە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۈستىگە كۆك تولغاقنىڭ ئۇۋىسىغا بىر قارىۋېتىپ ئاستا ئۆرۈككە  يامىشىشقا باشلىدى. 
  
بوۋىسىنىڭ زامانىدا تىكىلگەن بۇ ئۆرۈكنى ياغلىق ئۆرۈك دەيتتى، قۇچاق يەتكۈسىز يوغىنىغان بۇ بىر تۈپ ئۆرۈك شاخلىرىنى كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە غورا سالغان بولۇپ ئالا -سېرىق غورىلار يوپۇرماقتىن جىقتەك كۆرۈنەتتى. دېمىسىمۇ بۇ يىل ئۆرۈكلەر شۇ دەرىجىدە ئوخشاپ كەتكەن بولۇپ شاخلىرى تۆت تەرەپكە يېيىلغان ئۆرۈك دەرىخى سۇپىغا يوغان كۈنلۈككە ئوخشاش ياراشقان بولۇپ  ئەتراپقا سايە تاشلايتتى.

 ئۆرۈك ئاستىدا سۇپىنىڭ ئەتراپىغا تىكىلگەن قىزىلگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىشقا باشلىغان بولۇپ، نۇرخان ئانا ئەتىگەندە بامداتتىن كېيىن يىغقان گۈلبەرگىلىرىنى سۇپىغا يوغان ئۆتكەمىنى دۈم قويۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېيىپ قويغان ئىدى. چۈشتە دادۈينىڭ ناۋايخانىسىدىن كېلىپ ئۇنى ھاۋانچىدا  شېكەر بىلەن ئېزىپ گۈلقەنت ياسايتتى.
 
ئۇ كىچىككىنە ۋۇجۇدى بىلەن مايمۇندەك يامىشىپ ئۆرۈككە چىقتى ۋە كۆك تولغاقنىڭ ئۇۋىسىغا يېقىنلاشتى، نەچچە كۈن ئالدىدا يامغۇر ياغقاندا قۇش چاڭگىسىنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويغان ئەنجۈر يوپۇرمىقى يوق ئىدى، كۆك يۈزىگە بىر قارىۋېتىپ تۇخۇمدىن يېڭى چىققان كۆك تولغاق بالىلىرىغا قولىنى يېقىن ئېلىپ كېلىشىگە كىچىك كۆك تولغاقلار ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ چاك ...چاك ...چاك... قىلىپ ئاۋاز چىقىرىشىپ سايراشقا باشلىدى، بىر كۆك تولغاق بالىسىنى قولىغا ئالدى ۋە ئەركىلىتىپ يۈزلىرىگە سۇۋاپ يۇمران پەيلىرىنى سىلىدى. بۇ ۋاقىتتا  بىر جۈپ كۆك تولغاق ئەتراپنى ئايلىنىپ ئەنسىز  سايراشقا باشلىدى. بۇ بىر جۈپ كۆك تولغاق توختىماي چۆرگىلەيتتى ، ئەنسىز سايرايتتى.

 «بۇ ئانا قۇشلار مېنى قاغاۋاتامدۇ نېمە؟» دەپ ئويلىغان ئالىم ئاستا قولىنى تارتتى. ئۇنىڭ ئەقلىگە مومىسىنىڭ: «قۇش ئۇۋىسىنى بۇزسا يامان بولىدۇ، ئۆيى بۇزۇلىدۇ، قۇش بالىلىرىنى ئوينىسا قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، يامان بولىدۇ» دېگەن گەپلىرى ئورناپ كەتكەچكە ئىچىگە بىر قورقۇنچ كىرىۋالدى -دە، قۇش بالىسىنى ئۇۋىسىغا قويۇپ شاخنىڭ ئۇچىدىكى ئالا سېرىق بولغان، بىر تەرىپى قىزارغان ئۆرۈكتىن بىر نەچچە تال ئۈزۈپ ئېلىپ، ئانا قۇشلار ئۈركۈپ قاچمىسۇن دەپ مايمۇندەك چاققانلىق بىلەن ئۆرۈكتىن پەسكە سىيرىلىپ چۈشتى.
 
بىر -ئاز ئاۋۋال يىقىلىپ چۈشكەندە  ھېچكىم بولمىسىمۇ بىرلىرى كېلىپ تەسەللى بېرىدىغاندەك بولۇشىغا يىغلىغان بۇ ئۇششۇق ئەمدى يۈزىنىمۇ يۇماستىن ئېغزىغا كەلگەن سېرىقسۇغا چىدىمىدى -دە قولىدىكى ئۆرۈكنى ئېغزىغا ئاتتى. باغنى چوڭ ئادەمدەك بولۇڭ -پۇچقاقلىرىغىچە بىر چۆرگىلىۋېتىپ ئاندىن قاتار كەتكەن بېھى ياغاچلىرى ئاستىدىكى ئېرىقتىكى سۇدا يۈزىنى يۇدى، يەنە يىقىلماي دېگەندەك ئەنجۈر قېرىمىنىڭ تېمىغا يامىشىپ چىقىپ تام ئۈستىدىن دارۋازلاردەك ئىككى قولىنى ئىككى تەرەپكە كېرىپ ئېچىپ مېڭىپ  ھويلىغا ئاتلىدى. 

ئۇ قازان بېشىدىكى  قويۇلۇپ قېتىپ كەتكەن ئۇماچنى قوشۇق بىلەن ئىچىشكە، توغرىسى ياغاچ قوشۇق بىلەن كېسىپ يېيىشكە باشلىدى. ھەممىسىنى يەپ بولالماي بىر قىسمىنى يوغان قۇيرۇقلىرىنى لەپەڭشىتىپ گوياكى بۇ باغلىق ھويلىنىڭ غوجىسىدەك  يورغىلاپ مېڭىپ يۈرگەن ئاقباشنى ئوينىتىپ ئۇنىڭغا يېدۈرۈشكە باشلىدى.

قولدا بېقىلغاچقا ئوبدانلا قۇيرۇق سالغان ئاقباش نۇرخان ئانىنىڭ يالغۇز قويىنىڭ قوزىسى بولۇپ ھەر يىلى بىر پاقلان بېرىدىغان ئاقباشنىڭ ئانىسىنى ئالىم ئۇيقۇچىلىقتا زىرائەتكە  چاچىدىغان ئازوتنى بېرىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. شۇڭا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قولدا بېقىلغان ئاقباش ئالىم نەگە بارسا ئۇمۇ شۇ يەرگە ئەگىشىپ باراتتى، تېخى بەزىدە ئۇخلاۋاتقاندا ھويلىدىكى يوغان ياغاچ كارىۋات ئۈستىگە چىقىپ ئالىمنىڭ يېنىدا يېتىۋالاتتى، يەنە تېخى ئۆيدىكى داستىخان ئۈستىگىلا ئۈسۈپ كىرەتتى. بەزەن كىگىزلەرگە سىيىپ -چىچىپ ئالىمنىڭ مومىسىدىن تىل -ھاقارەت ئىشىتىشىغا سەۋەب بولۇپ قالاتتى. لېكىن باشقا كىشى يوق بۇ ئائىلىدە ھايۋان بولسىمۇ بۇ موماي بىلەن نەۋرىسىنىڭ سىردىشى ئىدى، بۇ ئىككى كىشىلىك ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىغا  ئوخشاش كوچىغا چىقسا ئارقىدىن بىللە چىقاتتى. ھېچكىم ئارىغا ئالمايدىغان، مەھەللىدىكى باللارمۇ بىللە ئوينىمايدىغان ،توختىماي بوزەك بولۇپ ئاچچىقىدا خەقنىڭ سامانلىقىغا ئوت قويىدىغان بۇ كىچىكنىڭ مەھەللىدىكى ئىسمى' يېتىم ئوغلاق '، 'پومېشچىكنىڭ بالىسى'، 'تۇل خوتۇننىڭ بالىسى' دېگەندەك بويىدىن جىق ئىسمى بار شاكىچىكنىڭ دوستى ئەنە شۇ ئاقباش ئىدى.

 بۇ يالغۇز ئائىلىدە نۇرخان ئانىمۇ ھەر قاچان يۈرىكى پوك- پوك يۈرەتتى، كىچىككىنە بىر ماجىرا بولسا چۆرگىلەپ كېلىپ بۇ بىچارە يېتىم ئوغلاقنىڭ بېشىغا كېلەتتى، خەقنىڭ بېغىغا ئوغرىلىققا كىرگەن مەھەللىنىڭ ئالىقاناتلىرى، ئىگىسى بىلىپ قالغان ھامان ئالىمغا دۆڭگەپ قوياتتى، بۇ ماجىرالارمۇ كېلىپ "كىم چىشتى ؟-غېرىب چىشتى"  دېگەندەك بۇ بىچارىنىڭ بېشىغا كېلەتتى.
 
تېخى نەچچە يىل ئاۋۋال توختىماي "پىپەن" ،كۈرەش قىلىنىپ سازايى قىلىنىدىغان ۋە 1953 – يىلى يەرلىك مىللەتچى، پومېشچىك دەپ قەدىردان يولدىشى ئېتىۋېتىلگەن، ئالىمنىڭ ئاپىسىنى يالغۇز بېشىغا چوڭ قىلغان، يۈرىكىنىڭ جۇلىقى چىققان  بۇ بىچارە ئايال ھەقسىز يەرگىمۇ خەقتىن كەچۈرۈم سورايتتى. ۋە شۇ سەۋەبلەردىنمۇ ئۇنى مەھەللىدىكى ھېچكىم بىلەن ئوينىغىلى قويمايتتى. نۇرخان ئانا مەھەللىدىكى ھەممە قوشنىلىرىغا نەپرەت بىلەن قارايتتى، تۇزكور، يېتىم ھەققىنى يېگەنلەر دەيتتى، بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى بۇلاپ –تالىغان قارا قورساقلار دەيتتى، بەزىدە يوغان كات ساندۇقنىڭ ئىچىدىن كىچىك بىر ساندۇقنى ئېلىپ چىقىپ چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان، قازىخانىنىڭ ئانار نۇسخلىق مۆھۈرلىرى بېسىلغان باغلام - باغلام ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ  تەكرار –تەكرار ئوقۇيتتى. 

بىزنىڭ قەھرىمانىمىز ئۆزىنى ۋە ئاقباشنى تويغۇزغاندىن كېيىن ئۆينىڭ ئارقىدىكى چېقىۋېتىلگەن مەسچىتنىڭ تېمىغا چىقتى ۋە كەڭشىۋە تەرەپكە قارىدى. ئاندىن تام تۆپىسىدە ئولتۇرۇپ يولدىن تېپىۋالغان بىر رەسىملىك كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدى. كىتابتا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان "شىيۈجېڭجۇيى"، "پرولېتارىيات"، "لېنىن" دېگەندەك ئېغىزمۇ تەستە كېلىدىغان  ئاتالغۇلار بولۇپ ئۇنىڭ قىزىققىنى ھەيۋەتلىك سىزىلغان فورما كىيگەن ئەسكەرلەر، قوللىرى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغان، دۈمبىسىگە "ئەكسىلئىنقىلابچى ئۇنسۇر"، "يەرلىك مىللەتچى"، "پومېشچىك" دېگەندەك تاختايلار ئېسىلغان، ۋە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇلغان ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى بولۇپ بۇ رەسىملەردە ئەسكەرلەر ھەيۋەتلىك ھەم يېقىملىق، باغلانغان كىشىلەر بولسا سەت ھەم بەتبەشىرە سىزىلغان ئىدى.

تېخى ئەمدىلا يەتتە ياشقا قاراپ ماڭغان ئالىم ئۆيدە نۇرخان ئانىدىن يوغان- يوغان تېرە تاشلىق ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇشنى ئۆگەندى، قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىنى ئۆرۈك ئوتۇنىدا قىپقىزىل قىزارغان مەشكە قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ نۇرخان ئانىنىڭ يېنىدا پۇشۇلداپ يېتىپ  "سوپى ئاللايار"، "تەزكىرە" ئاڭلاپ ئۆتكۈزەتتى. ھەم ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە ھاممىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناپ يۈرۈپ يېڭى يېزىق دېگەننىمۇ مەكتەپكە كىرمەيلا ساۋاتىنى چىقاردى. ئۇ قولىغا چىققان يېڭى  يېزىقتا بولسۇن ياكى چاغاتاي يېزىقىدا بولسۇن، ھەر قانداق كىتابنى ئوقۇماي قويمايتتى. كىتابتىكى تەسۋىرلەنگەن قەھرىمانلارغا ھەۋەس قىلاتتى. قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرى نۇرخان ئانا بىلەن مەشنىڭ تۈۋىدە مومىسىغا "جەمىئۇتتاۋارىخ" ،"تارىخى ھەمىدى"، "سوپى ئاللايار"، "ھېكمەتنامە"، "يۈسۈپ- زۇلەيخانى" ئوقۇپ بېرەتتى. بەزەندە كىتابتىكى ئاتىلىق غازى، خوجام، دېگەندەك گەپلەرنى سورايتتى. نۇرخان ئانا گومىنداڭ ۋاقتىدا قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇغان،سىددىق قارىھاجىمدىن قارىلىق دەرسى ئالغان، خانىقانىڭ قازىسى، تاغىسى سايىم داموللا ھاجىمدىن ئەرەبچە، پارىسچە ئۆگەنگەن، ئۆز زامانىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئاياللاردىن بولۇپ، تۇڭگان قاچ - قاشلىرى، قارا خىتاينىڭ قېچىشى، شەجو( تۆۋەنگە چۈشۈرۈش) لەرنى كۆرگەن، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا توختىماي پىپەن – كۈرەش قىلىنغان، نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان، ھەمىشە: «بىز ئاق ئۇستىخان خەق، بۇ قارا قورساقلار ئاش يەپ تۇزلۇقۇڭغا سىيىدۇ» دېگەننى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئايال ئىدى. دائىم «نېمە بالا كەلسە قارا قورساقتىن كېلىدۇ» دەيتتى. ئۇ زامانلاردا نۇرخان ئانىنىڭ شۇ گەپلىرىدىن ئالىمنىڭ كاللىسىدا «بىزنىڭ ئۇستىخنىمىز ئاپئاق باشقىلارنىڭ قارا بولسا كېرەك»  دېگەن خىياللاردا يۈرەتتى.

ئۇ تام ئۈستىدە پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ كىتابنى بىردەم ئۆرۈپ –چۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن قولىدىكى كىتابتىن زېرىكتى بولغاي، نېمە قىلسام بولار دېگەندەك ئۇياق –بۇياققا قاراپ تۇراتتى، يوللاردىن پۇرقىرىتىپ توپا توزىتىپ ئىشىك ئالدىغا بىر ھەربىيچە ماشىنا كېلىپ توختىدى. ماشىنىدىن ئىككى ئەسكەر  بىلەن باشلىق بولسا كېرەك بىر ھەربىي خىتاي چۈشتى. بۇلار بىرىنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆڭى ئۆچكەن نۇرخان ئانىنى "شودۈيجاڭ" دەيدىغان نىزامىددىن كىلتاڭ ئالدىغا سېلىپ يېتىپ كەلدى. نىزامىددىن كىلتاڭ تاماكىدىن ساغىرىپ كەتكەن پاسكىنا چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجاراپ بىر دەم نۇرخان ئانىغا بىردەم ئۇ ئەسكەرلەرگە خۇشامەت قىلىپ تەتەسلەپ «يولداشى... يولداشى...»  دەپ بىر نەرسىلەرنى دەيتتى. 
«شىڭزى ياكېشى ! ياكېشى ،يولداشى!» بۇ گەپ ئالىمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايتتى. نىزامىددىن كىلتاڭنىڭ بۇ ھالىتى تولىمۇ كۈلكىلىك ئىدى. شاكىچىك ئۇنى بۇلار كەلمەستە تاپ تۆپىسىدە كۆرگەن رەسىملىك كىتابتىكى ياپونلارنىڭ يېنىدىكى  قولىدا يەلپۈگۈچ تۇتۇۋېلىپ «تەيجۈن... تەيجۈن...» دەپ يالاقچىلىق قىلىدىغان خىتايغا ئوخشاتتى. ۋە توختىماي كۈلەتتى. چىشلىرى توڭكاي، تاماكىدىن سارغايغان، سېرىق ھەربىيچە كىيىمى يوغان كېلىپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان، شەپكىسىگە قىزىل بەش يۇلتۇز قادالغان ئەسكەرلەرمۇ ھىجاراپ "ئەييا" دېسە "ئەييا" دەپ باغدىكى مېۋىلەرگە تال باراڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ نىزامىدىننىڭ باشلىشى بىلەن باغنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدى.

نۇرخان ئانىنىڭ خىيالىدا "يەرلىك مىللەتچى"، "ئەكسىلئىنقىلابچى"، "پومېشچىك" دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ يولدىشىنى ئېتىۋەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ سىماسى گەۋدىلىنەتتى. يىللارنىڭ سورۇقچىلىقلىرىدىن سۇلغان، كېسەل باسقان بۇ ئانىنىڭ ۋۇجۇدى يېنىك تىترەيتتى. يەر ئىسلاھاتىدىن باشلاپ "يەرلىك مىللەتچى"، "ئەكسىلئىنقىلابچى"، "پومېشچىك" دېگەندەك قالپاقلار بىلەن كۆرمىگىنى قالمىغان بۇ ئائىلىنىڭ باغ –ۋارانلىرى نىزامىددىن كىلتاڭدەك تۇزكورلارنىڭ يايلايدىغان جەننىتىگە ئايلانغان بولۇپ، خالىغانچە ئۈسۈپ كىرىپ شاخلىرىنى پۇتاپ، مېۋىلىرىنى ئۈزۈپ چىقىپ كەتسىمۇ ئاۋازىنى چىقارماي دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشاپ كۆنگەن ئىدى. يېتەركى بىر كۆڭۈل ئازارى بولمىسۇن دەيتتى.
 
ماشىنىنى كۆرگەن بولسا كېرەك، قەرز كوپىراتىپتا ئىشلەيدىغان قوشنىسىمۇ يېتىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئايالى نۇرخان ئانىنىڭ جىيەنى بولغاچقا ئەنسىرەپ يولدىشىنى چىقارغان ئىدى. قوشنىسى ئۇلار بىلەن بىر نەرسىلەرنى دەپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن نۇرخان ئانىغا چۈشەندۈرۈپ: بۇلارنىڭ ئۆرۈك ئالغىلى كەلگەنلىكىنى، سەل توڭراق بولۇشى كېرەكلىكىنى يۇرتىغا يەنى كۇلىغا ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى دېدى.

بۇ باغنىڭ ئۆرۈكى، ئەنجۈرى، ئانىرى، بېھىلىرى، قەغەز پوستلۇق ياڭاقلىرى مەشھۇر ئىدى. نۇرخان ئانىنىڭ دەپ بېرىشىچە قارا خىتاي دەۋرىدىمۇ ھاكىملارنىڭ خوتۇنلىرى، قازىلارنىڭ ئاغىچا -خېنىملىرى بۇ باغدا بەراھەت ئويناپ، ھەپتىلەپ تۇرۇپ كېتىدىكەنتۇق. ئۇنىڭ قارا خىتاي دېگىنى گومىنداڭ ئىدى. «يەر ئىسلاھاتى»، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دېگەندەك دەۋرلەردە بۇ باغۇ – بوستاننىڭ غۇلىچى كېتىپ غېرىچى قالغان بولسىمۇ، لېكىن گۈزەللىكى ۋە شېرىن -شەربەت مېۋىلىرى بىلەن داڭقىنى تېخى يوقاتمىغان ئىدى. بۇ باغدىكى بالدۇر پىشىدىغان ئۆرۈكلىرىنىڭ شەھەردىكى باققاللار ئارىسىدىمۇ داڭقى بار ئىدى. ئادەتتە باققاللار ئۆرۈك ياكى باشقا مېۋىلەرنى ئۆزلىرى كېلىپ  ئۈزۈپ، قاچىلاپ كېتەتتى. تېخى ياز بولماستىنلا باغنىڭ ئۆرۈك، شاپتۇللىرىغا ئالدىن پۇل بېرىپ قويۇش ئۈچۈن تىرىشاتتى. بۇنىڭدىن باشقا كىرىمىمۇ بولمىغان نۇرخان ئانا ئۆينىڭ قىشلىق كۆمۈر، گۆش -ياغ چىقىملىرىنى مۇشۇ باغدىن قىلاتتى.

"باغدا بالدۇر پىشار"، "ئاق كىشمىش"، "قىزىل قاچا"، "ياغلىق ئۆرۈك"، "سېرىق كىشمىش"، "خۇۋەينى"، "دارازا"، "خورما"، "ياۋا كىشمىش" دېگەندەك ئۆرۈكنىڭ تۈرىدىنلا ئوندىن جىق تۈرى بار ئىدى. باشقا ئەنجۈر، ئانار، ھەر خىل شاپتۇللار، بېھىلەر، گىلاس -جىنەستە، تاش ياڭاق، قەغەز ياڭاقلار، نەشپۈت -جۈجۈلە، ھەر خىل سورتلۇق ئالمىلار... بۇ باغدىن نېمە دېسە شۇ تېپىلاتتى. ئۈچ يۈز مودىن جىقراق باغنىڭ ھەممىسىنى «گۈيخۇا»، «داجەيدىن ئۆگىنىش»، «يەر ئىسلاھاتى» دېگەن باھانىلەر بىلەن كېسىپ ۋەيران قىلىپ، پەقەت ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئىككى -ئۈچ مو يەردىكى باغلىق ھويلا قالغان ئىدى. ئۆينىڭمۇ ئاساسى قىسمىنى چېقىپ يوق قىلىپ، ياغاچلىرىنى پولات تاۋلاشتا، توپىلىرىنى ئولپاڭ دەپ يەر ئوغۇتلاشتا ئىشلىتىپ يوقاتقان ئىدى. ھازىرقى ئۆي دەپ تۇرۇۋاتقىنى بولسا ئەسلىدە بوۋىسى رەھمەتلىك سالغان مەسچىتنىڭ يېنىدىكى كۇتۇپخانا ۋە دەرسخانا بولۇپ، مەسچىتمۇ ئۆي بىلەن بىللە تۈزلىۋېتىلگەن، پەقەت بىر تېمىلا قالغان ئىدى. يەنى بۇ يەردە بىر ئائىلىنىڭ ئاچچىق قىسمىتى، تراگېدىيەلىرىگە، سەلتەنىتىگە شاھىت بولۇپ ئەسلىدىكى ھويلىنى چۆرىدەپ يوغان -يوغان قۇچاق يەتكۈسىز ئۈجمىلەر، جىگدە ياغاچلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 

مەدەنىيەت ئىنقىلابى تۈگىگەن بولسىمۇ تېخى "پومېشچىك"، "ئەكسىلئىنقىلابچى" قالپىقى چۈشمىگەن نۇرخان ئانا چۈشكىچە دادۈينىڭ ناۋايخانىسىدا نان ئاچسا، چۈشتىن كېيىن ئابدۇكېرىم داموللام بىلەن دادۈينىڭ ماخوسىدا چوشقا باقاتتى. 
نۇرخان  ئانا شامالدا قالغان ياپراقتەك دىر-دىر تىترەيتتى.  ۋە ھەرىكەتلىرى قولاشمىغان ھالدا نىزامىدىن كىلتاڭ بىلەن بىللە باغقا كىرىپ ئەسكەرلەرگە بالدۇر پىشار ئۆرۈكلەرنى كۆرسەتتى. موماي بىلەن نىزامىددىن ئەسكەرلەر ئالا سېرىق بولغان ئۆرۈكتىن يەۋېتىپ «خاۋچى... خاۋچى...» دەپ كۆرسەتكەن ئۆرۈككە يامىشىپ چىقىپ بەش ئون يەشىكنى توشقازدى. شاكىچىكمۇ بوش كەلمىدى ئۇمۇ ھەدەپ بوينىغا ئېسىۋالغان سومكىغا ئۈزگەن ئۆرۈكلەرنى پەستىكى يەشىككە تۆكۈپ يەنە يۇقىرىغا يامىشاتتى. بىر ئەسكەر تېشىدىكى ماشىنىدا ئولتۇراتتى، بىرى باغنىڭ ئۇ بولۇڭ بۇ بۇلۇڭلىرىغىچە بېرىپ مېۋىلەرنى، دەرەخلەرنى كۆرۈۋاتاتتى قوشنىسى بولسا ئەسكەرنىڭ باشلىقى بىلەن باغنىڭ ئىچىدە مېۋىلەرنى تونۇشتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئۇ مەھەللىدىكى ئەتىۋارلىق كىشى ئىدى، قەرز كوپىراتىپتا بولغاچ بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرگە قەرز تارقىتاتتى، خىتايچە بىلەتتى، ھەممە كىشى ۋاي دەيتتى. 

دەرەخ ئۈستىدە ئۆرۈك ئۈزۈۋاتقان نۇرخان ئانا باغدا چۆرگىلەپ يۈرگەن بىر ئەسكەرنىڭ باغنىڭ بۇلۇڭىغا ھاجەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ۋە پەس ئاۋازدا غوتۇلداپ يۈرۈپ بىلگەن قارغاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆكتى، ۋە ئالىمغا قاراپ: « ماۋۇ چوشقىلار كەتكەندىن كېيىن چىچىپ قويغان يېرىنى كەتمەن بىلەن چوڭقۇر كولاپ يىراققا ئاپىرىپ تاشلىۋەت ، خىتاي چىچىپ قويغان يەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ» دېدى.
.................................................
 
ئاپتوبۇسنىڭ ماي قاچىلاش ئورنىغا كېلىپ توختىشى بىلەن خىيالدىن ئويغانغان ئالىم «توۋا! نېمە دېگەن توغرا گەپ ...» دەپ ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلىدى، ۋە  باشقا يولۇچىلارغا ئەگىشىپ ماشىنىدىن  چۈشۈپ ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى دۇكاندىن بىر قەھۋە ئالدى. ئۇ قەھۋەنى ئالغۇچە ماشىنىنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە بىر ئايال كېلىپ ياردەم قىلدى. ۋە گېرمانچە ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ يەرنى باسساڭ بولىدۇ دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ قولىدىكى قەھۋە ئىستاكىنىنى چىڭ سىقىمداپ، ماي قاچىلاش ئورنىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن قويۇلغان ياغاچ ئورۇندۇققا كېلىپ قىچا چېچەكلىرى بىلەن پۈركەنگەن گۈزەللىككە قاراپ كۆكسىنى تولدۇرۇپ -تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى. ۋە: «توۋا...» دېدى ئۆز -ئۆزىگە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر بىر ماي قاچىلاش ئورنىنىڭ ئېگىز تۆمۈر رېشاتكىلار بىلەن ئورالغىنىنى، ماي قاچىلاشتىن بۇرۇنقى كىملىك تەكشۈرۈشلەرنى، ماشىنىدىكى شوپۇردىن باشقىلارنىڭ چۈشۈپ تېشىدا ساقلاشلىرىنى، ساقچىلارنىڭ ماشىنىنىڭ ئىچى -تېشىنى،ساندۇقلىرىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ ئاختۇرۇشلىرىنى خىيال قىلدى.

يولۇچىلار چاي -قەھۋەلىرىنى ئىچىپ بولۇپ  بىر-بىرلەپ ئاپتوبۇسقا چىقىشقا باشلىدى. ئاپتوبۇس گېرمانىيەنىڭ كارلسۇرۇخ شەھىرىگە يېقىنلاشقان ئىدى. ئالىم بېشىنى دېرىزە ئەينىكىگە قويۇپ ئۇزاقلارغا قاراپ ئاستا – ئاستا يەنە ئۆتمۈشكە قايتتى...

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ياشقىچە بولغان ھاياتىنىڭ ئاساسەن يوللاردا، ئاپتوبۇسلاردا، پويىزلاردا، ئايروپىلانلاردا ئۆتكىنىگە ئۆزىمۇ ھەيران قالغان ئىدى. كۇچادىن چىقىپ ئانا ۋەتىنىنىڭ بولۇڭ -پۇچقاقلىرىغىچە، ئاندىن ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن ياۋروپاغا، يەنى دۇنيانىڭ ئۇ ئۇچىدىن بۇ ئۇچىغىچە يوللاردا ئۆتكەن ئىدى. گاھ تارىمنىڭ قۇمساڭ يوللىرىدا ئات -ئېشەك ھارۋىسىدا، گاھ بېيجىڭ - شاڭخەيلەرنىڭ پوق -سۈيدۈك پۇرايدىغان، ئەخلەتخانىغا ئوخشايدىغان مەينەت پويىزلىرىدا، گاھ نازىنىن مۇلازىملارنىڭ نازاكەت بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئايروپىلاندا ئۆتكەن ئىدى. خۇددى چوڭلارنىڭ دېگىنىدەك «چىقمىغان دۆڭ ،كىرمىگەن گۆر» قالمىغان ئىدى.

ئۇ تاڭ نۇرى گېزىتى پاش بولغاندىن كېيىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە بېيجىڭدىكى ئاشخانىلاردا كۈل تارتتى، قاچا يۇدى. قەشقەر، خوتەندىكى مازارلاردا ،يەكەندىكى چىلتەنلىرىمدە تۈنىدى. قوناق ئېتىزلىقلىرىدا ئۇخلىدى. خەقنىڭ خامانلىرىدا ئىشلىدى. يۈك توشىدى، كوچىلاردا يايما ئاچتى... كۆرمىگەن ھېچبىر مۇشەققەت قالمىغان ئىدى. ئەمما ئۆز-ئۆزىگە غۇرۇر بېرىدىغىنى گېزىت چىقارغان چاغدىكى ھېچبىر سەپدىشىنى ساتمىدى. پۈتۈن مۇشەققەتنى ئۆزى چەكتى، ھەممىنى ئۈستىگە ئېلىپ سەرگەردانلىقىنى تاللىدى، ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ساۋاقداشلىرى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا  ئوقۇيالىدى.

ئانىسى رەھمەتلىكنىڭ ئارزۇ -ئىستەكلىرى بويىچە سەككىز بالىنىڭ بىرى بولغان ئالىم بۇ داۋا يولىغا زاكات بولۇپ، بۇنىڭدىنمۇ باشقا تاللىشى بولمىدى. ھەتتا نەچچە ئون مىليوننىڭ ئىگىسى بولۇپ زاۋۇت -شىركەت ئاچقاندىمۇ بۇ يولدىن ۋاز كەچمىدى....................... 

ئۇ ئاپتوبۇس ئەينىكىگە بېشىنى قويۇپ ئۇزاقلاردىكى ھۈپپىدە ئېچىلغان قىچىلىققا قاراپ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم سەرگەردانلىققا ئاياق باسقاندا ئاپتوبۇستا قانداق يولۇچى بولغانلىقىنى ئويلاپ پىسىڭڭىدە مىيىقىدا كۈلدى.


كۆپ كۆرۈلگەنلەر