ئۇيغۇر مەدەنىيتى

تۈركيە كېلەچەك پارتىيىسى، سابىق تۈركيە باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

by 1493 - May 09, 2021 0 Comment

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 5- ماي

 

ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ بۈگۈن تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر كۈندە كەلگەن، خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك تەبرىكلىنەلمىگەن دوپپا بايرىمىنى، ئەركىن تەبرىكلەيدىغان كۈنلىرىنىڭ كېلىشنى تىلەش بىلەن تەبرىكلەيمەن.

 

تۈركيە كېلەچەك پارتىيىسى باياناتچىسى سەلچۇق ئۆزداغمۇ ئوخشاش ئۇچۇرنى تارقاتتى.

 

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەسئۇللىرىدىن ئابلىمىت قاراخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەسئۇللىرى ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرغان ۋە دوپپا تەقدىم قىلغانىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر