تارىخ ۋە ئەسلىمە

مەشھۇر ئىنقىلابچى، سىياسىيون مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى ئەسلەيمەن

by Arman - Jun 15, 2022 0 Comment

مەشھۇر ئىنقىلابچى، سىياسىيون مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى ئەسلەيمەن


ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

1-بۆلۈم


بۈگۈن 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مەشھۇر ئىنقىلابچى، سىياسىيون، پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاتىغان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم ۋاپات بولغانلىقىغا 57 يىل بولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنى چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئىتىمەن.




مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1901-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھەردە مۆتىۋەر دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى فەھىردىن ھاجىم خوتەننىڭ مۆتىۋەر دىنىي ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كىچىك چېغىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئانىسى سەكىنە بانۇ خانىم، 1865-يىلى خوتەن مۇستەقىل خانلىقىنى قۇرغان ئابدۇراھمانخان پاشانىڭ نەۋرىسى ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 9 يېشىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى، 21 يېشىدا خوتەن ۋە قاراقاشتىكى مەدرىسىلەردە يۈكسەك دىنىي ئىلىمنى ئىسلام بىلىملىرى ساھەسىدە پۈتتۈرىدۇ. 1922-يىلدىن 1933-يىلىغا قەدەر خوتەن ۋە قاراقاشتا قۇرئان تەپسىرى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدە باش مۇدەررىسلىك ۋەزىپىلىرىدە بولىدۇ. ئۈستۈن ئىلمىي قابىلىيىتى ۋە يېقىملىق شەخسىيىتى بىلەن قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئەتراپتا نام قازانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلىرىغا بېرىلىدىغان «ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى. بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر خەلقى مەرھۇمنى « ھەزرىتىم» ئۇنۋانى بىلەن يادا ئەتمەكتە.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ياش چېغىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە ۋە پارىسچە شېئىرلارنىمۇ يېزىپ قەلەمدىمۇ يىتىشكەن بولۇپ شۇ دەۋرلەردە تەشەببۇس قىلىنغان مائارىپتا يېڭىلىق كۆچۈش ھەرىكىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. مائارىپتا يۈرگۈزۈلگەن يېڭىلىق ۋە ئىسلاھاتچىلىق تەرەپدارلىرى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇ زاماننىڭ مۇتەئەسسىپ كىشىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ چەتكە قېقىلغان.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاراقاشتا ياش مۇدەررىس ۋە تالىپلارنى تەشكىللەپ، زالىم مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇمى، مىللىي تەڭسىزلىكى ۋە ئېزىشلىرىدىن خەلقىمىزنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش يولىدا چارە-تەدبىر ئىزدىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىشىنى ئالدى بىلەن ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن باشلايدۇ. شۇ چاغلاردىكى ئىجتىمائىي مۇھىتلاردىكى ناھايىتى يېتەرسىز ۋە ئاز ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا خوتەندىن ھىندىستانغا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەرلەر ۋە ئەرەبىستانغا بارغان ھاجىلار بىلەن تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى قىزىقىپ ئاڭلايدۇ. بۇ كىشىلەر چەتئەلدىن ئېلىپ كەلگەن گېزىت-ژورناللارنى ئوقۇپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولىدۇ. نەتىجىدە كۆڭلىدە، ئۆز ۋەتىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش زوقى تۇغۇلىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي 1930-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، بۇ جايلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى ۋە خەلقنىڭ روھى ھالىتى قاتارلىق ئىستىراتىگىيىلىك ۋەزىيەتنى ئۆزى بىۋاستە كۆرۈپ ئۆگنىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ. دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتە مۆتىۋەر يەنى 1933-يىلدىكى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت داموللام قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كۆپ پىكىرلىشىش نەتىنجىسدە، مىللىي ئازاتلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتىدە قوراللىق مىللىي ئىنقىلاپتىن باشقا چارە يوق، دېگەن تونۇشقا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن 1930- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خوتەندە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا رەھبەرلىكىدەە بىر يۇشۇرۇن << مىللىي ئىنقىلاب >> تەشكىلاتى قۇرۇپ چىققان.  1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا سابىت داموللام بىلەن بىرلىكتە تەشكىلات ئادەملىرىنى ئوۋ مىلتىقى، قىلىچ، چۇماق قاتارلىق قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇپ سەھەر سائەت بەشتە قاراقاش ناھيىسىدىكى خىتاي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قاراقاش ناھىيسىنى قولغا ئالىدۇ ۋە داۋاملىق ئىلگىرلەپ خوتەننىڭ باشقا يەرلىرنىمۇ قولغا كەلتۈرۈدۇ. ھەمدە 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەندە << خوتەن ئىسلام ھۈكۈمىتى >> نى قۇرىدۇ. ئۈزى بۇ ھۈكۈمەتنىڭ باش قۇماندانى بولىدۇ.



خوتەن ھۈكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئىش بىجىرىش ئورۇننى تەسىس قىلش ئۈچۈن سابىت داموللامنى قەشقەرگە ئەۋەرتىپ 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. خوتەن ھۈكۈمىتى 1934-يىلغا كەلگەندە مىلتارىست تۇڭگان ماخوسەننىڭ ھۇجۇملىرىدا مەغلۇپ بۇلۇپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدۇ. ھىندىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چىگىرداش بولغان پامىر ۋە ۋاخان تاغلىق رايۇنلىرىدا قۇراللىق يىغىلىش ۋە ۋەتەنگە قايتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ  شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئۇرشىغا تەييارلىق قىلدۇ. بۇ جەرياندا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا << ئابدۇللاھخان ياركەندى >> دىگەن ئىسىمنى قوللىنىدۇ.  قۇرال ياراقلارنىڭ ھازىرلىقىنى قىلىش ئۈچۈن بىر مىليۇن سەر كۈمۈش سەرىپ قىلىپ ئافغانىستاننىڭ چىگرا رايۇندىكى  ۋاخان قەبىللىردىن قۇرال -ياراق ۋە 1000 كىشلىك ئاتلىق بىر ئەتىرەتنىڭ ياردەم بىرىشى ئۈچۈن توختام تۈزىدۇ.  ئەمما ئافغان قەبىلىسى كىلشىمگە خىيانەت قىلىپ ۋەدىسدە تۇرمايدۇ. ئۇ يىللاردا غەربى تۈركىستاننى بېسۋالغان روسلار ۋە ھىندىستاندا ئەۋج ئالغان مىللىي ئازاتلىق ھەركەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشگە چۈشكەن ئىنگىلىزلار ئۆز چىگىرىلىرى ئەتراپىدا ئوتتۇرغا چىققان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھەركىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدۇ. نەتىنجىدە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا چىگرا ئەتراپىدىكى ئاكتىپ ھەركەتلىرىنى توختۇتۇپ بىتەرەپلىك سىياسىتى ئىجىرا قىلۋاتقان ئافغانىستانغا چىكىنىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ ۋە 1942-يىلغا قەدەر سىياسى مېھمان سۈپتىدە كابۇل شەھرىدە تۇرىدۇ. بۇ جەريانىدا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا كابۇلدىكى ياپۇنيە ئەلچىخانسى بىلەن مەخپى ئالاقە قىلىشنى باشلايدۇ. 1936-يىلى ياپۇنيە كونسۇنخانسىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ياپۇنيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كىتادا ئەپەندى بىلەن كۈرشۈپ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ئۈچۈن ياپۇنىيە ھۈكۈمىتىدىن ھەربى ياردەم سورايدۇ ۋە ياپۇنىيە ھۈكۈمىتى بىلەن كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۈرۈش كاردۇرى  ھەققىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش يۇلىدا داۋاملىق ئىزدىنىدۇ.  باش ئەلچى كىتادانىڭ ياپۇنيە ھۈكۈمىتىگە شەرقى تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك يوللىغان 1000 بەتلىك تىلگىرامىلردىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ  ماتېرىياللارنى كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ. ئافغانىستاندىكى ۋاقتىدا ئۈزىنىڭ كاتتا ئەسىرى << شەرقى تۈكىستان تارىخى >> دىگەن ئەسىرىنى يېزىپ چىقىدۇ.  مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئافغانىستاندا تۇرۋاتقان مەزگىلىدە يەنى 1940-يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مىللەتچى خىتاي يەنى گومىنداڭ ھۈكۈمىتى خىتاي مۇسۇلمانلىرى دوستلۇق ھەيتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئافغانىستانغا كىلدۇ ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن كۈرشىدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ بىر پىكىرگە كىلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەيسا يۈسۈپتىن جىياڭ جېشىغا خەت ئىۋەرتىپ ئۈزنىڭ ھىندىستانغا كىلىپ خىتاي-تۈركىستان ئورتاق مەنپەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلشىغا قۇشۇلىشنى تەلەپ قىلدۇ. ۋە جىياڭ جېشىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن 1942-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ھىندىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھرىگە كىلىدۇ ۋە كالكۇتتادىكى خىتاي مەركىزى ھۈكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىسى پاۋ ئەپەندى بىلەن كۈرشىدۇ. خىتاي باش ئەلچىسى پاۋ ئەپەندى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ھىندىستاندا تۇرۇپ خىتاي تۈركىستان ئورتاق مەنپەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلشىغا خىتاي مەركىزى ھۈكۈمىتى تەرپىدىن رەسمى بۇيرۇق يوقلىقىنى باھانە قىلىپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى  تىزراق خىتايغا كىتىشنى تەلەپ قىلدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتايغا بېرىشنى رەت قىلدۇ. بۇ سەۋەب بىلەن كونسۇل مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى خىتايغا قارشى ھەركەت قىلدى دىگەن گۇمان بىلەن ھىندىستاندىن چىقىرۋېتىشكە ھەركەت قىلدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستان ساقچى تەرەپ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى بىر نەۋرە ئىنسى ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن قۇشۇپ پىشاۋۇر مەركىزى تۈرمىگە قامايدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەنگىليە ھۈكۈمتىگە بىر قانچە قېتم مۇراجىئەت قىلىپ ئۈزنىڭ نىمە جىنايەت بىلەن قامالغانلىقىنى سورايدۇ. ئەنگىليە ھۈكۈمىتى ئۇنىڭ ھىندىستاندىن چىقىپ كىتىش شەرتى بىلەن تۈرمىدىن قۇيۇپ بىرىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئەنگىليە ھۈكۈمىتى ئۇنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىگە مۇراجەت يېزشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاخىرى ئايالى ئامىنە بۇغرا خانىم جىياڭ جېشى،ئەيسا يۈسۈپ ۋە باشقا ھۈكۈمەت ئادەملىرىگە مۇراجەت يازدۇ. نەتىنجىدە جىياڭ جېشىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتاي باش كونسۇلىنىڭ كاپالەت بىرشى نەتىنجىسدە، 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى قاماقتىن بۇشتىلىپ كالكۇتتىكى خىتاي باش كونسۇلىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 1943-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئايرۇپىلان بىلەن چۇڭچىڭ ئايرۇدۇمىغا يىتىپ بارىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ باشلىق يۇرتداشلار ۋە گومىداڭنىڭ يۈزگە يېقىن ئەمەلدارلىرى ئايرۇدۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالىدۇ. جىياڭ جېشىمۇ مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭ ئۈزنىڭ يۇرتى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەيدۇ ۋە چۇڭچىڭدا تۇرۇپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بىرىدۇ.

2-بۈلۈم

 

مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا چۇڭچىڭغا كەلگەندىن كىيىن ئەيسا يۈسۈپ  ئالىپتېكىن، مەسئۇد سەبىرى قاتارلىقلار بىلەن يۇرتداشلار جەمئىيتىنى قۇرۇپ سىياسى ساھەدە بىرلىكتە كۈرۈش قىلدۇ. خىتاي خەلقىگە تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بېشىدىكى گۇمىنداڭ پارتىيىسىنىڭ تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان <<خىتاي مىللەتچىلىك>> سىياسىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتايچە چىقىدىغان گېزىت، ژورناللاردا ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدۇ. بۇ ماقالىلار خىتاي خەلقى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغايدۇ . مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ قەلەم كۈرەشلىرى داۋامىدا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ماقالىلاردىن بىرى 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى <<داگوڭباۋ>>دا ئېلان قىلىنغان << شىنجاڭ ئەمەس تۈركىستان>> ۋە << تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر>> دېگەن مەۋزۇلاردىكى ماقالىلار ئىدى.

 ئىلمىي بەس-مۇنازىرە شەكلىدە داۋام قىلغان بۇماقالىلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئاتاقلىق خىتاي مىللىيەتچى تارىخ ئالىمى لى دوڭفاڭنىڭ تۈركىستاننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ، ئوتتۇرىغا قويغان <<داگوڭباۋ>> دىكى ماقالىسىغا رەددىيە بېرىپ يېزىلغان ماقالىلىرى ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىلمىي ئاساستا ۋە پۈتۈنلەي خىتاي تارىخى ماتىرىياللىرىنى پاكىت قىلىپ رەددىيە بەرگەن بۇ ماقالىلىرى ئالدىدا لىدوڭفاڭ جاۋاپسىزقالدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمىي ۋە ئاشكارا مۇنازىرىلەر خىتاي پارلامېنتىدا، خىتاي خەلقىنىڭ داھيسى سۇنجۇڭسەننىڭ ئوغلى دوكتۇر سۇنفۇ باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان تۈركىستان داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر گۇرۇپنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

 خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىدىن تارىخشۇناس جيەن بوزەن، تىلشۇناس گومورۇ قاتارلىقلار مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى يوقلاپ كېلىپ ئۇنى  تەبرىكلەيدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1943- يىلى خىتاينىڭ ئاساسى قانۇن تۈزۈپ چىقىش قۇرۇلتىيىغا سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەكلىپ لاھىيەسىنى بېرىدۇ. بۇ تەكلىپ لاھىيەسىنىڭ مۇھىم ماددىلىرىدا << شىنجاڭ >> دىگەن سۆزنى << تۈركىستان >> دەپ تۈزىتىشنى ھەمدە تۈركىستان مىللىتىنىڭ <<تۈرك>> ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ قەلەم كۈرشى نەتىنجىسدە چىڭدۇ شەھرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى نامايىش قىلىپ ھۈكۈمەتكە 9 مادىلىق تەلەپنامە سۇنىدۇ. 9-مادىسدا تۈركىستانغا مۇختارىيات بىرىش تەلەپ قىلىندۇ.  

1945-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن. مەسئۇت سەبىرى قاتارلىىقلار بىرگە 16 مادىلىق بىر لاھىيە تەييارلايدۇ. بۇ لاھىيەنىڭ ئاساسى مەقسىتى تۈركىستاننىڭ مىللي مۇختارىيات تەلىبى، تۈركىستاندىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن تۈركىستان ۋە خىتايغا پايدىلىق سۈلھى قىلىش تەلىبى ۋە تۈركىستاننىڭ سابىق زالىم ۋالىيسى شىڭشىسەيگە جازالاش تەلەبلىرى ئىدى. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان تۈزۈمدىكى گۇمىنداڭنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا بۇ لاھىيە ئوقۇلۇپ قۇبۇل قىلىندۇ. 4 -ئاينىڭ 18-كۈندىكى يىغىندا شىڭشىسەينىڭ جىنايەتلىرى ئوقۇلغاندا ھەر تەرەپتىن:<< شىېڭ شىسەيگە ئۆلۈم >> دىگەن ئاۋازلار ياڭراشقا باشلايدۇ. شىېڭ شىسەي ئۈزنى ئاقلاش ئۈچۈن سۆز تەلەپ قىلىدۇ. مەجلىس ئەزالىرى شىېڭ شىسەيگە :<<سىنىڭ سۆز قىلىش ھەققىڭ يوق، شىېڭ شىسەيگە ئۆلۈم >> دەپ شىېڭ شىسەيگە ھۇجۇم قىلدۇ.

 ئامانلىق ساقلىغۇچىلار مەجلىسكە كىرىپ ھۇجۇمنى توختىتىدۇ ۋە شىېڭ شىسەينى مەجلىستىن ئېلىپ چىقىپ كىتىدۇ. جىياڭ جېشى بۇ لاھىيەدىكى مۇختارىيات ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مادىلارنى ئۆچۈرۈپ << تۈركىستان خەلقىنىڭ تىلغا ۋە دىنىغا ھۆرمەت قىلىندۇ،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي ئىشلىرىغا ياردەم قىلىندۇ دەپ يېزىپ لاھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرنى قوللىنىدۇ. ھەتتا شىڭشىسەي بولسا تۈركىستاننى مەركىزى ھۈكۈمەت ئۈچۈن قوغدىغان ۋە مەركەزگە 50 مىڭ سەر ئالتۇن بەرگەن بىركىشدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ھەركىتى خاتا دەپ شىېڭ شىسەينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلايدۇ. جىياڭ جېشى تۈركىستانغا قارشى قارار چىقارماقچى بولغاندا مەجلىستىكى تۈركىستان ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەجلىسنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىنى (بايقۇت قىلىشنى) قارار قىلغاندا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىتاي دۆلەت باشلىقى قاتناشقان قۇرۇلتايدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ چىقىپ كىتىدۇ.

1945-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا تۈركىستانغا كىلىدۇ. تۈركىستاندا ۋەزىيەت بەكمۇ ئېغىر ئىدى. گۇمىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى تۈركىستان مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي ئىككىيۈزلىمىچىلىك سىياسەت يۈرگۈزمەكتە ئىدى. ئىشلار ئېغىزدا بىر خىل ۋە ئەمەلىيەتتە باشقا بىر خىل ئىجرا قىلىنماقتا ئىدى. ۋەدە قىلىنغان ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسى قەغەز يۈزىدىلا قالدى. خىتاي ھاكىمىيىتى تۈركىستان خەلقىنى ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا قاتارىدا تۆۋەن كۆرۈپ ھاقارەتلەپ مۇئامىلە قىلاتتى. تۈركىستاننىڭ مىللىي بايلىقىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق تالان-تاراج قىلىپ ئىچكىرىگە توشۇماقتا ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى پائالىيەت باشلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي ئويغىنىش، مىللىي سەۋىيىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئاقارتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

خىتايدىن يېڭى قايتىپ كەلگەن سەبداشلىرى مەسئۇد سابىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر بىلەن بىرلىكتە ئالتاي نەشىرىياتنى قۇرۇپ <<ئالتاي ژورنىلى>> ۋە <<ئەرك>>  گېزىتى چىقىرىپ مىللەتنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇردۇ. بۇ پائالىيەتلەر قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋەزىيەتتە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستاندا بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ << تۈركىستان مىللەتچى پارتىيىسى>> نى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ پارتيىنىڭ سىياسى پىرىنسىپى – ھازىرچە تۈركىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇمۇمى مۇداپىئەسى مەركىزى ھۈكۈمەت گومىنداڭنىڭ ئىدارە قىلشىدا بۇلۇپ، باشقا ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئىرادىسغا ئېلنىش مەنىسگە كىلدىغان ئالىي مۇختارىيات ئېلىش، بۇ مۇختارىيات سايىسدا تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىي،سىياسى ۋە ئىقتىسادى سەۋىيىسنى مۇستەقىلىققا لايىق بىر دەرجىگە كۈتۈرۈش. ئىككىنجى قەدەمدە، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. گۇمىنداڭ ھۈكۈمىتى بۇ پارتىينى رەسمى ئېتىراپ قىلمىسمۇ، <<مىللەتچى گۇرۇپپا >> ئىسمى بىلەن بىلمەكتە ئىدى. گېنىرال جاڭ جىىجۇڭ قاتارلىقلار مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى <<تۈركىستاننىڭ گەندىيسى>> دەيتى، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى ۋە قاتتىق كونتىرۇل ئاستىغا ئالاتتى. 1946-يىلى10-ئاينىڭ 4-كۈندىن 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ قەشقەر،يەكەن ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە قىلغان سەپىرى جەريانىدا ،قايسى شەھەرگە بارسا تۇلۇق ۋە يېرىم ھەربىي ھالەت ئىجىرا قىلىپ ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ خەلىقنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلشىنى چەكلەيدۇ. خوتەندە سايلام ئىشىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بارغاندا خىتاي ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن پىلانلانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى ئۆلتۈرىۋېتىش سۈيىقەست پىلانى پاش بولۇپ قالدۇ. كېرىيىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى قارشى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلغان خەلق ئۈستىگە خىتاي ئەسكەرلىرى ئوق چىقىرىپ يەتتە كىشىنى ئۆلتۈردۇ.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،شەرقى تۈركىستاندا 1947- يىلى قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە تەمىرات نازىرلىقىغا تەيىلىندۇ. شۇنداقلا << ئەرك >> گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئىلمىي ھەيئەت رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈتەيدۇ. ئۈرۈمچى دارىلفۇنۇندا پەخرى پروفىسور ئۇنۋانى بىلەن دەرس بېرىدۇ ۋە بىر قانچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلاتلار بېرىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت تارىخىدا تۇنجى قېتىم << ئاتوم ئېنىرگىيسى >> ئۈستىدە ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەپ، كۆپ تەسىر قوزغايدۇ. 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەينلىندۇ.

 

3-بۈلۈم

 

1949-يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندا ئائىلىسى ۋە بىر قىسىم سەپداشلىرى بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىككىنچى مۇھاجىرەت ھاياتى باشلىندۇ. بۇ جەرياندا خىتاي كومۇنىست ھۈكۈمىتىنىڭ دەھشىتىدىن ۋەتەننى ۋە بار-يوق ھەر نەرسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق كەشمىرگە يىغىلدۇ. بۇلار ئۈچۈن دەرھال بىر ئىنسانىي ياردەم، يەنى، يېمەك-ئىچمەك ۋە يېتىپ قوپقىدەك بىر ماكان تېپىش ئىنتايىن زۈرۈر ئىدى. غەربىي تىبەتتە يەنە، نەچچە يۈز كىشى پانا تىلەپ، چېگرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن توپلانغان ئىدى. ئۇلار ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە چېگرىنى توسۇپ تۇرۇۋاتقان ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغان بۇلۇپ، مانا بۇلارنى دەرھال ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تېپىش مۇھاجىرلىرىمىز ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق بىر مەسىلە ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەھۋالغا كۆرە، بەزىدە << تۈركىستان مىللەتچى پارتىيىسى باشلىقى>> <<سابىق تۈركىستان ئومۇمى ۋالى مۇئاۋىنى>> ۋە بەزىدە <<پاناھلىق تىلەپ چىققان يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىلى>> سۈپىتىدە كەشمىر ھۆكۈمەت ئەرباپلىرى بىلەن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىلەن ئالاقە باغلاپ، مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردۇ. ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە باشقا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان جاپالىق تىرىشچانلىقلىرى قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە نەتىجە بىرىدۇ ۋە مۇھاجىرلار ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە ئېرىشدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىماس قىلىپ، مۇھاجىرلىرلارنى تۈركىيىگە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدۇ. 1952- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كابىنېتى رەسمى قارارنامە ماقۇللاپ 1850 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق پانالىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى << كۆچمەن>> سۈپىتى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداقلا 1949- ۋە 1952- يىللىرى ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتىنى مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1952- يىلى تۈركىيەگە كىلدۇ ۋە 1955- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىغا ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىت، دۇنيادا <<سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش>>نىڭ تازا ئەۋج ئالغان دەۋرى بولۇپ، تۈركىيە <<غەرپ دۇنيا >> سېپىگە مەنسۇپ بولغان ۋە كورىيە (چاۋشيەن) ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇ ۋەزىيەتتە سوۋىت ئىتىپاقى ۋە خىتاي كومۇنىستلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە غەربىي تۈركىستانلىق، كافكازىيە، ئىدىل-ئورال ۋە ئەزەربەيجانلىق مىللىي رەھبەرلەر بىلەن <<تۈرك بىرلىكى>>، <<تۈرك ئورتاق فرونتى>> غا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ 1953- يىلى ئىستانبۇلدا، تۈركچە << تۈركىستان >> ئىسىملىك ئايلىق ژورنال چىقاردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاسى ۋە جاپالىق كۈرەشلىرىنى تۈرك خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىشلىدى.

1954-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى  چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا  يۇسۇپ ئالپتېكىنىنىڭ  باشچىلىغىدا بىرىنچى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە «ھىجاز قۇرۇلتىيى» نى ئاچىدۇ. قۇرۇلتاي بىر ھەپتە داۋام قىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك قارارلار ئېلان قىلىندۇ.

قۇرۇلتايغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق قوللىشى ئاساسىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۇسۇپ ئالپتېكىندىن ئىبارەت ئىككى يول باشچىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى كۈرەش يولىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق لېدىرلىق سالاھىيىتىنى بىردەك ئىتىراپ قىلىش ۋە ئاشۇ لېدىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش. بۇ ئارقىلىق تەيۋەن ھۆكۇمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بارلىق كۈرەشلىرىنى مۇستەققىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش دەپ ئىتىراپ قىلىشىنى ئوتتۇرغا قويۇش. ئەگەر تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇ ھەققانى تەلەپنى رەت قىلسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەققىللىق داۋاسىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» غا سۇنۇش يولى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەققانى داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش يولى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۇرۇپ، مىللەتچى تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەققىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش2. بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقاندا بىر تەشكىلات ۋە ياكى بىر شەخس تەيۋەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئاشكارە ۋە مەخپى ئۆز نامىدا ئالاقە ئورناتماسلىق ۋە شەخسى نامىدىن ئىقتىسادى ياردەم قوبۇل قىلماسلىق
سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە ھىجازدىكى تۈركىستانلىقلارغا قىلغان ياخشلىقلىرىغا رەخمەت ئېيتىش ۋە تۈركىستان خەلقىنىڭ داۋاسىنى ئىسلام ئەللىرىگە قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش يۇزسىدىن بىر ئۆمەك ئەۋەتىش
تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈركچە، ئېنگىلىزچە،پارىسچە، ئەرەبچە تىللاردا نەشىر قىلىنىدىغان«تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژورناللارنى چىقىرىش ۋە بۇ ژورنالنىڭ ئىقتىسادى چىقمىنى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاردىن توپلاش.
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا  1956- يىلى <<تۈركىستان ئاۋازى>> ناملىق ژورنالنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى چىقىرىدۇ،  ئەرەپ ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلىتىدۇ، ھەمدە <<ئازاتلىق رادىيوسى>> ۋە <<ئامېرىكا ئاۋازى>>قاتارلىق رادىيولاردا تۈركچە، ئەرەپچە ۋە پارىسچە نۇتۇقلارنى سۆزلەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ.


1952-يىلدىن باشلاپ، دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەككە، باغدات، كاراچى، تېھران ۋە قاھىرە قاتارلىق يىغىنلىرىغا قاتنشىدۇ.1958-يىلى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ سەرپ قىلدى.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا مەيلى ياش تالىپ ياكى مۇدەرىسلىك چاغلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئۈرۈمچىدە، چوڭچىڭدا، مەيلى كەشمىردە، پامىر تاغلىرىدا بولسۇن، ئەنقەرەدە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە بولسۇن، ئۇيغۇرچە-تۈركچە، ئەرەپچە، پارىسچە، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ۋە ئېلان قىلىنمىغان 1400 مىسراغا يېقىن شېئىرلىرىدا باشتىن-ئاخىر قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنىڭ پاك ۋىجدانىنى، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشتەك جەسۇر روھىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ پامىر تاغلىرىدىكى سەپىرى جەريانىدىكى جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان ئېپىك داستانى، <<شۇڭقارىم>> ناملىق لېرىك شىئىرى، <<ۋەتەن بىزنىڭدۇر>> قاتارلىق شىئىرلىرى خەلقنىڭ قايغۇسى بىلەن تەڭ قايغۇرۇپ، خەلقنىڭ دەردى بىلەن تەڭ يىغلايدىغان ئىچكى روھى دۇنياسىنى ئېچىپ بەرسە، <<ئويغان مىللەت، سىلكىن، توپلان!>> قاتارلىق جەڭگىۋار شىئېرلىرى مىللەتنى ھۆرلۈك، ئازاتلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشكە قىلىشقا چاقىرىدۇ. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا پۈتۈن ھاياتىنى ۋەتەن،مىللەتنىڭ ئازاتلىقىغا ئاتىغان ھەقىقى ئىنقىلابچى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يولىدىكى ھاياتى جاپا مۇشەقەتلىك، تىللاردا داستان بولىدىغان، قۇرالى ۋە قەلىمى بىلەن ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلەر بىلەن تولغان بۇلۇپ كىيىنكى ئەۋلاتلار ئىپتىخارلىق بىلەن پەخىرلىنپ ئەسلەيدىغان ھەقىقى بىر ئىنقىلابچىغا خاس ئىدى. ئۇ شەخسىي ھاياتىدا ئاددىي-ساددا ياشىدى، ئىرادىسىدىن يانمىدى. ھاياتىنى ۋەتەن، مىللىتىنىڭ ئازادلىقى يولىغا بېغىشلىغان ئىدى. بۇ ئىنقىلابچىنىڭ  يۈرىكى 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە سوقۇشتىن توختىدى. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىدىكى چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. مەرھۇمنىڭ جىنازىسىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى يوپۇق قىلىنىپ، رەسمىي دۆلەت مۇراسىمى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئەسكىرى مازارلىققا دەپنە قىلىندى.

ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى تەييارلاشتا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزىرتىم ئۈزى يازغان كىتابلاردىن تەييالانغاچ بولغاچقا،شۇ دەۋىرىنىڭ شارائىتى بۇيچە كىتابتىكى تۈركىستان دىگەن ئىسىمنى مەنمۇ مۇئەللىپنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ئەينەن قوللاندىم.

 

مەنبە: شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەسەرلىرى، 100 مەشھۇر شەخىس، تور دۇنياسى

كۆپ كۆرۈلگەنلەر