ختتتايغا قارشى

گېرمانىيىدە خىتايغا بولغان قارشىلىق كۈچەيمەكتە

by Admin - Sep 09, 2021 0 Comment

 

تەرجىمە قىلغۇچى: قاڭقىل

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 9 - سېنتەبىر

 

بۇ يىل 9-ئاينىڭ 26- كۈنى گېرمانىيە يىڭى باش ۋەزىرىنى سايلاپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئانگېل مېركىلنىڭ 16 يىللىق باش ۋەزىرلىك ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ.مېركىلنىڭ 16 يىل باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئىدى، شۇ سەۋەپلىك دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.تەھلىلچىلەر بۇ قېتىمقى سايلامدا قايسى پارتىيە غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى، مېركىل دەۋرىدىكىدەك خىتاينى ئۆز مەيلىگە قويۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، مېركىل ھۆكىمىتى خىتاي بىلەن ئىقتىسادى مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئاغدۇرمىچىلىق تاشقى سىياسەتلىرىگە رەددىيە بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

گېرمانىيە سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانى ئۆزگەرمەكتە،گېرمانىيە فېدېراتسىيە كارخانىچىلار بىرلەشمىسى :  ياۋرۇپا كارخانىلىرى خىتاي بىلەن تىجارەت قىلغاندا چوقۇم قىممەت كۆز قارىشىنى ئېنىق ئايرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى،خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا قىلمىشلىرى گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بۇلۇپ،بۇ ساھەدىكىلەر گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى،ۋە خىتايدىن كىلىدىغان ئىقتىسادقا تايىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان،ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە گېرمانىيىنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىشىغا پايدىسىز بۇلۇپ بۇنىڭ گېرمانىيىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغان.

گېرمانىيەدىكى فورسا (Forsa) ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ستاتىسىتكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە:58% گېرمانىيەلىك ئىقتىسادى زىيانغا قارىماي خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بولغان سىياسەتنى يولغا قۇيۇش كېرەك دەپ قارايدىكەن، پەقەت 20% گېرمانىيەلىك خىتايغا ھېچقانداق قاتتىق قول بولماسلىق كېرەك دەپ قارايدىكەن.

(تۇلۇق بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا گېرمانىيە پۇقرالىقغا ئۆتكەن خىتايلارنىڭ سانى 200مىڭ ئەتراپىدا)

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە گېرمانىيىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ياۋروپانىڭ خىتايغا يەنىمۇ قاتتىق بۇلۇش  سىياسىتىگە ئاۋاز قوشالىسا بۇ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا قارىشى تۇرۇش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر