ختتاي ئېقتسادى

خىتاي فرانسىيەنى توڭلىتىلغان خىتاي - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى قوزغىتىشقا ئۈندىدى

by 1493 - May 30, 2021 0 Comment

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 30- ماي

 

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 28- ماي پارژدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي فرانسىيەنى خىتاي - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، پارژ خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزگەن جازانى بىكار قىلماي تۇرۇپ، بۇ تەلەپنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بىر باياناتىدا: «خىتاي - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بىر تەڭپۇڭ، يۇقىرى سەۋىيىلىك، تەڭ پايدا ئالىدىغان كېلىشىم بولۇپ، بىز فرانسىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئاكتىپلىق بىلەن قوزغىتىپ، تېزراق ئىمزالىنىشى ۋە كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ باياناتتا يەنە فرانسىيە تاشقى سودا مىنىستىرى فرانك رېستېر (Franck Riester) بىلەن خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ (王文涛) نىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىككىسى ۋىدېئولۇق يىغىن ئاچقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

فرانك رېستېر فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغىنىنى دەلىللىدى ھەمدە فرانسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. فرانك رېستېر مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يېقىندا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنى جازالىغىنىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ جازا مەۋجۇتلا بولىدىكەن، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلەش جەريانى ھەرگىزمۇ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمەيدۇ. مەن خىتاي كەسىپداشلىرىمغا بۇ نۇقتىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم.»

 

رېستېر فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا يازما بايانات بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە فرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ سودا سىياسىتىگە مەسئۇل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كۆپ يىللىق قاتماللىقتىن كېيىن، 2020- يىلى بېيجىڭ بىلەن كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان بىر مەبلەغ سېلىش كېلشىمى تۈزگەن.

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل مارت ئېيىدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن خىتايغا جازا يۈرگۈزگەن. بېيجىڭ ياۋروپادىكى كۆپلىگەن پارلامنېت ئەزالىرىنى، ئالىملارنى ۋە گېرمانىيە ئاقىللار كېڭىشى MERICS جازالاش ئارقىلىق ئۆچ ئالغان. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋالدىس دومبروۋىسكىس (Valdis Dombrovskis) ماي ئېيىدا فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلەش تىرىشچانلىقىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

جۈمە كۈنى بېيجىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «قارشىلىش» پوزىتسىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپا پارلامېنتى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بۇ كېلىشىمنى تەستىقلەش تەرتىپىنى توڭلاتقان ئىدى.

 

رېستېر خىتاي ۋە فرانسىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ۋىدېئو يىغىنىدا، فرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرگەندە يۈزلىنىۋاتقان كۆپلىگەن توسالغۇلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

 

خەۋەر مەنبەسى: فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى

كۆپ كۆرۈلگەنلەر