ئۇيغۇر مەدەنىيتى

مەدەنىيەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش جەريانى

by Arman - Apr 22, 2022 0 Comment

 مەدەنىيەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش جەريانى



ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە «تۈركىيە ئاۋازى» رادىئوسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ رۇخسىتى بىلەن «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» دا ئېلان قىلىندى

مەنبەسى: 
https://www.trt.net.tr/uyghur/pyrwgrammylar/2014/07/25/maedaen-yaet-y-uqum-vae-y-un-ng-shaek-ll-nsh-jaeryn-70348


تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: مەدەنىيەت كەلىمىسى ئەرەبچە سۆز بولۇپ "شەھەر ۋە شەھەرلىشىش" دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. پەلسەپە پەنلىرىگە ئالاقىدار ئاتالغۇلاردا "مەدەنىي" دېگەن سۆز ھەم ئىجتىمائىي ھەمدە سىياسىي مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. "مەلۇم تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان «خەلق» دېگەن مەنىدىكى "ئۇيغۇر" سۆزىدىن كېلىپ چىققان "ئۇيغارلىق" ئاتالغۇسى، ھازىرقى زامان تۈركچىسىدە مەدەنىيەت ئاتالغۇسى ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. مەدەنىيەت ئاتالغۇسىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن ئورتاق مەنىلىرىگە قارايدىغان بولساق، شەھەر ھاياتىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، پىكرى، ئىدارىي، تېخنىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە مۇمكىن قەدەر مەلۇم سەۋىيە ۋە پۇرسەتلەرنى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
مەدەنىيەتكە ئالاقىدار تەبىرلەر ئىچىدە فارابىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىنى ئۇچرىتىمىز: كىشىلەر ئۆز ئالدىغا قامدىيالمايدىغان ئېھتىياجلىرىنى ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە ئىش تەقسىماتى ئارقىلىق ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆز تىپىغا خاس ئىقتىدارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ھاياتنى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىش بىرلىكى ۋە ئىش تەقسىماتىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر توپ بولۇپ شەكىللەنگەن كىشىلەر خىيالىدىكى بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن غايە بەلگىلەيدۇ. ھەقىقىي مەنىدىكى بەختكە ئېرىشمەكچى بولغان خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتى قايسى خىل ئۆلچەمدە بولمىسۇن پەزىلەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پەزىلەت، بەخت ئۇقۇمىغا ھەقىقىي مەنا ئاتا قىلىدىغان قىممەت. مانا بۇ قىممەت قاراشلار سېستىمىسى مېتافىزىكتىن ئالەمنىڭ ماھىيىتىگە، ئالەمنىڭ ماھىيىتىدىن ئەخلاق ۋە سىياسەتكە تۇتاشقان قاراش ۋە تەجرىبىلەرگە يول باشلىغۇچى پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر شەھەر ئاھالىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن دۇنيا قارىشى ۋەھىي چۈشكەن رەھبەر تەرىپىدىن شەكىللەنگەن بولسا، بۇ شەھەر "پەزىلەتلىك شەھەر" نامىغا لايىق بولىدۇ. بۇ ھالەت مىللەت ۋە خەلقلەردىمۇ كۈچكە ئىگە.
ئەخلاق پەيلاسوپى ئىبنى مىسكىۋەيھ، ئىنسانلارنىڭ بىر توپ ھالەتتە ياشاشقا مايىل جانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ. ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ پەقەت مەدەنىي ھايات ئىچىدە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشقان. ئىبنى سىنا بولسا، جەمئىيەت ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئادالەت پىرىنسىپىغا ۋە پەيغەمبەرلىككە تاياندۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مەدەنىيەت ئاتالغۇسى كۈنىمىزدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئايرىم مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە، بىرىنچىسى، تىلىمىزدىكى "مەدەنىي ئىنسان" ئىبارىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەناغا ئوخشاش بولۇپ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىدىغان قورال ۋە قىممەتتىن ئىبارەت؛ ئىككىنچىسى، مەدەنىي ئىنسانلارنى مەدەنىيەتسىز كىشىلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا مەدەنىيەت، ئىنسانىيەت قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئىپادىلەشتە كۆرۈلمەكتە؛ ئۈچىنچىسى، ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار ياكى بۇلارنىڭ يىغىندىسى. مەسىلەن، قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ھىندى مەدەنىيىتىگە ئوخشاش ناملار ئاستىدىكى مەدەنىيەتلەر.
مەدەنىيەت ئىبارىسى غەربتە تۇنجى بولۇپ 1757-يىلى فىرانسۇزچىدا ئىشلىتىلگەن. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھايات تەرزىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان شەكىلدە "مەدەنىيلەشتۈرۈش" دېگەن نامدا دەسلەپ فىرانسىيەدە كېيىن ئەنگلىيەدە ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن مەدەنىيەت، ئاخىرقى ئىككى ياكى ئۈچ ئەسىر مابەينىدە، غەربنىڭ ئۆزىنى بۇرۇنقى دەۋرلەردىن ۋە باشقا زامانداش خەلقلەردىن ئۆزگىچە ۋە ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھايات تەرزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان.

غەرب دۇنياسى مەدەنىيەت ئۇقۇمىنى- ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى بولۇشىدىن مەغرۇرلىنىۋاتقان پەن-تېخنىكا، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىش كۈچى، بىلىم، دۇنيا قاراش، مەدەنىي مىراس ۋە كېيىنكى ئىككى ئەسىردە مەيدانغا ئېلىپ چىققان مۇئەسسەسىلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ ئاتالغۇ باشتىن بېرى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇقتىلىق ئامىللار، غەرب دۇنياسى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ، بۇنىڭ سىرتىدىكى بارلىق قىممەتلەرنى غەرب ئەللىرى تاشلىۋەتكەن نەرسىلەر قىلىپ كۆرسىتىش پوزىتسىيەسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 20- ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بۇ ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۈمىتسىزلىكلەر ئاستا-ئاستا، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ، يەككە قۇتۇپلۇق تەرەققىيات ئىچىدە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ ئېرىشەلىشى مۇمكىن بولغان يېگانە مەدەنىيەت ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان تۇرمۇش شەكلى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان كۆز قاراش گۇمان پەيدا قىلىشقا باشلىدى.
خەلق تۇرمۇشىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى تەلەپلەرنى مەلۇم تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە قامدايدىغان مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت ئىسلامى قىممەتلەرنى ھاياتقا تەتبىقلاش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ.
ئىسلام ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرى ئارىسىدا مۇناسىۋەتنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىسلام دىنىنىڭ بەرپاچىلىق ۋە يېتەكچىلىك قىممەت قاراشلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدۇ. ئىسلام دىنى كىشىلەر ياشاۋاتقان ياكى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەرنىڭ بىر پارچىسى بولماستىن بەلكى، ئۇلارغا زېمىن ھازىرلىغان مەدەنىيەت بىلەن ھازارەتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىدۇر. ئىسلامنىڭ ئەسلىيەتچىلىكى ۋە رەھبەرلىكى ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلار تەرىپىدىن تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.
كىشىلەرنى ۋە جەمئىيەتنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۇلار ئارىسىدا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئورتاقلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىسلامىيەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر. كۈنىمىزدىكى ئىسلام دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق بۇ رايونلاردىكى ئىرق، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھايات قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۇ ئوخشىماسلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككىنچى پىلانغا قويۇلغانلىقىنى، بۇلاردىن تېخىمۇ مۇھىم ۋە تەسىرى كۈچلۈك قىممەت قاراشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئىسلام مەدەنىيىتى دېگىنىمىزدە، ئومۇمەن، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن ماددىي ۋە مەنىۋى بارلىق نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى بىرەر مەدەنىيەتنىڭ پارچىسى ئەمەس بەلكى ھەقىقىي مۇسۇلمانلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەر دەيمىز. ئىسلام ۋەھىيسىنىڭ تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھازىرقى زامان تارىخچىلىرى ئىسلام مەدەنىيىتى دەپ ئاتىغان تارىخى تەجرىبە ۋە ھاسىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ باشقا مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاشلا، تارىخ سەھنىسىگە چىققاندا يات مەدەنىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگەن. ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيەت شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ھادىسە، ئۆزىگە خاس بارلىق مەدەنىيەت شەكىللىرىنى ۋەھىيدىن ئالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ساھەسىدە ئاجىزلىشىپ قېلىۋاتقان بۇ مەدەنىيەتنى بارلىق كىشىلەرگە پايدىلىق شەكىلدە يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش يولىنىڭ ئەسلى پرىنسىپلىرى بىلەن توغرا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئۆتىدىغانلىقى قوبۇل قىلىنىشى لازىم.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر