خەلقئارا ھەرىكەت

غەرب دۆلەتلىرى پولشادىكى بومبا ۋەقەسى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

by Arman - Nov 16, 2022 0 Comment

 غەرب دۆلەتلىرى پولشادىكى بومبا ۋەقەسى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 16-نويابىر

16-نويابىر چارشەنبە كۈنى G7، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىرلىكتە تۈنۈگۈنكى پولشادا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق يېزىلغان: « بۈگۈن، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا كېڭىشى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى G20 يىغىنى ئېچىلىش جەريانىدا مۇزاكىرىلىشىپ، تۆۋەندىكى باياناتنى ئېلان قىلدۇق:

بىز بىرلىكتە رۇسىيەنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەھەرلىرى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ياۋايىلارچە ئېلىپ بارغان بومباردىمان ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز يەنە پولشانىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئۇكرائىنا بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايوندىكى پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. نۆۋەتتىكى پولشا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يېقىندىن قوللايمىز ھەمدە ياردەمدە بولىمىز. بىز داۋاملىق تۈردە ئالاقىنى ساقلاپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا مۇۋاپىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارمىز...شۇنى قايتا تەكىتلەيمىزكى، رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارىتا بىز قەتئىيلىك بىلەن ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللايمىز، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان نومۇسسىزلارچە ھۇجۇمى ئۈچۈن بەدەل تۆلىتىشكە تەييارمىز....»

بىرلەشمە يىغىندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا جاۋاب بېرىپ، بومبىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىك ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، ئەمما پولشانىڭ مەزكۇر «رۇسىيەدە ياسالغان» بومبىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قوشۇمچە: يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىدا بۈگۈن ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان سۆھبەت «كۈنتەرتىپ ئۇدۇل كەلمىگەن» دېگەن باھانە بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر