جەمئىيەت ۋە تەرمىلەر

ئۇيغۇر قەتلىئامىنىڭ دەۋرى، خاراكتېرى، دەرىجىسى ھەققىدە

by Admin - Aug 03, 2021 0 Comment

 غۇلام ئوسمان ياغما 


مەن بىز تارتىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ زۇلۇم تارىخىنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسى، زۇلۇم دەرىجىسىنىڭمۇ ئەڭ يۈكسەك رېكورتى ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپ توختالدىم. يەھۇدىيلار چەتكە قېقىلغان بولسىمۇ، تاكى ناتسىستلار دەۋرىگىچە قەتلىئام قىلىنمىغان، پەقەت يەكلەنگەن، بەزى دۆلەتلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بالىلىرى، ئاياللىرى ئايرىپ ئېلىپ كېتىلمىگەن. ناتسىست كامپلىرىدا سىناگوگلار بولغان، ئېتىقادىغا ئارىلاشمىغان؛ مېڭە يۇيۇش، ماڭقۇرتلاشتۇرۇشقا ئۇچرىمىغان. گېتتولارغا ئايرىلغان، ئەمما ئائىلىلىرىگە "تۇغقان" ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان. گېتتولار _ ھەر دۆلەت، ھەر شەھەردىكى يەھۇدىي مەھەللىلىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. زالىملارنىڭ ھەرقاندىقى جىسمانىي زۇلۇم قىلغان، ئەمما مەنىۋىيىتىنى يەكسان قىلمىغان. بىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەم جىسمانىي زۇلۇم، ھەم مەنىۋى زۇلۇم بولۇپ، بۇ ھال داۋاملاشسا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز ئۇزاققا بارمايدۇ. پاكىت شۇكى، يەھۇدىيلار تۇنجى 'ئىسرائىل" دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىنكى قوغلاندى ھاياتىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، ئۇلارنىڭ باي بولۇشىغا، ئوقۇپ ئالىم بولۇشىغا ھېچكىم توسقۇن بولمىدى. شۇڭا ئەڭ باي كىشىلەر يەھۇدىيلاردىن چىققان. شۇنداقلا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملارنىڭمۇ ئەڭ كۆپى يەھۇدىيلاردىن چىققان. لېكىن، خىتايلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باي بولۇش چېكى بەلگىلەپ قويغان (ئاشكارا ئېلان قىلىنغان سان بولمىسىمۇ، يوشۇرۇن بىر چەك مەۋجۇت)، مەلۇم چەككە يەتكەندە ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر بايلىرى يالىڭاچلىنىپ كېلىندى؛ بىلىملىك بولۇشىمىزنىڭمۇ چېكى بەلگىلەپ قويۇلغان بولۇپ، مەلۇم چەككە يەتكەندە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا بەزى نازۇك ئىلىملاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇشى چەكلىنىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئۆز كەسپى بويىچە داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىغا ئىگە بولۇپمۇ باقمىدى؛ كەسپىڭ نېمە بولسا بولسۇن، يا مۇئەللىم، يا تەرجىمان بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغان كەسپى مەكتەپتە قالدى، دېگەن گەپ. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە بىر كۈچ ھاسىل قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىشىمىزمۇ ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئەگەر يەھۇدىيلاردەك قوغلاپ چىقىرىلغان بولساق ئىدۇق، ھازىرقىدىن ياخشىراق بولاتتى: چەتئەللەردە بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرپا بولۇپ، مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈن كاپالەت بولغان بولاتتى. شۇڭا، ھەرقانداق بىر دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار، باشقا كۆچمەن مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يوق ھېسابتا، كەسىر سانلار بىلەن ئىپادە قىلىنىدىغان نىسبەتتە بولۇپ، بۇ چەتئەللەردىكى مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىزدۇر.

يەنە شۇنىسىمۇ بار: ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىگىلا خاس مەھرەمىيىتى بولىدۇ؛ ئائىلىنىڭمۇ ئۆزىگىلا خاس مەھرەمىيىتى بولىدۇ؛ شۇنداقلا بىر قەۋمنىڭمۇ مەھرەمىيىتى بولىدۇ. تارىخنىڭ ھېچقانداق بىر بۆلىكىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مەھرەمىيىتى تاجاۋۇزغا ئۇچراپ باقمىغانىدى. ئەمما بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەھرەمىيىتى قالمىدى؛ شەخسلەرنىڭ قالمىدى، ئائىلىلەرنىڭمۇ قالمىدى! بۇ يەنە قايسى مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىپتىكەن؟

يەنە ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئۇنتۇپتىمەن: بىرى، دەۋر ئالاھىدىلىكى. يەھۇدىي قەتلىئامى ئۇرۇش دەۋرىدە يۈز بەرگەن؛ ئۇيغۇر قەتلىئامى تىنچ دەۋردە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇرۇش دەۋرىنىڭ قانۇنلىرى نورمال زامانلارنىڭكىگە قارىغاندا كەسكىنرەك بولىدۇ. كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش يۈز بېرىۋاتقان بىر دەۋر بولغاچقا (ئالدىنقى سەپتە)، ئارقا سەپتىمۇ قانۇن قاتتىقراق، كەسكىنرەك بولىدۇ، ئانچىكى بىر گۇناھلار ئۈچۈن ئادەملەر ئېتىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇرۇش دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىشنى ئىسمى ئوخشاشلىق تۈپەيلىدىنلا تىنچلىق دەۋرىدىكىگە سېلىشتۇرۇش بەكمۇ تەڭسىز سېلىشتۇرۇش، نامەرد سېلىشتۇرۇش بولىدۇ.

يەنە بىرى تارىخىي باسقۇچ تەرىپى. ئىنسانلار ئىپتىدائىي دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى. بۇ ئارىلىقتا نۇرغۇن باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈردى. بەزى چوڭ سەكرەشلەر سانائەت ئىنقىلابى، يېڭى مەدەنىيەتكە كۆچۈش ھەرىكىتى، ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرى دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالدى. بۇنداق تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئالدىنقىسىدىكى بىلەن كېيىنكىسىدە يۈز بەرگەن ئوخشاش ۋەقەنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇشمۇ نامەردلىك، بىشەملىك بولىدۇ: مەسىلەن، خىتايلار ئۇيغۇر قەتلىئامى ھەققىدە مۇشۇنداق بىشەم بىر سېلىشتۇرمىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئامېرىكا، كانادانىڭ يەرلىكلەرگە قىلغانلىرىنى تىلغا ئالدى. 150-200 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش بىلەن بۈگۈنكى دەۋردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشنى سېلىشتۇرۇش قانداق ئادالەتلىك، تەڭ بويدىكى سېلىشتۇرۇش بولسۇن؟ (بۇنداق بولىدىغان بولسا زوزوڭتاڭنىڭ قەتلىئاملىرىنىمۇ بۇ قاتارغا تىزساق بولىدۇ) قەدىمكى دەۋرلەردىكى مەنپەئەت تالاشلىرىدا قارشى تەرەپتە 'ئادەم" مەۋجۇت ئەمەس، پەقەتلا دۈشمەن مەۋجۇت ئىدى. ئادەمنىڭ جېنى ھايۋاننىڭ جېنىچىلىكمۇ ئەمەس ئىدى، چۈنكى ھايۋان ئۆلسە يېگىلى بولاتتى، ئادەمنىڭ جەسىتى كېرەكسىز دەپ قارىلاتتى. بۇ ھالەت ھەر تارىخىي باسقۇچ بىلەن يېڭى تونۇشلار، يېڭى بايقاشلار ئېلىپ كەلدى. ئىنسان بالىسىنىڭ ئالاھىدە مەخلۇقلۇق ئورنى كۈنسېرى ئېتىراپقا ئېرىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پاجىئەلىرى ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەقىل، تونۇش تەقدىم قىلدى ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى تونۇش يېڭى بىر تارىخىي دەۋرگە كىردى. شۇندىن كېيىن ئىنسانىيەتكە بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغان ئۇرۇشلارنى چەكلەش، ئىنسانغا قىلىنىدىغان ئىنسانىيەتسىزلىكلەرنى چەكلەش ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قۇرۇلدى، قانۇنلار ماقۇللاندى. ھەتتا دەۋرىمىزگە كەلگەندە كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى ئىنسانىيلىقنى باھالايدىغان مىزانغا ئايلاندى. ھەتتا ئەمدىلىكتە بۇنىڭدىن ئۆتۈپ، بارلىق ھاياتلىقنىڭ قىممىتى تونۇپ يېتىلىپ، ھايۋان ھەقلىرىنى قوغداشقا ئائىت قانۇنلارمۇ مەيدانغا كەلمەكتە. مۇشۇنداق بىر دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر قەتلىئامىنى ئىپتىدائىي دەۋرلەردىكى ۋەھشىيلىكلەرگە سېلىشتۇرغىلى، ئۇرۇش دەۋرىدىكى قىرغىنچىلىقلارغا سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟ بۇنداق سېلىشتۇرۇش خىتايلارغا ئوخشاش ۋىجدان ۋە ئادالەت تۇيغۇسى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن جائىزدەك بولسىمۇ، نورمال ئىنسانلار ئۈچۈن تولىمۇ بىشەملەرچە ئوخشىتىش ھېسابلىنىدۇ.
مەن بىز ئۇچرىغان زۇلۇم ھەققىدە باشقا ماقالىلەردە كۆپ توختالغان، ھازىرچە شۇلارنىلا دەپ قويدۇم.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر