ئىجتىمائى پائالىيەتلەر

مەھمۇت قەشقەرى شىئېر كېچىلىكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى


ئامىنە سەدەف خەۋىرى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 - سېنتەبىر

 

ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ پىلانلىشى ، ئۇيغۇر پىروجەكتىنىڭ ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللاپ -قۇۋۋەتلىشى بىلەن 25- سېنتەبىر ئىستانبۇل تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىدە « مەھمۇت قەشقەرى شىئېركېچىلىكى » مۇۋپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى . 

كېچىلىككە تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مەھمۇت بېيىكلى ، ژۇرنالىست ئەلى رىزا ئەپەندى ، بۇرسا ئۇلۇ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسورى ، شائىر ۋە مۇزىكانت دوتسېنت ئەردەم ئۆزدەمىر ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ، پېشقەدەم ئۇيغۇر شائىرەسى نۇر ئەلا كۆكتۈرك تۈرك ۋە بىر قىسىم‌ ياش شائىرلار ۋە شىئېر ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى . 

بۇ قېتىملىق كېچىلىك تۈرك تىلىدا ئۆتكۈزۈلدى ئالدى بىلەن  تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مەھمۇت بېيىكلى  ئېچىلىش سۆزى قىلدى . ئارقىدىن ياۋرۇپا مۇقام ئانسامبىلى ئەزالىرىدىن مۇختەر جانباز ، مۆمىنجان  ئەپەندىلەر ۋە جىنەستە خانىم بىر قانچە مۇزىكا ئورۇنلىدى . پىروففىسور ئەردەم ئۆزدەمىز ئەپەندى ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقىدى ۋە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ،  ئالىمجان غەمناكى  ، مەخمۇتجان قاتارلىق شائىرلار شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى . 

پروگرامما باشتىن ئاخىر قىزغىن ھېسسىيات ۋە ھاياجان بىلەن داۋاملاشتى .

بۇ خىلدىكى‌ شىئېر كېچىسى ۋە ئەدەبىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى پات - پات ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شىئىرىيتىنى قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر