دۆلەتچىلىك

مەمتىمىن ئەلا: مىللەتنىڭ روھى نەدە؟

by Admin - Aug 08, 2021 0 Comment

دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا

 

پەقەت كۈچلۈك كىشىلەرلا ئازابىنى پەقەت ئۇنىڭ ئەڭ زۆرۈر قىسمىنىلا تاللىۋېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ.

 

–ئېمىل دورىئان

 

1940-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى ئەنگىلىيە تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر كۈندۇر. بۇ كۈنى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ياۋروپادىكى تاجاۋۇزچىلىقى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان، ياۋروپالىقلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان ۋە ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىدۇ. بۇ كۈنى ئۆزىنىڭ پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىن بارغانسېرى بېسىم قىلىنىپ، ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە زورلىنىۋاتقان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋېنستېن چېرچىل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «بىز ساھىللاردا ئۇرۇش قىلىمىز» تېمىسىدىكى مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلەپ، ئەنگىلىيە خەلقىگە مۇنداق مەردانە خىتاپ قىلىدۇ:

 

«ھەتتا ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمى ھەمدە نۇرغۇن كونا ۋە مەشھۇر يېڭى دۆلەتلەر گېستاپو ۋە ناتسىست ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قورقۇنچلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن ۋە چۈشىدىغان بولسىمۇ، بىز ئاق بايراق چىقارمايمىز ياكى يېڭىلمەيمىز. بىز ئاخىرىغىچە ماڭىمىز، فرانسىيەدە ئۇرۇش قىلىمىز، دېڭىزلاردا ۋە ئوكيانلاردا ئۇرۇش قىلىمىز، بىز تېخىمۇ كۈچىيىدىغان ئىشەنج ۋە قۇدرەت بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز، بىز ئارالىمىزنى ھەرقانداق بەدەلگە قارىماستىن قوغدايمىز، بىز ساھىللاردا، قونۇش يەرلىرىدە، مەيدانلاردا، كوچىلاردا ۋە تۆپىلىكلەردا ئۇرۇش قىلىمىز؛ بىز ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز…»

 

ئۇنىڭ ئاشۇ كۈنكى نۇتقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بوپ قالىدۇ. چېرچىل ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيىسىگە بۇيرۇق قىلىپ، ئۇلارنى ناتسىستلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار قىلىدۇ ۋە ئاخىرىدا غالىبىيەت قۇچىدۇ.

 

1941-يىلى 22-ئىيۇن يەنە بىر فرونتتىكى ئۇرۇشقا قارىتا ھىتلېر مۇنداق دەيدۇ: «ئۈچ ئاي ئۆتۈپ بولغۇچە، بىز رۇسىيىنىڭ گۇمران بولۇشىدىن ئىبارەت دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسىگە شاھىد بولىمىز.» ئۇنىڭ بۇ سۆزى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالىدۇ. ھەتتا ستالىنمۇ نېمە قىلالىرىنى بىلمەي، موسكۋادىكى داچىسىدا بىر ھەپتە ھېچكىمگە كۆرۈنمەي، قاتتىق گاڭگىراش ئىچىدە قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، سوۋېت سىياسىي بيۇروسىدىكىلەر ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭدىن ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇشنى ئۆتۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھوشىغا كەلگەندەك بولۇپ، قايتىدىن جانلىنىپ، تارىختا مەشھۇر مۇنۇ ئىنكاسنى قايتۇرىدۇ: «موسكۋانى ئاداققىچە قوغدايمىز!» 1941-يىلى 7-نويابىر كۈنى، قىزىل مەيداندا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ پاراتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ستالىن خەلقىگە يەنە مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ:

 

«دۈشمەن خۇددى بىر قىسىم ئۇششاق زىيالىيلار تەسۋىرلىگىنىدەك ئۇ قەدەر كۈچلۈك ئەمەس. ئالۋاستى تەسۋىرلەنگىنىدەك ئۇ قەدەر قورقۇنچلۇق ئەمەس. كىم بىزنىڭ قىزىل ئارمىيىمىزنىڭ ماختالغان گېرمان قوشۇنلىرىنى قورقىتىپ قاچۇرۇۋەتكەنلىكىنى رەت قىلالايدۇ؟… گېرمان باسقۇنچىلىرى ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ قاتتىق قىينىلىۋاتىدۇ. شەكسىزكى، گېرمانىيە ئۇزۇنغا چىدىمايدۇ… بىرقانچە ئاي، يېرىم يىل،ياكى ئېھتىمال يەنە بىر يىلدىن كېيىن، ھىتلىر گېرمانىيىسى ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ بېسىمىدىن چاك-چېكىدىن بۆسۈلىدۇ.»

 

گېرمان ئارمىيىسى تەرىپىدىن قاتمۇ – قات قورشاۋغا ئېلىنىپ، مەۋجۇت بولۇشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ستالىن يەنە بارلىق ئىمكانلارنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا موسكىۋادا تاقىلىپ قالغان رۇس ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ پوپلىرىنىمۇ ئىشقا سېلىپ، خەلقىنىڭ دۈشمەنگە باش ئەگمەس روھىنى ساقلاپ قېلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ ۋە ئاخىرى زەپەر قۇچىدۇ.

 

يۇقىرىقى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ھاياتى يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچار بولغاندا، ئۇلارنى تېنىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە روھىدىنمۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. روھىدىن تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ روھىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇدرەتنى — ئۆزىگە تايىنىش نۇقتىسىنى قوزغىتىش كېرەك: بۇ ئىنگلىزلار ئۈچۈن غۇرۇرىغا تايىنىدىغان جەسۇرلۇقنى قوزغىتىش بولسا، رۇسلار ئۈچۈن ئۆلۈم ئارقىلىق يېڭى ھاياتلىقنى يارىتىشقا بولغان قۇربان بېرىشنى قوزغىتىشتۇر. بۇ ئاخىرقى قۇدرەت ماھىيىتىدىن شۇ مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە كەلگۈسىدە ياشنىتىدىغان ئەڭ تىرەن، ئەڭ ماھىيەتلىك ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك ئامىلدۇر.

 

ئەمدى، گېرمانىيەچۇ؟ گېرمانلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئېغىر تالاپەت تارتىپ يېڭىلىدۇ. ئەمما، ئۇ نەچچە ئون يىلغا بارمايلا، قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، قۇدرەت تېپىپ، ياۋروپادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى قانداقتۇر ماددىي ئىمكانلارنىڭ، تەلىيىنىڭ كېپ قالغانلىقىنىڭ ياكى تاشقى كۈچنىڭ ياردىمىگە تايانغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ كاللىسىغا، جۈملىدىن تىز پۈكمەس، تىرىشچان ۋە ئۈمىدۋار روھىغا تايىنىپ، يىقىلغان يېرىدىن دەس تۇرالىغانلىقىدىندۇر.

 

بىر مىللەت يوقىلىش گىرداۋىغا بارغاندا، ئۇنىڭ روھى ئۆزىنىڭ قانچىلىك قۇدرەتكە ئىگىلىكىنى تولۇقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. چۈنكى، مىللەت جان تالاشقاندا، ئۇنىڭ روھى قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىدىكى بارلىق قۇدرەتنى، مۇمكىنچىلىكلەرنى ۋە ئىمكانلارنى ئىشقا سالىدۇ. بۇ خۇددى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ ساقىيىش-ساقايماسلىقى ئۇنىڭ ئىممۇنېنت كۈچىنىڭ قانچىلىكلىكىگە باغلىق بولغىنىغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، روھىيىتى كۈچلۈك بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىش مۇمكىن، ئەمما يوقىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستۇر. بۇنداق مىللەت قىرغىنچىلىق، بالايى ئاپەت ۋە خارابىلىقتىن ھامان بىر كۈنى باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ئېھتىمال، بۇ باش كۆتۈرۈشكە ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولۇشى ۋە ھەتتا بۇ مىللەت چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىككە پېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق مىللەت بىر ئاماللار بىلەن ھامان ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ. دەسلىپىدە بۇ قايتىدىن قۇرۇش بەكلا ئاددىي ۋە ئاجىز كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ بارغانسېرى كۈچلىنىدۇ، زورىيىدۇ ۋە ئەسلىدىكىدەك ۋە بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ قۇدرەتلىك بولىدۇ.

 

تەتۈرىدىن قارىساق، شۇنىسى ھەيران قالارلىق ئەمەسكى، بىر دۆلەتنى، بىر مىللەتنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىشنى كۆزلەيدىغانلار ھېچ زامان ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، بومبىلاش، ئادەملىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ تۈرمىلەرگە سولاش، تىلىنى ئىشلىتىشىگە چەك قويۇش ۋە بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. بەلكى ئۇلار تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، مۇنداق تۆت نەرسىنى ۋەيران قىلىشقا ئۆتىدۇ: تاجاۋۇزچىلىقتا ئەسىرگە چۈشكەن مىللەتنىڭ ئار-نومۇسىنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ نومۇسلۇق ۋە ئەڭ مۇقەددەس قىسمى بولغان قىز-ئاياللىرىغا ۋەھشىيلىك بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا باسقۇنچىلىق قىلىش؛ ئۆتمۈشىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، كىملىكلىنى قۇرۇپ چىقىدىغان تارىخىنى بۇرمىلاش ياكى يوق قىلىش؛ كەلگۈسىنى يارىتىدىغان يېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەيدىغان مائارىپىنى ۋەيران قىلىش؛ ۋە ئاخىرىدا دىنىنى ئاياق-ئاستى قىلىشتۇر. بۇ ۋەيرانچىلىقلار ئەڭ ئاخىرىدا شۇ خەلقنىڭ ياكى مىللەتنىڭ روھىنى ۋەيران قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ—ئاياللىرىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنىدۇ؛ مائارىپىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە ماڭىدىغان يولى چەكلىنىدۇ؛ تارىخىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بۇرمىلىنىدۇ؛ ھەمدە دىنىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇقەددەسلىك تۇيغۇسى بۇزۇلىدۇ. غۇرۇرىدىن، مائارىپىدىن، تارىخىدىن ۋە دىنىدىن ئايرىلغان مىللەت روھىدىن تەبىئىي ھالدا ئايرىلىپ قالىدۇ— ئىچ – ئىچىدىن تۈگەشتۈرۈلىدۇ. بۇ تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەھشىيلىكىدۇر.

 

ئۇنداقتا، بىر مىللەتنىڭ روھى نېمىدۇر؟ بىر مىللەتنىڭ روھى ئەلۋەتتە بىر شەخسنىڭ روھىدەك ئاددىي بولمايدۇ. ئۇ نەچچە ئەسىرلىك بىر تارىخنىڭ، ئىجتىمائىيەتنىڭ، كۈلتۈرالنىڭ، پسىخىكىلىق ھالەتلەرنىڭ ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىچكىيلىشىپ، شۇ مىللەتنىڭ ئېڭىدا مۇئەييەن ئويلاش شەكلىنى بەرپا قىلىش، قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ ھاللاردا بىر مىللەتنڭ روھىيىتىنى تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ يىغىندىسىنىڭ مەھسۇلىدۇر—بەزىدە ھەتتا ئۇنى شۇ مىللەت ئەزالىرىمۇ ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ مىللەت روھىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاڭسىز بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، روھىيەت بەزىدە ئۇ قەدەر سىرلىق ۋە ھەتتا مىستىك بىلىنىدۇ—ئۇ ھەممىدە باردەك، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ قانداقلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. بەزىدە ئۇ ھېچيەردە يوقتەك. ئەمما، ئۇ ئالاھىدە، ھالقىلىق ياكى كرىزىسلىق پەيتتە يالتتىدە نامايان بولىدۇ. ۋە يەنە شۇنداق تېزلىكتە يوقاپ كېتىدۇ.

 

ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىللەت ئەسىرگە چۈشكەنلىكتىن يوقالمايدۇ. ئەمما، روھى ئەسىرگە چۈشسە تېزلا ۋەيران بولىدۇ. مىللەت روھى چۈشكەنلىكتىن ۋەيران بولمايدۇ، ئەمما كوللېكتىپ روھىي چۈشكۈنلۈكتە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قالسا، تېزلا ۋەيران بولىدۇ. شۇڭا، بىر ئىستىلاچى ئۈچۈن، بىر مىللەتنى روھىدىن ۋەيران قىلىش ئاخىرقى نىشان، ئۇنى تېنىدىن ۋەيران قىلىش بولسا ۋاقىتلىق نىشاندۇر. ياكى كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. ئەگەر بۇ مىللەت روھىدىن ۋەيران بولۇشنى قىلسا، ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتسە، ئۇ زامان بۇنداق ئىستىلاچى بۇ مىللەتنى ئۈزۈل-كېسىل قىرىۋېتىشنى تاللىشى مۇمكىن.

 

خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى دەل روھىنىڭ ياتلاشتۇرۇلۇشى، بوي سۇندۇرۇلۇشى ۋە يوقىتىلىشىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى قەتلىئام ئارقىلىق تاماملاشتۇر. لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپكى مەقسىتى بۇ—ئۇيغۇرلارنى غۇرۇرىدىن، مائارىپىدىن، تارىخىدىن ۋە دىنىدىن ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى روھىدا ھەم روھىدىن كوللېكتىپ قىرغىن قىلىشتۇر. بۇ ئۇلارنىڭ روھىغا باسقۇنچىلىق قىلىش، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قىلىش، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئېتىقادىنى ئاياق-ئاستى قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئېشىۋاتىدۇ.

 

دېمەك، ئۇيغۇر روھى لاگېرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا سىستېمىلىق تەرىزدە ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئۇيغۇر روھى جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ—گەرچە بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانغا يۈزلەنگەن سىستېمىلىق قارشىلىق بولمىسىمۇ. گەرچە بۇ قارشىلىق كۆرسىتىشتە شۇ قەدەر ئېغىر قالايمىقانچىلىق، ئۆز-ئۆزىگە دۈشمەنلىشىش ھەم دۈشمەنلەشتۈرۈلۈش ۋە نىشانسىزلىق ئېغىر بولسىمۇ. ئۇنداقتا، بۇ روھنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئامىللار قايسى؟

 

بۇلارنىڭ بىرى پسىخولوگىيىلىك، يەنە بىرى سىياسىي ئامىللادۇر. پسىخولوگىيىلىك ئامىللار مۇنداق ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: خىتتاينىڭ ياخشىلىنىپ قېلىشىغا ساددىلىق بىلەن ئىشىنىش، قىساسچىلىق ۋە ئۈمىدۋارلىق.

 

خىتتاينىڭ ياخشىلىنىپ قېلىشىغا ساددىلىق بىلەن ئىشىنىش. بۇ، بىر كۈنلىرى مۆجىزە يۈز بېرىپ، خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ياخشىلىققا قايتىپ، ئۇيغۇرلارغا كەڭچىللىك قىلىشىغا ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. قارىماققا، بۇ بىر خىل ئۈمىدۋارلىق جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئەمما، بۇ خاتالا ئەمەس بەلكى ئالداشچان ۋە ھەتتا قورقۇنچلۇق ئۈمىدۋارلىقتۇر. چۈنكى ئۇ رېئاللىقنى خاتا مۆلچەرلەشنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇ خىتتاينىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىمۇ ياخشى چۈشەنمەسلىكتۇر؛ ئۇ يەنە خىتتايدىن خاتا ئۈمىد كۈتۈشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىنمۇ خاتا ئۈمىد كۈتۈپ ئۆزىنى ئالداشتۇر. قانچىلىك ساددا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ خىل خاھىشنىڭ بىرلا ئارتۇقچىلىقى بار—خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىشىغا ئىشەنمەسلىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كېچىكتۈرۈش. ئەمما، ئۇ ئادەمنى قىساسسىزلىققا، تەسلىمچىلىككە ۋە ئاستا-ئاستا ۋەيران بولۇشنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

 

قىساسچىلىق. ئەڭ جەڭگىۋار خاھىش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كوللېكتىپنىڭ روھىنى قارشىلىق كۆرسىتىش بويىچە ھەر ۋاقىت غىدىقلاپ تۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇنىڭدا دۈشمىنىنى ۋەيران قىلىشنى كۆزلەش، ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ۋە كوللېكتىپىنىڭ روھىنىڭ ھېچ ئىش قىلالماي ياكى سۈكۈتتە، ياكى بۇرۇقتۇرمىلىقتا، ياكى جىلىچىلىكتە ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئەمما، بۇ خاھىشنىڭ بىر يوشۇرۇن كەمچىلىكى بار: ئۇنىڭدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر نىشانغا يېتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان سەۋرچانلىق تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ. دۈشمەنگە تېز، دەل ۋە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئېلىپ كېلىدىغان غالىبىيەت تۇيغۇسىنىڭ قىزىقتۇرۇشى ئۇزاق ۋە ماھىيەتلىك نىشانغا يېتىشنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالىدۇ. بۇنداق بىر نىشان ئاسانلا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە لاۋۇلداپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئورتاق ھېسسىيات ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى ياكى يولباشچىسى تەرىپىدىن ھەم تېگى-تەكتىدىن چۈشىنىلمەي، ھەم يېتەكلىنىلمەي كېلىندى. ئەگەر بۇ غەزەب ئوتىغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىلمىسە، قىساس ئېلىش تۇيغۇسى ئۆزىگە يېنىپ، ئۆزىدىن قىساس ئېلىش كېپ چىقىدۇ.

 

ئۈمىدۋارلىق. بۇ كوللېكتىپ روھنى تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈمۈلۈك، ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ھېسسىيات يۈزلىنىشىدۇر. ئۇ ئەمەلىي بىر نەتىجە ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇ كەلگۈسىدىكى بارلىق ئەمەلىي نەتىجىلەرنىڭ پسىخىك ۋە ھەتتا مەنىۋى ئاساسىدۇر. بۇ ئابستراكت بىر ھېسسىياتتۇر؛ شۇڭا، ئۇ بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغاندەك بىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بولمىسا، چوقۇم يارىتىلىشى كېرەك. پەقەت بولمىغىنىدا زورلۇق بىلەن بولسىمۇ يارىتىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلاردەك ھەممە نېمىسىدىن تېز سۈرئەتتە ئايرىلىۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلماسلىق كېرەك بولغىنى ئۈمىدتۇر. ئۇيغۇرلار ئەمدى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلسىمۇ، ئۈمىدىدىن ئايرىلماسلىققا مەجبۇردۇر. ئەمما، ئۈمىد—بولۇپمۇ زىيادە ۋە قارىغۇلارچە كۈتۈلگەن ئۈمىد—يالغان ئۈمىد بولىدۇ. ئالدامچى كېلىدۇ. زىددىيەتلىك يېرى، ئۇيغۇلار يەنىلا ئۆزىدىن ئۈمىد كۈتۈشتىن ئالدانسا بولىدۇكى، ئۈمىدسىزلىكتىن ۋەيرانچىلىققا كىرسە بولمايدۇ.

 

سىياسىي جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ: سىياسىي ئىلمانلىق، ئاپتونومىيىچىلىك ۋە مۇستەقىلچىلىك.

 

سىياسىي جەھەتتىكى ئىلمانلىق. خىتتايدىن ئىچ-ئىچىدىن قورقۇش، ئۇيغۇر دىياسپوراسىدىكى ئىدىيىۋى ۋە سىياسىي قالايمىقانچىلىقلاردىن سەسكىنىش، ئۇيغۇرلۇقتىن نومۇس قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تىركىشىشىدىن بىرەر نەتىجىنى كۆرەلمەسلىك ياكى سىياسىيغا قىزىقماسلىق سەۋەبلىك بۇنداق بىر خاھىش شەكىللىنىدۇ. ئەمما، سىياسىيغا ئىلمان مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئۆزى يەنىلا بىر سىياسىي مەيداندۇر—چۈنكى سىياسىي جەھەتتە قىرغىن قىلىنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئارىلاشماسلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا بولغان سىياسىي پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈشتۇر. بۇنداقلار كەلگۈسىدە بارغانسېرى كۆپىيىشى مۇمكىن.

 

ئاپتونومىيىچىلىك: ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات ياكى ۋەكىللىك بىر شەخس ئاپتونومىيىنى قوللاپ ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئەمما قوللاپ چىقسىمۇ ئۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى، ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئاپتونومىيىچىلىككە قايتا باش ئۇرۇش ئارقىلىق خىتتايغا قايتا ئەل بولۇشنىڭ جاكارنامىسى بولىدۇ. ئەمما، يەنە بىر نۇقتىدىن، بۇ ئاپتونومىيىچىلەرنىڭ نەزەرىدە خىتتاينى ھازىرقى ياۋۇز پەيلىنى ياندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئازراق بولسىمۇ روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىشنى ۋە پۇرسەت كۈتۈشنى كۆزلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتىكى ئۇسۇلى توغرا ئەمما نىشانى خاتا سىياسىي مەسلەكتۇر. چۈنكى، خىتتاي ئەمدى ئۇيغۇرلار ئاپتونوميىە تەلەپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، قىرغىنچىلىقنى توختاتمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىدە تۇرمىغانلىقى ئۈچۈنلا قىرغىن قىلىنمايۋاتىدۇ.

 

مۇستەقىللىق : ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا ئۈزۈل-كېسىللىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى تەرغىب قىلىنىدىغان ۋە بىردىنبىر سىياسىي قۇتۇلۇش يولى دەپ قارىلىدىغان سىياسىي ئېقىم. بۇ ئېقىم بىر نىشاننىلا تۇتۇپ تۇرماستىن، بەلكى يەنە مىللەتنىڭ روھىنى سىياسىي ئۈمىدۋارلىق بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم سىياسىي تاللاشتۇر. مىللەتنىڭ روھىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، ئۇنىڭ نىشانى توغرا، ئەمما ۋاسىتىسى يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى، تېخى ھېچكىم مۇستەقىللىككە قانداق يېتىش ھەققىدە قايىل قىلارلىق پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىجرا قىلىپ باقمىدى. بۇ روھقا كېرىكى ئەمەلىي ئۈنۈم، سەمىمىيەت ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي بېغىشلاشتۇر.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا يەنە باشقا مۇھىم ئامىللارمۇ بار. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قارشى تۇرۇشتەك دۇنياۋى ھەرىكىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىكى مۇنداق يۈزلىنىشنى بايقايمىز: ئۇ يالغۇز ۋە كوللېكتىپ نامايىش قىلىش، ئىمزا توپلاش، گۇۋاھلىق بېرىش، يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش، پانېل يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قارشىلىق كامپانىيىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش،مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقىشىغا قارىتا قانۇن لايىھىسى ماقۇللىشىغا كۈچەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى گەرچە پاراللېل ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا بارغانسېرى ئىلگىرىلەۋاتقان—يۈكسىلىۋاتقان—ھەرىكەت جەريانلىرىنىڭ تۈز سىزىقلىق يۈزلىنىشى سۈپىتىدە كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن، ھەر بىر باسقۇچ كېيىنكى باسقۇچقا يول ئاچقان. شۇنىڭدەك، ھەر بىر باسقۇچ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتاينىڭ لاگېرىغا قارىتا قانچىلىك قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ دەرىجە ئۇنىڭ قانچىلىك كۆلەملەشكەنلىكى، چوڭقۇرلاشقانلىقى، سىستېمىلاشقانلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلەشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك،ھەر بىر باسقۇچ ئۇيغۇرلارغا يېڭى بىر ئۈمىد ۋە ئىشەنج بېرىپ ماڭىدۇ. يېڭى بىر باسقۇچ ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۈمىدى ۋە ئىشەنجىنى تېخىمۇ ئارتتۇرىدۇ. ئەمما، تا ھازىرغىچە لاگېردىكى قەتلىئام توختاپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ ئەدەۋاتىدۇ—خىتتاي دۇنيانىڭ كۆزىچىلاپ ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشنى تېزلىتىۋاتىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتتاينىڭ لاگېرنى تاقىشىغا ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيۋاتىدۇ. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ خىتتايغا قارىتا قانۇن ماقۇللىتىشىمۇ—گەرچە بۇ قانۇن ماقۇللانغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە كەسكىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى ناتايىن بولسىمۇ—تا ھازىرغىچە سۆرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قارشىلىق كۆرسىتىشىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئۈزۈل-كېسىل ۋە زۇلۇمنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىسى بىلەن ماس قەدەملەشكەن قارشىلىق كۆرسىتىش تەدبىرلىرى يوق ھېسابتا بولۇۋاتىدۇ.

 

مىسال ئۈچۈن شۇنى ئالايلىكى، تا ھازىرغىچە، ھېچقانداق بىر باي، زىيالىي ياكى بىر ئىنقىلابچى ھەممىدىن ۋاز كېچىپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ، رادىكال شەكىلدە قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقىنى يوق—ئاز ساندىكى يەككە ياكى كىچىك دائىرىدە ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىدىن باشقا. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىكى نامايىش، يىغىن ئېچىش ۋە بىر-بىرىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى باھالاش بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى—يەنى لاگېر دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت بولماستا—قانداق داۋاملاشقان بولسا، ھازىرمۇ شۇ پېتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتى ئارقىغا چىكىنىپ، ھېچ بىر يېڭىلىق كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. دېمەك، لاگېرغا قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمى ئۇنىڭ ۋەھشىيىتىنىڭ ۋە سىياسىي غەرىزىنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمى بىلەن پۈتۈنلەي بىماس شەكىلدە كېتىۋاتىدۇ.

 

شۇ ۋەجىدىن، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ھەر بىر ئىلگىرىلەشتىن ئۈمىدلىنىپ، ئاز-تولا كۈچىيىش تاپسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ھالىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشنىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك ئېغىر كرىزىس ئىچىدە قېلىۋاتىدۇ. ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۈمىد، ئۆزىگە ئىشىنىش بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش ۋە پسىخىك جىددىيلىشىش بىلەن ۋەھىمە ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تاسقىلىۋاتىدۇ. شۇنى قىياس قىلىش تەس ئەمەسكى، ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان قانۇن لاھىيىسى بىلەن خىتتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىغا تىكىلىگلىك. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭ ئامېرىكىغا قانداق نەتىجە بېرىشى مۇھىم ئەمەس—مۇھىمى، بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە قانچىلىك نەتىجە بېرىشى مۇھىمدۇر. ئەگەر بۇلاردىن بىرەر نەتىجە كۆرۈلمىسە، ئېغىر مەنىۋى كرىزىسقا يۈزلىنىمىز. ئۈمىدسىزلىكنىڭ يەنە بىر قاراڭغۇ چوڭقۇرلۇقىغا كوللېكتىپ شۇڭغۇيمىز. شۇڭا، بۇنىڭغا ھازىردىن تارتىپ تەييارلىق قىلىش كېرەكتۇر.

 

شۇنى كەسكىن ئېيتىش كېرەككى، ھازىر ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى تۇتۇپ تۇرۇشتۇر—يەنى ھازىر قەددى پۈكلەنگەن، ئۈمىدى ئۈزۈلىۋاتقان، غەزەب-نەپرىتى چىقىش يولى تاپالماي بىر بىرىگە قارىتىلىۋاتقان ۋە ئاخىرى كۆرۈنمەس قالايمىقانچىلىققا پاتقان بۇ مىللەتنىڭ كوللېكتىپ روھىنى ساقلاشتىنمۇ مۇھىمراق سىياسىي كۈن تەرتىپ يوقتۇر. مىللەتنىڭ روھى زەئىپلەشسە، ۋەيران بولسا ياكى ياشاشقا قارىتا ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزسە، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەرقانداق رېئال ياكى ئىدېئالىستىك سىياسىي ۋەدىلەرنىڭ ھېچ كېرىكى قالمايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھېچقانداق بىر تەشكىلات ياكى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بۇ مىللەتنىڭ روھىغا تېگىدىن چۆكۈپ، ئۇنى تۈرتۈپ ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان بىر دىت بىلەن ئوتتۇرىدا كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. بۇ روھقا زىلزىلىك خىتاپ قىلالايدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلانمايۋاتىدۇ. ھەممە ئىش بىر خىل رەڭ، بىر شەكىل ۋە بىر خىل قېلىپتا «ئاتام ئېيتقان بايىقى» شەكلىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

 

بۇ مىللەتنىڭ روھى شۇنى جاكارلايدۇكى، بىزگە خۇددى چېرچىلدەك «بىر مەڭگۈ تەسلىم بولمايمىز» دېيەلەيدىغان ھەم دېگىنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئۇنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ بىزنى يېتەكلىيەلەيدىغان بىر يېتەكچى كېرەك. بىزگە خۇددى ستالىندەك «شەرقىي تۈركىستاننى ئاداققىچە ئازاد قىلىمىز» دەپ بىزنى ئۆلۈمگىمۇ يۈزلەندۈرەلەيدىغان قورقماس، يىراقنى كۆرەر ۋە تەدبىرلىك يېتەكچى كېرەك. شۇندىلا، بۇ روھ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىغا ئېرىشىدۇ. ئۆزىگە ئىشنىشكە باشلايدۇ. كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن  باقالايدۇ.

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر