ئامېرىكا قېتئەسى

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ۋىرگىنيە شتات باشلىقى سايلىمىدا ئۇتۇشى دىموكراتلار پارتىيسغا زور خىرىس ئىلىپ كەلدى


تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 4 - نويابىر

 

جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋېرگىنىيە شتاتىنى قولغا كەلتۈردى.

ئامېرىكا ۋىېرگىنىيە شتاتى 2021-يىللىق شتات باشلىقى سايلىمى 2-نويابىر كۈنى ۋېرگىنىيە سابىق شتات باشلىقى ماكالىف بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى،داڭلىق كارخانىچى ياڭ كىن ئوتتۇرسدا ئىلىپ بېرىلدى.سايلامدا ئەزەلدىن سياسى تەجرىبىسى بولمىغان كارخانىچى ياڭ كىن يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۇتۇپ، ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى بولدى.دىموكراتچىلار پارتىيسنىڭ نامزاتى ماكالىف ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش پۇرستىدىن مەھرۇم قالدى.بۇ قېتىملىق ۋېرگىنىيە شتات باشلىقى سايلىمى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە زور ئۈمىد ئىلىپ كەلگەن بولسا، دىموكراتلار ئۈچۈن خىرىس بولدى.

بۇ قېتملىق سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى ئۈچ ئورۇننى قولغا چۈشۈردى.شتات باشلىقى ياڭ كىن ئاق تەنلىك ئەر، ئۇنىڭ مۇئاۋىن سايلام ھەمراھى قارا تەنلىك سابىق دېڭىز ئارمىيە ئوفستىرى، شتاتلىق باش تەپتش سايلىمىدا ئۇتقۇچى قارا تەنلىك ئايال بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇ ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئىرقچى ئەمەسلىكىنى كۆرستىدىغان پاكىتلار دەپ قارىدى؛

 

ۋېرگىنىيە شتاتى-ئون نەچچە يىللاردىن بېرى دىموكراتلار پارتىيسنىڭ ماكانى بولۇپ كەلگەن بولۇپ،2016-يىللىق ۋە 2020-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلىمىدا دىموكراتلار نامزاتلىرىدىن ھىلارى ۋە بايدىن ۋىرگىنىيەدە يۇقىرى بىلەت ئۈستۈنلۈكى قازانغان ئىدى.

دىموكراتلار پارتىيسى نامزاتى،ۋەزىپىدىكى شتات باشلىقى ماكالىف سايلام جەريانىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى ياڭ كىننى سابىق پىرەزدىنت تىرامپقا باغلىدى،ئۇنىڭ تىرامپنىڭ ئادىمى،تىرامپنڭ سياستىنى تەكرارلىغۇچى،ئېرقچى دەپ سۈپەتلىدى،ئۇ يەنە سابىق پىرەزدىنت ئوباما ۋە ھازىرقى پىرەزدىنىت جوۋ بايدىننى سايلام مەيدانىغا ئىلىپ كىلىپ،دىموكراتلار پارتىيسنىڭ نامزاتىنى ھېمايە قىلىشقا چاقىردى.ئومۇمى  ياڭ كىن بولسا-تىرامپنى ۋېرگىنىيەگە تەكلىپ قىلمىدى،ئۇنىڭ ئ‍سمىنىمۇ كۆپ تىلغا ئالمىدى،ئەمما بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ كۆپ قسمى تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولۇپ چىقتى.

بۇ قېتمقى سايلام نەتىجىسى-ئامېرىكا ئومۇمى سايلىمىغا ئوخشاش چوڭ تەسر قوزغىدى.بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى،2022-يىلى ئىلىپ بېرىلىدىغان دۆلەت مەجلىسى سايلىمى بولۇپ،ئىككى پارتىيە ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسنى كونتىرۇل قىلىشنى تالىشدۇ. ۋېرگىنىيە شتاتى شەرقى قىرغاقتىكى تەسرى زور مۇھىم شتاتلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى شتات باشلىقلىق سايلىمى-دۆلەت مەجلىسى سايلىمىدىن بۇرۇنقى مۇھىم ھەتتا سەل قىلغۇچ سايلاملاردىن بىرى ھسابلىنىدۇ.

 

مائارىپ ۋە ئېقتساد مۇھىم رول ئوينىدى؛

بۇ قېتىملىق سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يۇقىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىششى-ئۇنىڭ مائارىپ ۋە ئېقتسادى سياسەت ۋەدىسى ۋە دىموكراتچىلارنىڭ بۇ ساھەدىكى مەغلۇبىيەت ساۋىقىدىن دەپ  قاراشقا بولىدۇ.

ياڭ كىننىڭ غەلبە قىلىشىدىكى سياسەتلەردىن بىرى شۇكى،ئامېرىكىدا نۆۋەتتە دىموكراتلار پارتىىسى كۈچلۈك تەرغىپ قىلىۋاتقان، بىر قسم شتاتلاردا  مائارىپتا يولغا قويۇۋالىۋاتقان «كەسكىن ئىرق نەزەرىيسى» بىلەن «جىنسىيەت مائارىپ تەربىيسى»كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.ۋېرگىنىيە شتاتىدىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئىلگىرى مەكتەپ ھەيئەتلىرىگە بۇ ھەقتە نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى،كونسرۋاتىپ خىرىستئان قىممەت قارشىغا ئىگە ئاتا-ئانىلار، مۇسۇلمانلار، كۆچمەنلەر بىردەك ھالدا بۇ خىل مائارىپ نەزەرىيسنى بالىلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزىدۇ دەپ قارىدى.

فايبر فاكىس-ۋېرگىنىيەدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيە بولۇپ،بۇ يەردە دىموكراتلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى نسبەتەن كۆپ،ياڭ كىن غەربى ۋە جەنۇبى ۋېرگىنىيەدە ئالاھىدە ياخشى قوللاشقا ئېرشكەن بولسا،فايىر فاكس،ئارلىڭتون ۋە لوۋدون ناھىيلىرىدە كۈتكەندىن ياخشى نەتىجىگە ئېرشكەن.

ئۇ سايلام غەلبىسنى چەنتىللىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان .

كۆپ كۆرۈلگەنلەر