تۈركىيە

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشى توغرىسىدا

by Arman - Nov 02, 2021 0 Comment

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 2-نويابىر

ئامىنە سەدەف

تۈركىيە ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ « ئاممىۋى تەرتىپكە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە توسالغۇ پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار » دەپ  قارىلىپ، ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى ئۇلارنى ساراسىمىگە سالدى.

كۈندىن-كۈنگە يېقىنلىشىۋاتقان خىتاي -تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ «جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش » كېلىشىمىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغىچە كىرىشى، قولىدىكى خىتاي پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش ۋە ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشتىكى قىيىنچىلىقلار  تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نەچچە مىڭ ئۇيغۇرغا روھى بېسىم بولماقتا.

2020- يىلى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان مائارىپ دەرنىكىنىڭ ئارىچىلىقى بىلەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ « ئالاھىدە» ۋەتەنداشلىق تۈرىگە ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بىر قىسىملارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى ھەل بولغان ۋە يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئىككىنچى قېتىملىق تىزىملاشتا ئىلتىماس سۇنغان ۋە جاۋاب كۈتۈۋاتقان ئىدى. 
يېقىنقى بىر -ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن نەچچە ئون ئۇيغۇرغا ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلدى. قوبۇل قىلىنماسلىق سەۋەبىگە « ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە توسالغۇ پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار » دەپ يېزىپ قويۇلغان بولۇپ نوپۇس ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى سوت ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بۇيرۇغان. 

ئىلتىماس قىلغانلار ئىچىدە ئائىلە باشلىقىغا بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇش كەلسە ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق ئۇقتۇرۇش كەلگەن بولۇپ، بەزى ئائىلىدە 2-3 ھەتتا 6 دىن7 گىچە ئائىلە ئەزالىرى ئوخشاش بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان. ھەممىدىن ھەيران قالارلىقى «دۆلەتكە ۋە جەمئىيەتكە تەھدىت » دەپ قارالغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كىچىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئادۋوكات تۇتۇپ سوت ئېچىشقا بۇيرۇلغان. 

ئۆزلىرىگە نېمە سەۋەبتىن بۇ خىل ئۇقتۇرۇش بەرگىنىنى بىلەلمىگەن ئۇيغۇرلار ھەرخىل گۇمانلار بىلەن ئالاقزادىلىككە چۈشكەن. ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئالىمجان تۇردىنىڭ تىۋىتىر ھېسابىدا تارقاتقان «تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 250 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىپ ۋەتەنداشلىق ئالغۇدەك كۈچىمىز يوق. لېكىن قان- قېرىندىشىمىز، مەزلۇملارنىڭ ھامىيسى تۈركىيەنى مەڭگۈ سۆيىدىغان ئىمانلىق قەلبىمىز بار، تۈركىيەنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداشقا قەسەملىرىمىز بار» دېگەن سۆزى نۇرغۇن پارتىيە -مىللەت ۋەكىللىرى، تۈرك سۆيەر ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ulus türk  خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ باش بېتىگە بېسىلغان.

 



بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پەنلەر پروفېسسورى، ئادۋوكات ئىلياس دۇغان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق ۋە بىر قىسىم سوئاللارنى سورىدۇق. ئادۋوكات ئىلياس دۇغان  ئەپەندى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى : « ئالدى بىلەن مەن تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالايدىغانلىقىغا ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. گەرچە بۇ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان بولسىمۇ پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. تۈركىيە خەلقىمۇ بۇنداق بىر ئىشقا ھەرگىز رازى بولمايدۇ. تۈركىيەدە دۆلەت خەلق رايىنىمۇ ئېتىبارغا ئالىدۇ، گەرچە بەزى خىتايپەرەس پارتىيەلەر دۆلەتنى بۇنىڭغا كۈشكۈرتسىمۇ لېكىن دۆلەت پۈتۈن خەلقىنى قارشىسىغا ئېلىپ بۇ ئىشنى قىلماسلىقى مۇمكىن. ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلارغا كەلسەك، رەت قەغىزىگە بۇ خىلدىكى سەۋەبنىڭ يېزىلىشى رەت قىلىنغانلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. تۈركىيەدە بۇ خىل ئەھۋاللار ئادۋوكات ۋە مەھكىمە ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئۇقتۇرۇشنى ئالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە دەرھال سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلۇشى كېرەك . ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە كىيىن ھەل قىلىش قىيىن بولىدۇ، ھەتتا مەڭگۈ تۈركىيە ۋەتەندىشى بولالماسلىقى مۇمكىن. بىزمۇ مەھكىمىگە ئەرز سۇنماي تۇرۇپ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەيمىز. »
ئائىلىدە 18 ياشتىن ئاشقانلارغا ئايرىم ئادۋوكات ھەققى تۈلەپ ئەرز سۇنۇش، ئادۋوكات ھەقلىرىنىڭ دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئامىللار  دوللار باھاسى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان تۈركىيەدە ئىشلەش رۇخسىتى يوق، ئەرزان مائاشقا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يېڭى بىر ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلماقتا.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر