تارىخ ۋە ئەسلىمە

تاھىر ھامۇت ئېزگىل: تۇرغۇن ئالماسنى ئەسلەيمەن

by Admin - Sep 11, 2021 0 Comment



(ئەدىب، تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا)

تاھىر ھامۇت ئىزگىل

بۈگۈن 11-سېنتەبىر. بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر 20 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈننى خاتىرىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار.چۈنكى بۇ كۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر خاتىرە كۈندۇر. 

1999-يىلى كۈزدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى داۋان ئولتۇراق رايونىدىن ئاددىي بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارە ئېلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم. شۇ چاغدا مەن رېژىسسورلۇق قىلىپ سۈرەتكە ئالغان "ئاي گۇۋاھ" ناملىق فىلىمنىڭ كىرىشتۈرۈش ئىشلىرىغا سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى سونىي شىركىتىدە ئۆزۈم يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ يەردە تۇرۇش ماڭا قولاي ئىدى. ئۇ فىلىمنىڭ ئىشلىرى بىرەر ئايدا تۈگىدى. قىلغۇدەك ئىش بولمىغاچقا، بەلنى چىڭ باغلاپ، ئاشۇ بىر ئېغىز ئىجارە ئۆيدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كىتاب يېزىشقا باشلىدىم.

شۇ چاغدا مەن ئۈچ يىللىق تۈرمە ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىلى تېخى بىر يىل بولغانىدى. ئاللىقاچان خىزمەتتىن ھەيدەلگەن ئىدىم. ئۈرۈمچىدە خىزمىتىم يوق، ئۆيۈم يوق، پۇلۇم يوق، «قىپقىزىل پرولېتارىيات» قا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم.

ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان دوستۇم جۈرئەت پات-پات مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ تۇراتتى. ئۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى دۆڭگە جايلاشقان قەبرىستانلىقتىن (خوجا نىياز ھاجى قاتارلىق شېھىتلارنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان بۇ قەبرىستانلىق كېيىن چېقىلىپ، ئورنىغا تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى سېلىندى) پىيادە مېڭىپلا مېنىڭ قېشىمغا كېلەلەيتتى. ئەلۋەتتە، مەنمۇ دائىم ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇراتتىم.
شۇ چاغدا مەندە تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان بىر قىسىم تۈركچە كىتابلار بار ئىدى. بۇ كىتابلارنىڭ كۆپى تۈركىيە «ئاتا تۈرك» تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەجمۇئەلەر بولۇپ، ئۇلاردا تۈركىيەنىڭ مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدىكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىغا ئائىت مەزمۇنلار كۆپ ئىدى. بۇ كىتابلاردا يەنە شۇ دەۋرگە ئائىت كۆپلىگەن تارىخىي سۈرەتلەر بار ئىدى. جۈرئەت بۇ كىتابلارغا قىزىقىپ بىر نەچچىسىنى ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ كۆرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى.

2000-يىلى ئەتىيازدا، مەن جىددىي بىر ئىش بىلەن يۇرتۇم قەشقەرگە بېرىپ ئىككى ھەپتە تۇرۇپ قالدىم. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلسەم، جۈرئەت ھېلىقى تۈركچە كىتابلارغا تۇرغۇن ئالماسنىڭ قىزىقىپ قالغانلىقىنى، ئاشۇنداق كىتابلاردىن يەنە بولسا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كونا ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا يېقىن ئىدى. تۇرغۇن ئالماس دائىم ئۆيىدىن پىيادە ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، دوختۇر -سېسترالار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇ جەرياندا جۈرئەتمۇ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى جۈرئەت ئىشخانىسىدا بىكار قېلىپ، ھېلىقى تۈركچە كىتابلارنى كۆرۈپ ئولتۇرسا، تۇرغۇن ئالماس كىرىپ قاپتۇ ۋە بۇ كىتابلارنى كۆرۈپ دەرھال قىزىقىپتۇ. ئۇ كىتابلارنى جۈرئەتتىن سوراپ ئېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، جۈرئەتنى ئىزدەپ يەنە كەپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇشۇ خىلدىكى كىتابلاردىن يەنە بولسا كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى دەپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى يېزىۋاتقانلىقىنى، 1930-يىللاردا مۇستاپا كامالنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قەرز ئالغانلىقىغا ئائىت مەنبەلەرنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. جۈرئەت ئۇنىڭغا بۇ كىتابلارنىڭ ماڭا تەۋە ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كىتابلارنىڭ مەندە بار ئىكەنلىكىنى، ئەمما مېنىڭ قەشقەرگە كەتكەنلىكىمنى، قايتىپ كەلگەن ھامان كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

مەن تۇرغۇن ئالماسنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى 1986-يىللىق "قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلىدىن ئوقۇغانىدىم. ئۇ چاغدا مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ "تەنلىرىم ياپراق" ناملىق شېئىرىغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان ناخشىنى كىچىكىمدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغاچقا، بۇ شېئىرلارنى كۆرۈپ خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتكەن ۋە بەزىلىرىنى يادلىۋالغان ئىدىم. كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ماقالىلىرىنى ھەرقايسى ئىلمىي ژۇرناللاردىن زور قىزىقىش بىلەن ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇپ تۇرغانىدىم. 

جۈرئەت بىلەن ئىككىمىز تۇرغۇنكامنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۇنىڭ ئۆيى بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئىدى. ئۆيدە تۇرغۇنكام بىلەن ئايالى يالغۇز ئىكەن. ئايالى ئۆيگە قەرەلسىز مېھمانلارنىڭ كېلىشىگە كۆنۈك بولسا كېرەك، بىز بىلەن مۇنداقلا سالاملىشىپ، چاي قۇيۇپ، ئۆز ئىشى بىلەن بولدى. مەن ئۆزۈمدە بار بولغان بەش -ئالتە پارچە كىتابنىڭ ھەممىسىنى ئالغاچ بارغانىدىم. ئۇ كىتابلارنى قىزىقىش بىلەن بىردەم ۋاراقلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تەپسىلىي كۆرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كىتاب ۋاراقلاشتىن توختىدى، ئاندىن ئۇياق -بۇياقتىن بىردەم پاراڭلاشتۇق. ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.ئاندىن، 1949-يىل ئاۋغۇستتا ئۆزىنىڭ قانداقلارچە قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا يولغا سېلىنغانلىقىنى ھەمدە غۇلجىدا كۆرگەن -ئاڭلىغانلىرىنى دەپ بەردى. بىرەر -ئىككى سائەت پاراڭلىشىپ، بىز ئۇنى يەنە يوقلاپ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ يېنىپ چىقتۇق. ئەسلىدە مېنىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغانلىرىم بار ئىدى، ئەمما تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشۈم بولغاچقا، كېيىنگە قالدۇردۇم. ئارىدىن بىرەر ئايچە ئۆتۈپ، تۇرغۇنكام ھېلىقى كىتابلاردىن ئۆزى ئىزدىگەن مەزمۇنلارنى تاپالماي، ئۇلارنى جۈرئەتكە قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.

1989-يىلى مەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب بىزنى قاتتىق ھاياجانغا سالغانىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بۇ كىتابىنى "ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە "قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" ناملىق ئىككى كىتابى بىلەن قوشۇپ چەكلىدى ۋە كەڭ كۆلەمدە كۈرەش قىلدى. خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ بۇ كىتابلىرىنى "ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنغان" دەپ تەنقىد قىلدى. دەل شۇ مەزگىلدە، بىزگە ياڭ شېڭمىن ئىسىملىك بىر تۇڭگان ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر تارىخى دەرسى ئۆتتى. بىرىنچى سائەتلىك دەرستىن باشلاپلا، بىز ئۇنىڭ دەرسىنىڭ ھەر بىر مەزمۇنىغا قارشى قاتتىق ئىنكاس كۆرسەتتۇق ۋە "ئۇيغۇرلار" دېگەن كىتابتىن نەقىل ئېلىپ رەددىيە بەردۇق. 

مۇنداق بىر ئىش ئېسىمدىن چىقمايدۇ: تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۈچ كىتابى چەكلەنگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا مەندە ئۇنىڭ "ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" دېگەن كىتابى يوق ئىدى. مەن دەرھال بىزنىڭ مەكتەپكە قوشنا بولغان بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى (ھازىرقى دۆلەتلىك كۇتۇپخانا)نىڭ ئۇيغۇرچە كىتاب بۆلۈمىدىن ئۇ كىتابنى تاپتىم ۋە ئوغرىلىۋالدىم. گەرچە بۇ قىلغىنىم توغرا بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ كىتابنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كۇتۇپخانىدىن يىغىۋېتىلىدىغانلىقى ئېنىق بولغاچقا، بەك نومۇس قىلىپمۇ كەتمىگەن ئىدىم. 

تۇرغۇنكامنىڭ ئۆيىگە تۇنجى بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئىشلەيدىغان دوستۇم كۈرەش ئىككىمىز تۇرغۇنكامنى يەنە يوقلاپ باردۇق. گەرچە ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم تۇرغۇنكامنىڭ بۇرۇنقىدىن خېلىلا قېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ ئايالى بۇرۇنقىدەكلا بىز بىلەن سالاملىشىپ ۋە چاي قۇيۇپ، باشقا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. تۇرغۇنكام ئايالىنىڭ كەينىدىن بىر دەم قاراپ تۇرۇپ، ئاندىن بىزگە: "بالىلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ خوتۇن بېقىپ چوڭ قىلدى، قاتارغا قوشتى، جىق جاپا تارتتى" دېدى. ئاندىن بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دەپ كېلىپ، بىر بالىسىنىڭ ئامېرىكىدا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بارغۇسى بارلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى، تۆمۈر داۋامەتنىڭ شۇ يولنى ئېچىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى، بىراق ھازىرغىچە بىرەر خەۋەرنىڭ يوقلۇقىنى ھەسرەت بىلەن ئاستا سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇنىڭدىن ئۆزى بىلەن دەۋرداش تارىخىي شەخسلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تالانتى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كەچۈرمىشلىرى، مەمتىمىن يۈسۈپنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالاتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆرگەن -بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ كىشىلەرگە باھا بېرىشتىكى ئۆلچىمى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ كىشىلەرگە باھا بېرىشتە ئۇنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىنى، تېخىمۇ دەل ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ راستچىل ياكى ئەمەسلىكىنى مۇھىم بىر ئۆلچەم  قىلاتتى. گەپ ئارىلىقىدا ئۇ تۇيۇقسىز سورىدى: "سىلەر ئەخمەتجان قاسىمنى كۆرمىگەن ھە؟" بۇ سوئالدىن كۈرەش ئىككىمىز تۇرۇپلا قالدۇق. ئۇ بىزنىڭ ئىنكاسىمىزغا پەرۋامۇ قىلماي گېپىنى داۋاملاشتۇردى:"ئۇيغۇردىن ئۇنىڭدەك يىتىشكەن، تالانتلىق ۋە ئىقتىدارلىق رەھبەر چىقمايدۇ. 47-يىلى مەن ئۇنىڭ بىلەن قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىدە 15 كۈن بىللە تۇردۇم. بىز جىق پاراڭلاشتۇق. ئۇ ھەقىقىي رەھبەر ئىدى." ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە چوڭقۇر ھۆرمەت، قايىللىق، سېغىنىش ۋە ئۆكۈنۈش سىڭىپ كەتكەنىدى. ئاخىردا، مەن ئۇنىڭ ئابلىزخان مەخسۇمغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ بۇ سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندەك: "ئۇنى كېيىن دەيمىز" دەپلا جاۋاب بەردى. بىز ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا ئۇ: "بۇ ئۆيدە بولغان گەپلەرنى تالادا دەپ يۈرمەڭلار، تۇرغۇنكامنى يوقلاپ بارساق ھاراق قۇيۇپ بېرەي دېگەنتى ئۇنىماي يېنىپ چىقتۇق دەڭلا" دېدى. بىز بۇ گەپكە كۈلۈپ كەتتۇق، ئۇ ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى.

تۇرغۇن ئالماس ھەققىدە جەمئىيەتتە كۆپ ھېكايىلەر بار ئىدى. بۇ يەردە "ئۇيغۇرلار" دېگەن كىتابنىڭ يېزىلىشى ھەققىدىكى مۇنداق بىر ھېكايىنى تىلغا ئالغۇم كەلدى: 1985-يىلى خىتاي تەتقىقاتچى ليۇ جىژشياۋ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە يازغان "ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابقا سەيپىدىن ئەزىزى كىرىش سۆز يازغان. بۇ كىتابتىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى بۇرمىلانغان تارىخىي پاكىتلارغا ۋە نامۇۋاپىق نۇقتىئىينەزەرلەرگە نارازى بولغان تۇرغۇن ئالماس سەيپىدىن ئەزىزىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. سەيپىدىن ئەزىزى ئۇنىڭغا: "نوچى بولساڭ سەنمۇ ياز، ساڭىمۇ كىرىش سۆز يېزىپ بېرىمەن!" دېگەنمىش. شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇن ئالماس "ئۇيغۇرلار" دېگەن كىتابنى يازغانمىش. بۇ گەپنىڭ راست -يالغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ. مەن تۇرغۇنكام بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ گەپنى سوراپ باقمىغان. ئەمما، بۇ ھېكايىدىكى بايانلار ئۇنىڭ خاراكتېرىگە خېلى ئۇيغۇن كېلىدۇ. 

2001- يىلى ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىدە ئىشلەيدىغان رەھمانجان ئاۋۇت بىلەن ئىككىمىز ئوپېرا ئۆمەك قورۇسىدىن چوڭ بازار تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئىتتىپاق يولى يەر ئاستى تونېلنىڭ پەلەمپىيىدىن چۈشۈپ كېتىۋېتىپ، پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ قالغان تۇرغۇنكامنى كۆرۈپ قالدۇق. كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتىشىپ تۇراتتى. ئىككىمىز دەرھال بېرىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدۇق. ئاندىن پەلەمپەيدىن يۆلەپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدۇق. ئۇنىڭ نەچچە ئاي ئىلگىرىكى ھالى قالمىغانىدى، ئۇ تېخىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دۆڭكۆۋرۈكتىكى بىر دۇكاندىن پاختىدىن ئىشلەنگەن ئىچ كىيىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، لېكىن تاپالماي ئېزىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئىزدىگىنى دۆڭكۆۋرۈكتىكى تۇڭگان مەسچىتنىڭ يېنىدىكى بىر دۇكان ئىدى. بىز ئۇنى يېتىلەپ يەر ئاستى تونېلدىن ئۆتۈپ، ئاشۇ دۇكانغا ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئىچ كىيىملەردىن بىر نەچچىنى سېتىۋالدى. ئاندىن بىز بىر تاكسى توسۇپ، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدۇق. تاكسى ئەمدى قوزغىلىشىغا، ئۇ ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئالدىدا تىلىملاپ سېتىلىۋاتقان تاۋۇزنى كۆرۈپ يېگۈسى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بىز تاكسىنى توختاتتۇق. رەھمانجان تاكسىدىن چۈشۈپ چوڭ بىر تىلىم تاۋۇز ئېلىپ كەلدى. تۇرغۇنكام تازا ئۇسسىغان ئىدى، تاكسىدا ماڭغاچ تاۋۇزنى پاك-پاكىز يەۋەتتى. ياشلار باغچىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، تۇرغۇنكام تۇيۇقسىز ماڭا قاراپ: "سىلى ئەخمەتجان قاسىمنى كۆرگەنغۇ ھە؟" دەپ سورىدى. مەن: "ياق، مەن كۆرمىگەن" دېدىم. ئۇ قايتا گەپ قىلمىدى.

قورۇ ئالدىدا تۇرغۇنكامنىڭ ئايالى ساقلاپ تۇرغانىكەن. ئۇنىڭ نەقەدەر جىددىيلەشكەنلىكى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى. ئۇ بىزنىڭ تۇرغۇنكامنى ساق-سالامەت ئەكېلىپ قويغانلىقىمىزدىن خۇش بولۇپ رەھمەت ئېيتتى، ئەمما دەرھاللا تۇرغۇنكامنىڭ ئۆزى يالغۇز ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى تازا ئەيىبلىدى. ھەر دائىم قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭىدىغان تۇرغۇن ئالماس خۇددى تەنبىھ ئاڭلىغان كىچىك بالىدەك، ئايالىنىڭ ئالدىدا گەپ –سۆز قىلماي بېشىنى ئېگىپ ماڭغانچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ نى-نى بوران -چاپقۇنلاردا پۈكۈلمىگەن قەددىنى مانا ئەمدى قېرىلىق پۈككەنىدى. بۇ مېنىڭ  تۇرغۇن ئالماسنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ قالدى.

2001-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىككى چوڭ ۋەقە يۈز بەردى: ئەدىب، تارىخچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى تۇرغۇن ئالماس ۋاپات بولدى ۋە ئامېرىكىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى. مېنىڭچە، بۇ كۈن ئۇيغۇرغا نىسبەتەن بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە يەنە بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. 20 يىل ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يۈزلىنىپ، ھايات-ماماتلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

تۇرغۇن ئالماس ۋاپات بولغاندا مەن باي ناھىيەسىدە "قاراڭغۇ تاغ" ناملىق فىلىمنى ئىشلەۋاتاتتىم. ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىشقا قاتنىشالمىغانلىقىمغا ئەپسۇسلاندىم. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇنى ھەر دائىم ياد ئېتىپ تۇردۇم. مېنىڭچە، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ.
2021-يىل 11-سېنتەبىر، ۋىرجىنىيە

كۆپ كۆرۈلگەنلەر