خەلقئارا مۇناسۋەت

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىشىدىن ھەم ئەندىشە قىلىدۇ، ئۈمىت قىلىدۇ

by Admin - Aug 30, 2021 0 Comment

كېن مورىتسۇگۇ

(بىرلەشمە ئاگېنتلىقى)

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 30 - ئاۋغۇست

 

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇغلۇق ئابدۇرازاق

 

تەھرىرى:ئابدۇقادىر ئابلىز

 

‎ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدىغان رايوندىكى جۇغراپىيىلىك سىياسىي رەقىبىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشتىكى ئۇزۇندىن بۇيانقى ئۈمىدىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بايقىدى.

 

شۇنداقتىمۇ، خىتاي بۇ چېكىنىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدىغان ئوتتۇرا ئاسىياغا خەتەر ۋە مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىشىدىن ھەمدە تار ھەم يىراق چېگرادىن خىتاينىڭ ئۆزىگە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار رايونىغا ئېقىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

 

تالىبانلارنىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشى، ئەلۋەتتە ئافغانىستاننىڭ غايەت زور يەر ئاستى تەبىئىي بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت پۇرسەتلەر خىتاي ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بېيجىڭ مەزكۇر نامرات دۆلەتنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بولدى.  ئەمما بۇ پايدىلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن دۆلەت مۇقىملىقى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش نەتىجىسىدە تېخىمۇ مۇقىمسىزلىق شارائىت ياراتقان بولدى.

 

لوندوندىكى «خان جەمەتى بىرلەشمە مۇلازىمەت ئىنستىتۇتى»نىڭ مۇتەخەسسىسى راففېللو پانتۇچچى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئىمپېرىيىنىڭ زاۋال تېپىشى توغرىسىدىكى ھېكايىنى توقۇيدۇ، بۇنى بېيجىڭنىڭ ياۋرو-ئاسىيا مەركىزى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى باشقۇرغۇچى بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ».  «ئەمما ئەمەلىيەتتە، بېيجىڭدا بۇ توغرىلىق چوڭ ئېگىز-پەسلىكلەر پەيدا بولۇش-بولماسلىققا ھازىرچە ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن.

 

نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، خىتايمۇ تالىبان رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستاننىڭ تېرورلوق خەۋپىگە دۇچ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.  بۇ دۆلەتتىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ھۇجۇم قوزغايدىغان مەيدانغا ئايلانماسلىقىنى بېيجىڭ تالىبانغا كۆپ قېتىم ئېيتقانىدى، ئوساما بىن لادېن ئافغانىستاننى بازا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە تەييارلىق قىلغان ئىدى.

 

تېخىمۇ چوڭ بىر تەھدىت، قوراللىق كۈچلەرنىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېقىپ كىرىش مۇمكىنچىلىكىدۇر. خىتاي بۇ رايونغا زور مەبلەغ سېلىپ ئىتتىپاقداشلىق تۈزمەكچى بولۇپ كەلگەن.

 

«خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى ئىنستىتۇتى»دىن پېنسىيىگە چىققان خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى لى ۋېي مۇنداق دېدى: «ئافغانىستان تالىبانلىرى خەلقئارالىق تېررورلۇق كۈچلىرىدىن ئايرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى، بىراق ئۇلار تېخى رەسمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە زادى قانداق قىلىدىغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيمىز».

 

تالىبانلار خىتاي بىلەن ماسلىشالمايدىغان شېرىك بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ دىننى ئاساس قىلغان پەلسەپەسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان بېيجىڭنىڭ دىنسىز ھۆكۈمرانلىقىغا تامامەن قارىمۇ-قارشى كېلىدۇ.  ھالبۇكى، بۇ مەسىلە ھازىرغىچە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تالىبانغا يېقىنلىشىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

 

دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا تالىباننىڭ سىياسىي رەھبىرى موللا ئابدۇل غەنى بارادار باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىپ، ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى خالايدىغانلىقى، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق تەھدىتىگە خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرى ئامېرىكىنى ئافغانىستاندىن «ئالدىراقسانلىق»تا چېكىندى دەپ تەنقىد قىلدى. دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ باش ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: «تالىباننىڭ تېز غەلىبىسى ئامېرىكىنى نومۇس قىلدۇرىدۇ، ئۆز ئوبرازىنى، تەكەببۇرلۇقىنى چۈشۈرىدۇ».

 

بۇ سۆزگە قارىماي، ۋاڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېنغا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ «يۇمشاق بىرتەرەپ قىلىنىشى» نى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىر تەرەپتىن خىتاينى مەقسەتلىك ھالدا چەكلىيەلمەيدۇ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتەلمەيدۇ، خىتاينىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىنى كۈتۈشى لازىم».

 

پرېزىدېنت جو بايدىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ئامېرىكىنى خىتاي قاتارلىق چوڭ يوشۇرۇن تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييار قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

بايدىن بۇ ھەپتە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھەقىقىي ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتچىلىرىمىز خىتاي ۋە رۇسىيە، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق نەچچە مىليارد دوللار پۇل ۋە بايلىق ئاجرىتىپ ئافغانىستاننى ئەبەدىي مۇقىملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىگە تەقەززا بولۇپ كەلدى.»

 

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتى تەتقىقاتچىسى يىن گاڭ مۇنداق دېدى: ھەر ئىككى دۆلەت مۇقىملاشقان ئافغانىستانغا ئوخشاشلا قىزىقىدۇ.

 

يىن مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئافغانىستاندا مۇقىملىق قولغا كەلتۈرۈلسە، ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى ياخشىلىنىدۇ، خىتاي ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ».

 

خىتاي ئافغانىستاندا سودا كارخانىلارنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى، ئەمما بۇنىڭ روياپقا چىقىش ئىستىقبالى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ 20 يىل ئىلگىرىكى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا تېخى ئۆزگىرىش يوق.

 

«خىتاي مېتاللورگىيە گۇرۇھى» باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە گەۋدە «مېس ئايناك« تا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىس زاپىسىنىڭ بىرىنى ئېچىش ئۈچۈن 3 مىليارد دوللار باھا قويغان، شۇنداقلا ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تۆمۈر يول ۋە باشقا ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.  بىراق بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئىش تېخى باشلانمىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى لوگار ئۆلكىسىدىكى توپىلاڭچىلاردۇر.

 

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھى» ئۆزبېكىستان بىلەن خام نېفىتنىڭ خىتايغا توشۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىش ئۈچۈن ترانسپورت كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ كېچىكىشى سەۋەبىدىن ئامۇ دەريا ئويمانلىقىدا نېفىت قېزىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى نېفىت قېزىش كېلىشىمنى بىكار قىلدى.

 

خىتاي ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان پاكىستانغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى كېڭەيتىپ، سودا يولىنى ياخشىلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ تەسىرىنى چەتئەلگە كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى، ئەمما ئافغانىستاننىڭ مەزكۇر زەنجىرنىڭ بىر ئۇلىنىش رولىنى ئوينىشىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

 

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورنغا جايلاشقان سىياسىي خەتەر ئانالىزچىسى ھېنرى ستورىي مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى، ئافغانىستاندىكى ھەر قانداق تېررورلۇق ھەرىكەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

 

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق «ئۆتۈككە» پۇتىنى تىقمايدۇ (ئەسكەر ئەۋەتمەسلىك) چۈنكى ئۇ ئامېرىكىنىڭ خاتالىقىنى تەكرارلاشنى خالىمايدۇ، شۇنداقلا تەيۋەنگە ئوخشاش تېخىمۇ جىددىي مەسىلىلەرگە چېچىلىشنى خالىمايدۇ». بۇ يەردە ئۇ خىتاي ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى دەپ كېلىۋاتقان تەيۋەنگە تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئېھتىمالىنى ئىنكار قىلدى.

 

خىتاي ئالىملىرى ۋەزىيەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، «خىتاي ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ» دېگەن ھۆكۈمەت پوزىتسىيەسىنى قايتا تەكىتلىدى.  مۇشۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن خىتاينىڭ ئافغانىستانغا مۆلچەرلەنگەن ئۆلچەپ بويىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

خەلقئارا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسى مېيا نوۋېنس مۇنداق دېدى:  ھاياجانلىنىپ كەتكەن خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى ئافغانىستاندىكى ۋەقەلەرنى بېيجىڭنىڭ غەلىبىسى ۋە ۋاشېنگتوننىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ تەسۋىرلەپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ «ساختا ئىشەنچ تۇيغۇسى» تىكلەشنى مەقسەت قىلغانلىقتۇر.

 

ئۇ مۇنداق دېدى: بەزى كىشىلەر خىتاينى ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشىدىن پايدىلىنىپ ئافغانىستان بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ دەپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا قىزىقماسلىقى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بېيجىڭ چەتئەل ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى ئاستىلىتىۋاتىدۇ.

 

خىتاينىڭ ئافغانىستانغا سالغان مەبلەغلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغداش مەسىلىسىمۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

 

ئۇ: «ھازىرچە ... بېيجىڭ باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئىشنى قىلىدۇ. ساقلاپ تۇرۇپ، ئافغانىستاندىكى ئىشلارنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىدۇ» دېدى.

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر