ختتاي دىپلوماتىيسى

خىتاي ئافغانىستانغا 200 مىليون يۈەنلىك ماددى ئەشيا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى

by Admin - Sep 09, 2021 0 Comment

ئۇيغۇر ئاگېتنلىقى 9 - سىنتەبىر

 

تەرجىمە قىلغۇچى : قاڭقىل 

 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى ئافغانىستانغا 200 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 31 مىليون دوللار) قىممىتىدىكى ئاشلىق دورا، ۋاكسىنا ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددى ئەشيا ياردىمى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ تالىباننىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كىيىنكى تۇنجى چەتئەل ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ياردىمى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەشيالارنىڭ يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە تالىبان بىلەن بىۋاستە مۇزاكىرلەشكەنلىكىنى ياكى ھۆكۈمەتسىز ئورگانلار ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

ۋاڭيى چارشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 8-كۈنى) پاكىستان،ئىران،تاجىكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئېچىلىق سىنلىق يېغىندا ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كىيىن خىتاينىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭيى يەنە تالىباننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى، پەقەت تالىباننىڭ قۇرغان ھۆكۈمىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى،ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا،زىمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر