ساقلىق ۋە يېمەكلىك

دىئابېت بىمارلىرى بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق ئاچقۇچى

by 1 - Apr 26, 2018 0 Comment

ىئابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن %20 ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، سېمىزلەر ھېچ بولمىغاندا تەن ئېغىرلىقىنىڭ %5~%10 ىنى ئازايتىشى كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىگەندە، بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىشنى ئەڭ مۇھىم تەدبىر قاتارىغا كىرگۈزمىگەندە، يالغۇز دورا ئارقىلىقلا داۋالاپ، كۈتكەن ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى كۈندىلىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنى بىر قەدەر توغرا ھېسابلىشى كېرەك. شۇڭا، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق چەككە چۈشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
يىمەكلىكنىڭ قان قەنتى ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچىسىگە دىققەت قىلىش. قان قەنتى ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچىسى (GI) يېمەكلىك بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، قان قەنتى رېئاكسىيىسىنى قوزغايدىغان بىر تۈرلۈك فىزىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە كۆرسەتكۈچ. يۇقىرى GIلىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان-ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن تېز ھەزىم بولۇپ، تولۇق قوبۇل قىلىنىدۇ، گىلۇكوزا تېزلىكتە قانغا كىرىدۇ؛ تۆۋەن GIلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيدە توختاش ۋاقتى ئۇزۇن، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن، گلۇكوزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئاستا، قانغا كىرگەندىن كېيىنكى چوققا قىممىتى تۆۋەن، تۆۋەنلەش سۈرئىتى ئاستا. دېمەك، يېمەكلىكلەرنىڭ قان قەنتى ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچىسىنى ئىگەللەش، تاماقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئادەم بەدىنىدىكى قان قەنتى سەۋىيىسىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى كۆكتات-مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قان شېكىرىنى ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچىسى تۆۋەن، ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلىنغىنى بويىچە مۇۋاپىق مىقدارى ئوزۇقلانغاندا، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ زىيادە خىللانغان ئاساسلىق تاماقلارنىڭ GI ئۆلچىمى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا قارا ئاشلىق ۋە بۇغداي قاتارلىقلارنى تاللىغان ياخشى. دىئابېت بىمارلىرى ۋە شېكەرگە چىداملىق دەرىجىسى تۆۋەن بولغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىمكانقەدەر GI ئۆلچىمى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى تاللاش ئارقىلىق، تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىى بولىدۇ. تۆۋەندىكى گرافىكتىن كۆپ ئۇچرايدىغان يېەكلىكلەرنى تاللاشتا پايدىلىنىشقا بولىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كاۋىنىڭ GI ئۆلچىمى بىرقەدەر يۇقىرى، شۇڭا دىئابېت بىمارلىرىنىڭ كاۋىنى «پايدا قىلىدۇ» دەپ كۆپ يەۋېلىشى ئەكسىچە پايدىسىزدۇر. مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، مېۋە يېلىمى قاتارلىقلار مول، يەنە يېمەكلىك تالاسى ۋە تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بولۇپ، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق. مېۋە يەنە كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. لېكىن ئۇنىڭ مېۋە شېكىرى بىلەن گلۇكوزا تەركىبى بار بولۇپ، بەزى دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى ھەتتا سوراشقىمۇ پېتىنالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېۋە تەركىبىدىكى قەنتنى كۆپ مىقداردىكى سۇ تەركىبى سۇيۇلدۇرۇۋېتىدۇ، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئانئورگانىك تۇز بىلەن ئارىلىشىپ، يەنە يېمەكلىك تالاسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغاچقا، زىچلىقى ساپ شېكەردىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا قان قەنتىنى بىر قەدەر مۇقىم كونترول قىلىۋاتقان دىئابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ ساندىكى مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا تامامەن بولىدۇ، پەقەت تاماقتىن كېيىنكى مېۋە قوبۇل قىلىش مىقدارى بىر كۈن ئىچىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولدى.
ئوزۇقلۇق تاللىماسلىقنى تەشەببۇس قىلىش.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئاشلىق-دېھقانچىلىق تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى ئوزۇقلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى پىرىنسىپى ئوزۇق تاللىماسلىقتۇر. ئۇنىڭ پايدىسىنى ئىجابىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەڭپۇڭ ھالدا ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشتۇر؛ پاسسىپ تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئەگەر قايسى خىل يېمەكلىكتە مەسىلە بولسا، قوبۇل قىلىش مىقدارى كۆپ بولمىغانلىقتىن، بىر قەدەر چوڭ زىياندىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر بىزدە كەمچىل بولۇۋاتقىنى ئوزۇقلۇق ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتتۇر؛ بىزگە ئېھتىياجلىق بولغىنى قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى تەڭشەكتۇر. ئوزۇقلۇق ئىممۇنولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەكلىپىچە، ئەگەر ھەر كۈنى 15 خىلدىن كۆپ ئۆسۈملۈك يەپ بەرگەندە، يېمەكلىك تالاسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سىزنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىڭىز بىر قەدەر ياخشى بولغان بولىدۇ.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا كۆرسەتكەن تەۋسىيەلىك پىرىنسىپى. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر توپىغا  بەرگەن «10 خىل تور توپى» پىرىنسىپى. يۇقىرىدىكى تەكلىپ ئىنتايىن بىۋاسىتە بولۇپ، ئىگىلەشكە ئاسان. لېكىن كۆپچىلىكنىڭ پەقەت بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تور توپىنىلا ئەستە تۇتۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، يەنە ئالدىدىكى مىقدار سۆزلەرنىمۇ ئەستە تۇتۇشى كېرەك. يەنى «ئېشىپ كەتمەسلىك»، «كاپالەتلىك قىلىش»، «باراۋەر» ۋە «كەم» قاتارلىقلار. پەقەت بۇ پىرىنسىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈكمەنىسىنى ئىگەللىگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ساغلام تاماق قۇرۇلمىسى ۋە مىقدارىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. دۇنيا راك كېسىلى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا راك كېسىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ يېمەكلىك، ئوزۇقلۇق، بەدەندىكى ھەرىكەت ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك مۇھىم تەكلىپى: 1. مۇۋاپىق بولغان دائىرىدە، ئىلاجنىڭ بېرىچە ئورۇقلاش (BMI قىممىتىنى 21~23 ئىچىدە كونترول قىلىش)؛ 2. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ئوتتۇراھال (مەسىلەن تېز مېڭىش) ھەرىكەت ئىشلەش. 3. يۇقىرى ئېنىرگىيە زىچلىقىدىكى يېمەكلىكلەرنى چەكلەش، قەنت مىقدارى بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئىچمەسلىك؛ 4. ھەركۈنى كەم دېگەندە بەش خىل مېۋە ۋە كۆكتات ئىستىمال قىلىش؛ 5. قىزىل گۆش ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى ئازايتىش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش؛ 6. ھاراق ئىچىشتە ئەرلەرنىڭ ئىككى كىشىلىك، ئاياللارنىڭ بىر كىشىلىكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك (بىر كىشىلىك ھاراقتىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارى تەخمىنەن 10~15 گىرام)؛ 7. ھەركۈنلىك تۇز مىقدارى 6 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك؛ 8. يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش، يېمەكلىك تولۇقلاش دورىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلماسلىق. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھاراق ئىچىش مىقدارىنى نورمال ھاراققا ئالماشتۇرغاندا، 60 گىرادۇسلۇق ئاق ھاراق بولسا 40 مىللىلېتىر، 13 گىرادۇسلۇق قىزىل ھاراق 150 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاياللار مۇشۇ ئۆلچەمنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىۋېتىشى كېرەك. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئىچىدە، مۇھىت ئامىلى ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، بۇ يەنە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ؛ سېمىزلىك بەلكىم كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر