ئوتتۇرا ئاسيا

قىرغىزستانلىق داڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكانىت روزاخۇن قازاقستان نامايشلىرىدا « چەتئەل تىروررىست كۈچلىرى» دەپ ئەيىپلەندى، قىرغىزستان قوبۇل قىلمىدى.


 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 9-يانۋار

ئەكرەم ئىمىنوف (قازاقىستان)

 
ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىدىن «لييۇ يوۋ ا مەپ »نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ۋە خەلقئارا جامائەت قازاقىستان ھۆكۈمىتى تىلغا ئالغان چەتئەللىك تېررورچىلار كىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كىيىن، قازاقىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى تۈنۈگۈن كەچتە قىرغىزىستانلىق داڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋىكرام رۇزاخۇنۇفنى تۇتقۇن قىلغان ۋىدىئونى كۆرسەتكەن بولۇپ، رۇزاخۇن بىرىنىڭ ئۆزىگە 200 دوللار بېرىپ نامايىشقا قاتنىشىشقا سورىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان دېگەن. رۇزاخۇن داڭلىق ۋە پۇلدار كىشى بولۇپ، قىرغىزىستاندا جاز مۇزىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ نامى چىققان، دائىم قازاقىستان ئالمۇتاغا بېرىپ ئويۇن قويىدۇ.

 
قازاقىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى خەۋىرىدە روزاخۇننىڭ ئاغزى-بۇرنى قان ھالەتتىكى رەسىمى كۆرسىتىلگەندىن  كېيىن، بىر توپ قىرغىز ياشلىرى ۋە رۇزاخۇن مەستانىلىرى قازاقىستاننىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا روزاخۇننى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن نامايىش قىلغان. ئۇلار نامايىش جەريانىدا قازاقىستاننىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

ئازىس ئاباكىروۋ مۇنداق دېدى : «قىرغىزىستاننىڭ بىر داڭلىق مۇزىكانتنىڭ قازاقىستاندا تېررورچى دەپ تۇتقۇن قىلىنىشى نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق. ئۇ دائىم ئالمۇتاغا بارىدۇ، ئۇ چۈنكى دۇنيا بويلاپ تونۇلغان جاز مۇزىكانتى، بىز ئۇنى بىلىمىز ۋە ياخشى كۆرىمىز. ئۇنىڭغا تۆھمەت ئارتماڭلار، ئۇنى قويۇپ بىرىڭلار، ئۇ بىر مۇزىكانت خالاس.»

 رۇزاخۇن ۋەقەسى، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى مىللىي سىياسىتىنىڭ يەنە بىر قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 8-يانۋار كۈنى فوكس 24 خەۋەرلىرى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ قاتتىق يورۇتۇپ بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق نامايىشلاردا قانچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھۆكۈمەتنىڭ تېخى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر