تېخنىكا

دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئالماشتۇرغان بىمار ئۆلۈپ كەتكەن

by Arman - Mar 11, 2022 0 Comment

دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئالماشتۇرغان بىمار ئۆلۈپ كەتكەن
دوختۇر مەمەت ئىمىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى10-مارت
2022 - يىلى 1 - ئايدا، ئامېرىكىدا دۇنيادا تۇنجى چوشقا يۈرىكىنى ئادەمگە ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، ئىككى ئايدىن كىيىن ئۇ بىمار ئۆلۈپ كەتكەن. گەرچە بىمار ئوپېراتسىيەدىن كىيىن پەقەت ئىككى ئاي ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تېبابەت تارىخىدىكى بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.
1967 - يىلى دۇنيادا تۇنجى يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، گەرچە بىمار ئوپېراتسىيەدىن كىيىن پەقەت 18 كۈن ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەينى ۋاقىتتا دەۋر بۆلگۈچ مۆجىزە ھېسابلانغان. ئۇنىڭدىن 55 يىل كىيىن، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھايۋان يۈرىكىنى ئادەمگە ئالماشتۇرۇپ، تېبابەت تارىخىدا يەنە بىر قېتىم مۆجىزە يارىتىلغان.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر