تېخنىكا

ئالىملار بەدەندە زەخمە پەيدا قىلمايدىغان ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق چاشقاندىكى جىگەر راكىنى يوق قىلدى

by Arman - Apr 22, 2022 0 Comment

 ئالىملار بەدەندە زەخمە پەيدا قىلمايدىغان ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق چاشقاندىكى جىگەر راكىنى يوق قىلدى

مەمەت ئىمىن دوكتور

تەتقىقاتچىلار بەدەندە زەخمە پەيدا قىلمايدىغان ئاۋاز دولقۇنلىرى بىلەن جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغان چوڭ چاشقانلاردا داۋالاش ئىلىپ بېرىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق  ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئالىملار فوكۇسلانغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ، چوڭ چاشقاندىكى جىگەر ئۆسمىسىنىڭ % 75 نى يوقاتقان. بۇ داۋالاش يەنە چاشقانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوزغاتقان.
 
بۇ خىل ئاۋاز دولقۇنلىرى بىلەن جىگەر راكىنى داۋالاشنى، ئامېرىكىنىڭ ۋىسكانسىن تېببىي مەكتىپىدە ئادەمگە سىناق قىلماقتا. ئەگەر بۇ خىل داۋالاش ئادەمدە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشسە، جىگەر راكىنى داۋالاشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر ئىلگىرىلەش بولۇشى مۇمكىن.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر