ختتاي دىپلوماتىيسى

خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق پىلانى مەغلۇپ بولدى

by Arman - May 31, 2022 0 Comment

 خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق پىلانى مەغلۇپ بولدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-ماي


يۈسۈپجان



ئاۋسترالىيە رادىئو شىركىتى (ABC) نىڭ 30- ماي خەۋىرى: خىتاي بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ئوتتۇرىدا تۈزۈلمەكچى بولغان « خىتاي-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇش ئىشى ئەمەلگە ئاشمىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ماي مەزكۇر كېلىشىمنامە ئۈچۈن تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان فىجى ئارىلىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، يىغىنغا بۇ رايونغا جايلاشقان ئارال دۆلەتلىرىدىن سولومون تاقىم ئاراللىرى، كىرىباتى، ساموئا، فىجى، تونگا، ۋانۇئاتۇ، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى، كۇك تاقىم ئاراللىرى، نيۇ ۋە مىكرونېزىيە فېدېراتسىيە شتاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ كېلىپ قاتناشقان.  

ئاۋسترالىيە رادىئوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە كېلىشىمنىڭ نېمە سەۋەب بىلەن ئىمزالامنىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن، ئەمما فىجى باش مىنىستىرى Frank Bainimarama مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: « تىنچ ئوكياندىكى بارلىق ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ھەممىدىن مۇھىم. خۇددى بۇرۇنقىدەك، رايون خاراكتېرلىك يېڭى مەسىلە، يېڭى كېلىشىملەرنى مۇزاكىرەلەشكەندە ھەر ۋاقىت ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ ئالدىغا قويىمىز.»

يىغىندىن كېيىن ۋاڭ يى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: « خىتاي دۇنيادىكى بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق بېيىشنى نىشان قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ تىنچ، ئىناق ۋە مۇقىم بولغان دۇنيانى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ... بىز ھەمكارلىق توغرىسىدا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىھۇدە جىددىيلىشىشى، ياكى تەمتىرەپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر رايوندىكى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان دۆلەتلەردىن: تۇۋالۇ، پالاۋ، مارشال تاقىم ئاراللىرى ۋە ناۋرۇ قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يىغىنغا قاتناشمىغان.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر