ئاياللار

ئايبىلىگ خانىم - قىزلار مەركىزى» قارمىقىدىكى «چىۋەر قىزىم» قىزلار تەربىيلەش ئورنىدا ئىككىنچى قارار قىزلار مەكتەپ پۈتتۈردى.


 خەدىچە ئۇيغۇر


مەكتەپ پۈتتۈرۈش پائالىيىتى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ.

ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىزىدىن تۆكۈلۈۋاتقان دۇردانىلەر، مۇڭلۇق قىرائەت، ھەر خىل رەڭ، ھەر خىل تەمدىكى ئىسسىق، سوغۇق، چۈچۈمەل، ئاچچىق، تاتلىق، ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە غەربچە تائاملار ....

قىزلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى، سۆز ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ۋە مۇئامىلىلىرىدىن ئىپادىلىنىپ تۇرغان سۈلكەت، ھۆرمەت ..... ھەممىسى ئەتراپلىق تەربىيەنىڭ مەھسۇلى، ئەلۋەتتە قىزلاردىكى ئائىلىدىن يېتىلگەن ساپا ۋە ئائىلە تەربىيەسىمۇ مۇھىم ئاساس.

پسىخىكا ۋە بەدەن ساغلاملىقى، گۈزەللىك قارىشى، ئولتۇرۇپ - قوپۇش، مۇئامىلە سەنئىتى، ئائىلە ئەخلاقى، تاماق ئېتىش ..... قاتارلىقلاردا قىسقا ۋاقىتتا ئەتراپلىق تەربىيەلەنگەن قىزلار ئادەمنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈرىدۇ. مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدا ئاياللار دۇنياسىدا ئىزدىنىش ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش يولىدىكى ھەر خىل ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىش سورۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ يېرىمىنى ئاياللار تەشكىل قىلسا، قالغان يېرىمىنى يەنە ئاياللار تۇغۇپ تەربىيەلەيدۇ. ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلگەن بىر ئانا سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەن بالىنى تەربىيەلىيەلەيدۇ. ئۆزىنى قوغداشنى بىلگەن ئانا، جەڭگىۋار بىر ئانا .... ئۆزىدىكى شۇ خىسلەتلەرنى ئېغىر ئاياق ۋاقتىدا كىندىكى ئارقىلىق، تۇغۇلغاندا  ئاپئاق سۈتى ئارقىلىق، سىلىق، گۈزەل مۇئامىلىسى ئارقىلىق بالىغا يەتكۈزىدۇ.

كۈنىمىزدە بىز ئۈچۈن ئانا تەربىيەسى مۇھىمنىڭ مۇھىمدۇر. ئەلۋەتتە دادا ماسلىشىشى، قوللىشى كېرەك . مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە « چېۋەر قىزىم» تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا يېڭى بۆسۈش ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئەۋزەل شارائىت ۋە مۇكەممەل دەرسلىك پىلانى بىلەن باشقىچە روھتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

بۇ قارارلىق كۇرسنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىسىدىن پەرقى: قاتناشقان قىزلارنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بولدى، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ ھەر قاتلامدىن بار. نۇرغۇنلىغان ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋە ئاتا- ئانىسى يېنىدا يۇق قىزلارنىڭ بۇ كۇرستىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز .

كۆپ كۆرۈلگەنلەر