تىل ۋە ئەدەبىيات

ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىش قائىدىلىرى

by Admin - Sep 09, 2021 0 Comment

 

مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 9- سېنتەبىر

 

 

ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. چېكىت (.) 

2. سوئال بەلگىسى (؟ (

3. ئۈندەش بەلگىسى (!) 

4. پەش(،)

5. چېكىتلىك پەش (؛)

6. قوش چېكىت (:) 

7. قوش تىرناق («») 

8. يالاڭ تىرناق (‹ ›) 

9. تىرناق ( ( ) ) 

10. سىزىقچە (-) 

11. سىزىق (ــ)

12. كۆپ چېكىت (…) 

 يۇقىرىقىلاردىن باشقا چوڭ تىرناق ([ ]) ۋە قوش پەش ( " ) قاتارلىقلارمۇ بولۇپ، تۆۋەندە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان ۋە بىرقەدەر ئومۇملاشقان تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈستىدە توختىلىمىز:

       چېكىت (.) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. ئاياغلاشقان مەلۇم بىر ئوي–پىكىرنى بىلدۈرىدىغان بايان جۈملىلەر (ئاددىي ۋە قوشما جۈملىلەر)نىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) بۇ كىتابنى ئابدۇرېھىمدىن ئارىيەت ئالدىم.

2) ساۋاقداشلار، بۈگۈن كەچتە ھەممىمىز چوڭ زالغا يىغىنغا بارىدىكەنمىز.

2. سىلىق (تۆۋەن) ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان ئۈندەش ۋە بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) بارلىق كۈچ–قۇۋۋىتىمىز ۋە ئەقىل- پاراسىتىمىزنى ئۆگىنىشكە قارىتايلى.

2) بۇيرۇق دەرھال ئىجرا قىلىنسۇن.

3) رەيھانگۈلنى دەرھال چاقىرىپ كەل.

3. رەت–تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئوبراز تۆۋەندىكىچە:

1) قايتا كۆرسىتىش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز.

2) لىرىك ھېسسياتنى ئىپادىلەش ئاساسىدا يارىتىلغان ئوبراز.

3) تىپىك ئوبراز.

4) سىمۋوللۇق ئوبراز.

4. قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ك. ئابدۇللاھ 

ل. مۇتەللىپ

ئا. ت. ئۆتكۈر

5. يىل، ئاي ۋە كۈن رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

27. 3. 2009

6. ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا، سائەت بىلەن مىنۇت تەڭ كۆرسىتىلگەندە، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) 1.5(بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)

2) 2.9(ئىككى پۈتۈن ئوندىن توققۇز)

3سائەت 3.50 (سائەت ئۈچتىن ئەللىك مىنۇت ئۆتكەندە)

   سوئال بەلگىسى (؟) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. بىرلا ئوي–پىكىرنى بىلدۈرىدىغان ھەر خىل سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ئىشىك چەككەن كىم؟

2) قاچان كەلدىڭىز؟

3) بۇ ئىشنى كىملەر قىلدىڭلار؟

4) كىنوغا بارامسەن، بارمامسەن؟

2. ئارقا- ئارقىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. ئالدىنقىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىزدە قۇربان قىلغىلى بولمايدىغان يەنە قانداق شەخسىي مەنپەئەت بولسۇن، ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان يەنە قانداق خاتالىق بولسۇن؟

2) بۇ ئىشنى سەن ئۇقامسەن،ئۇقمامسەن؟

3) سىز بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسىمۇ، ئەمەسمۇ؟

3. جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى (؟) كۆپەيتتىم.

2) شۇ چاغدا ئۇلار پېتىنىپ (تىترىشىپ؟) ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن باردى.

3) سەلەي چاققان (1905 ــ؟) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.

  ئۈندەش بەلگىسى (!) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. ھەرخىل شەكىلدىكى ئۈندەش جۈملىلەر ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) خۇداغا ئامانەت، بالام!

2) بۇ ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاڭ! (بۇيرۇق)

3) بۈگۈن بۇ ئىشنى چوقۇم پۈتتۈرۈشۈڭ كېرەك!

4) خالايىق! ئاڭلىمىدىم، ئىشتمىدىم دېمەڭلار! 

5) ھەربىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن! (ئۈندەش، بۇيرۇق(

2. ئۈندەش ئاھاڭدا ئېيتىلغان ئۈندەش سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) توۋا! بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ؟

2) بالام! خۇداغا ئامانەت!

3) يولداشلار! غەيرەت قىلىڭلار!

بەزى جۈملىلەر بىرلا ۋاقىتتا سوئال ھەم ئۈندەش مەزمۇنىدا كېلىشى مۇمكىن. مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا سوئال بەلگىسى بىلەن ئۈندەش بەلگىسى قاتار قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) مېنىڭ ئېتىممۇ ئەلى، ئايىغىم يەرگە تەگكەندىن تارتىپ ساڭا ھەقسىز ئىشلەۋاتىمەن، زادى قايسىمىز قەرزدار؟!

2) شەرۋان: ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!

        پەش (،) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

پەش-تىلىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولۇپ، جۈملە بىلەن جۈملىنىڭ، سۆز بىلەن سۆزنىڭ، جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:

1. مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) سالى ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل دېھقان بولغاچقا، جامى قانچىلىك يۈزسىزلىك قىلسىمۇ، چىش يېرىپ بىر نېمە دېمىدى.

2) ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى،تال–تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ماسلاشقانىدى.

3) كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.

2. جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز سەنئەتكارلىرىمىز، پەن-تېخنىكا خادىملىرىمىز، پىروفېسسورلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، خەلقنى تەربىيىلەۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەۋاتىدۇ.

2) ئابدۇللا سۇلايمان ھەم شائىر، ھەم تەتقىقاتچى.

3) مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى–خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

3. بىر خىل بۆلەكلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن باغلىغۇچىلار تەكرارلانسا، تەكرارلانغان باغلىغۇچىنىڭ ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) مەن بۇ پۇلغا يا كىتاب، يا دەپتەر ئالىمەن.

2) مەن بۇ يىل ھەم شېئىر يېزىشتا، ھەم تەتقىقات تېمامنى تاماملاشتا، ھەم باشقا ئىشلىرىمدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم.

4. «مۇ» ئۇلانمىسى بىلەن تەكرارلىنىپ كەلگەن بىر خىل بۆلەكلەردىن كېيىنمۇ پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ئادىل تىلدىنمۇ، ئەدەبىياتتىنمۇ، تارىختىنمۇ، سىياسەتتىنمۇ يۇقىرى نومۇر ئالدى.

5. باغلىغۇچىلارسىز باغلىنىپ كەلگەن ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ئوقۇتقۇچىمىز سۆزلىدى، بىز خاتىرلىدۇق.

2) ھاۋا تۇتۇلدى، يامغۇر ياغمىدى.

6.  «لېكىن، ئەمما، بىراق» قاتارلىق قارىمۇ-قارشى باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانغان قوشما جۈملىلەردىكى ئاددىي جۈملىلەرنى ئاجرىتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى باغلىغۇچىلاردىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ھاۋا تۇتۇلدى، چاقماق چاقتى، ئەمما يامغۇر ياغمىدى.

2) باھار كەلدى، لېكىن ھاۋا ئىسسىمىدى.

3) مەن ئۇنى كۆردۈم، ئەمما ئۇ مېنى كۆرمىدى.

7.  «دە» ئۇلانمىسى بىلەن باغلانغان جۈملىلەردە شۇ ئۇلانمىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ھاۋا ئۇشتۇمتۇت تۇتۇلدى- دە، يامغۇر قۇيۇۋەتتى.

2) ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىردى- دە، ئاچچىقلاپلا كەتتى.

8. جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى بولمىغان تەركىب-قاراتما سۆز، ياكى قىستۇرما سۆز جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە، كەينىدە، ئوتتۇرىسىدا كەلسە، ئىككى تەرىپىدە، ئاخىرىدا كەلسە، ئالدىدىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) قەدىرلىك يولداشلار، ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قايتىۋاتقان جەڭچىلىرىمىز كېچە دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

2) كۆچەت تىكىش ھەرىكىتىگە، يولداشلار، تولۇق قاتنىشايلى.

3) نەگە باردىڭ، ياقۇپ؟

4) ياخشى ئۆگىنىڭلار، بالىلار.

5) ئەلۋەتتە، بىز ئىجتىھات بىلەن ئوقۇۋاتىمىز.

6) سەمەت، شۈبھىسىز، ھەممە پەندە يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ.

7) سەپەرقۇلنىڭ ساناق نۆۋىتى، نېمىشقىدۇر، ھەممىدىن كېيىنكى رەتكە قويۇلغانىدى.

8) بۈگۈن يولغا چىقىمىز، ئېھتىمال.

9. جۈملە تەركىبىدىكى ئىملىق ئۈندەش سۆزلەر پەش ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

1) ئەتتىگىنەي، ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەي قالدىم.

2) ئاھ، ئىچىمگە ئوت كەتتى. 

3) ۋايجان، بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.

4) پاھ، نېمىدېگەن چىرايلىق قىزلار بۇ.

5) ئاپلا، بۇ يولدا ماڭمىسام بولغانىكەن.

10. كۆپ خانىلىق ساناق ساننى خانىلارغا ئايرىغاندا ھەربىر گۇرۇپپا خانىلارنىڭ ئارىسىغا ئوڭ پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) 324, 643    

2) 23, 5665 جىڭ 

3) 589, 14 يۈەن

   چېكىتلىك پەش (؛) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

ئاددىي تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن، مۇرەككەپ تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) كىمكى چېلىشىپ مېنى يېڭەلىسە، شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن؛ ئەگەر يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن.

2) ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى سۈكۈت ۋە مەينەت تۆت تام؛ پۇرايدىغىنى ئاچچىق تاماكا بىلەن قاڭسىق زەي؛ ھۇزۇرلىنىدىغىنى كىتاب ۋە ئەركىن خىيال ئىدى.

3) تامدا ئۆسكەن قومۇشنىڭ بېشى ئېغىر، تۈۋى ئاجىز، يىلتىزى تېيىز بولىدۇ؛ تاغدا ئۆسكەن بامبۇك نوتىسىنىڭ ئۇچى ئۇچلۇق، پوستى قېلىن، ئىچى كاۋاك بولىدۇ.

    قوش چېكىت (:) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

قوش چېكىت ئاساسەن بايان بەلگىسى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:

1. ئومۇملاشتۇرغۇچى تەركىپلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) بىزنىڭ يېزىدا تېرىلىدىغان زىرائەتلەر: بۇغداي، قوناق، زىغىر، قىچا، قوغۇن-تاۋۇزدىن ئىبارەت.

2) مەكتەپنىڭ بېغىدا ھەرخىل مېۋىلەر: ئالما، ئۆرۈك، شاپتۇل، گىلاس، ئۈزۈم ۋە ئەنجۈرلەر بار.

3) ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككىلا يول قالغانىدى: بىرى، ئۆلۈش؛ يەنە بىرى، ھېلىقى شەھەرلىك تەمبۇرچى يىگىتنى ئىزدەپ-سوراپ تېپىش.

2) كۆچۈرمە جۈملىنىڭ ئالدىدا كەلگەن ئاپتور سۆزىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) يولداش ماۋزېدۇڭ: «كۆپ، تېز، تېجەشلىك ئىشلەپ سوتسىيالىزم قۇرۇڭلار» دېگەنىدى.

2) كونىلارنىڭ: «خەت ـ يېرىم دىدار» دېگىنى راست ئىكەن.

3. ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

…ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە:

ھۆرمەتلىك Ⅹ Ⅹ Ⅹ ئەپەندىم:

سىزنى ئەتە كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە چايغا تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: Ⅹ Ⅹ Ⅹ  (يىل، ئاي، كۈن)

   قوش تىرناق («») ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. ئاپتور سۆزىنىڭ ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە كۆچۈرمە سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) مۇئەللىم بىزگە: «بىلمىگەننى پەقەت بىلدىم دېمەڭلار، بىلسەڭلارمۇ مەن بىلىمەن، دەپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتماڭلار، ھەر دائىم كەمتەر بۇلۇڭلار» دەيدۇ.

2) «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئىش بولدى.

3) قىز نېمىشقىدۇر چوغدەك قىزاردى-دە، «ئادىل ئاكا، مۇئەللىم» دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالماي قالدى.

2. بىرەر سۆزنى ئاتاپ كۆرسەتكەندە ياكى بىرەر سۆز ئەسلىي مەنىسىدە ئىشلىتىلمەي كۆچۈرمە مەنىسىدە ئىشلىتىلگەندە بۇنداق سۆز قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) پەقەت «سۇ» سۆزىگىلا 3- شەخستە «سى» قوشۇلماي، «يى» قوشۇلىدۇ.

2) سامىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئوۋچى» دەپ لەقەم قويۇپ قويۇشقانىدى.

3) ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن بايۋەچچە «قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر» دېگەندەك، جامائەتكە ھۆركىرىگەندىن كېيىن يانداقچىلىرىغا «تەييار بولۇش» دېگەن مەنىدە قاراپ قويدى.

4) ياسىن ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ كامېردا يېتىۋاتقان: «پېشقەدەم» مەھبۇسلارنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىدى.

3. جۈملە ئىچىدە كەلگەن كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلەرنىڭ ناملىرى، ئىدارە ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ناملىرى، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ناملىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) ياسىن زىلال «تارىم» ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ.

2) بۇ مىساللار ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ شېئىرلار توپلىمى «يانتاق»تىن ئېلىندى.

3) مەن «ئىسلامى تۈركىستان گېزىتى»گە مۇشتەرى بولدۇم.

4) مەكتەپ پارتكومى «مەكتەپ باشقۇرۇش ھەيئىتى» قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

5) مەكتىپىمىزدە «12-دېكابىر ھەرىكىتى»نى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى.

6) بۈگۈن «8- مارت»نى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئولتۇرۇش قىلدۇق.

   يالاڭ تىرناق (‹›) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىكرەك بولغان تىنىش بەلگىسى، ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ:

1. قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان كۆچۈرمە جۈملىلەرنىڭ ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) «توۋا، ـ دەپ ئويلىدى زەرىپىخان سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ـ جاھاننىڭ ھەممە غېمىنى مەنلا يىغىۋالغان ئوخشايمەن. ئانام رەھمىتى: ‹بايلارنىڭ خوتۇنلىرى يالغان كۈلىدۇ› دەيدىغان، راست ئوخشايدۇ. ئېچىلاي دېسەم، يىغا يامىشىپلا تۇرىدۇ. كۈلۈمسىرەي دېسەم، كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىيدۇ…»

2. قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ماقالە، ئەسەر ناملىرى ئىچىدە يەنە كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ماقالە، ئەسەر ناملىرى كەلسە، ئۇلار يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) «تۇرغۇن، ساڭا ئاپىرىن ئېيتىمەن، دوستۇم! ‹بايراق گېزىتى›نىڭ يېقىنقى ‹ئەدەبىيات گۈلزارى› سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە شېئىرىڭ ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ يېزىپسەن!…»

      تىرناق ( () ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. جۈملە ئىچىدە ئىزاھلاش، تولۇقلاش مەنىسىدە ۋە يەشمە خاراكتېرىدە كەلگەن جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) ئۇ بىزنىڭ ئۆينى (بۇرۇن كەلمىگەن بولسىمۇ) تېنىمەي تېپىپ كەپتۇ.

2) مېنىڭ ئۈچ گېكتار (بىرگېكتار 15 موغا تەڭ) يېرىم بار.

3) بۈگۈنكى يىغىنغا (كېسەللەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا) ھەممەيلەن تولۇق قاتناشتى.

4) بۇرھان ئەپەندىم (جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى) كېسەل بولۇپ، 94 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.

2. ئەسەرلەردە بىرەر كىشىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى، بىرەر تارىخىي ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن، تاماملانغان ۋاقتىنى ئەسكەرتىپ كۆرسەتكەندە تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) ل. مۇتەللىپ (1922 ـ 1945) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى.

2) چىڭ خاندانلىقى (1644 ـ 1911) جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خاندانلىق ھېسابلىنىدۇ.

3. نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىسالنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) توغرا ئېيتتىڭ ئاكا، بىزدە نېمە ئامال بولسۇن؟

(ئايشەم ئەخمەت: «ئۆچمەس ئىزلار»دىن)

2) «رىشتىگە جىسمىم بىلەن، ئىشقىم بىلەن پەيۋەندىمەن.»

(تېيىپجان ئېلىيېف: «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»دىن)

4. ھەر قانداق ئىزاھ، چۈشەندۈرمە ۋە تولۇقلىما تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

(نيۇتوننىڭ ئىككىنچى قانۇنى)

(ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قانۇنى)

(ئىككىدىن بىر)

5. رەت تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان بىرقانچە سانلار ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى پەرقلەندۈرۈش لازىم تېپىلغاندا، چوڭ ماۋزۇ ئىچىدىكى كىچىك ماۋزۇنىڭ رەت-تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:

1) ۋەتىنىمىزدە بېقىلىدىغان ئاساسلىق ئۆي ھايۋانلىرى:

(1) كالا

(2) قوي

(3) ئۆچكە

(4) ئات

(5) ئېشەك…

      سىزىقچە (-) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئورۇق-سېمىز، ئىسسىق-سوغۇق،خۇشال-خۇرام، ئېگىز-پاكار، يېتىپ-قوپۇش، ئۇزۇن-قىسقا، ھايت-ھۇيت، كىر-كىر…

2. رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرىجە سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) مېنىڭ ئىككىنچى ئوغلۇم 7- سىنىپتا ئوقۇيدۇ.

2) پىروفېسسور ئابدۇللا سۇلايمان 1952-يىلى چىرا ناھيەسىدە تۇغۇلغان.

3. سۆزلەرگە ئۇلىنىپ كەلگەن «ھە، دە، يا» ئۇلانمىلىرىنىڭ ئالدىدىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) پاھ، نېمىدېگەن گۈزەل جاي بۇ- ھە!

2) تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ– دە، ئاداش.

3) يېقىندىن بېرى كەيپىياتىڭ ناھايىتى ناچار تۇرىدۇ، بىرەر خاپىلىق تارتىپ قالدىڭمۇ- يا؟

4. كۆپ بوغۇملۇق سۆزنىڭ قۇر ئاخىرىغا سىغماي قالغان قىسمىنى بۆلۈپ ئىككىنچى قۇرغا كۆچۈرگەندە بۆلۈنگەن بوغۇمدىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) …ئۆگىنى-

شىمىز…

2) مەكتەپلەر–

گە …

5. سۆز ياكى قوشۇمچە ئۇلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلىنىڭ ئارقىسىدىن، ئالدى قوشۇلغۇچىنىڭ ئارقىسىدىن، ئارقا قوشۇمچىسىنىڭ ئالدىدىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

قانسېرا-قانسېرىماق، نا–نائەھلى، بى–بىئەدەپ، داش-ساۋاقداش، چى- ئوقۇغۇچى.

        سىزىق (ــ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىشى

سىزىق مەزمۇن جەھەتتىن تەڭ دەرىجىدىكى ئىزاھلانغۇچى بىلەن ئىزاھلىغۇچىنىڭ ياكى مەزمۇن جەھەتتىن تەڭ دەرىجىدىكى ئىگە قىسىم بىلەن خەۋەر قىسىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە بولۇپ، تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قويۇلىدۇ:

1. خەۋەر باش كېلىشتىكى ئىسىملار بىلەن كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى ــ بېيجىڭ.

2) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى ــ ئۈرۈمچى.

3) مەن ــ مۇئەللىم. 

4) ئۇ ــ دوختۇر.

2. بىرخىل بۆلەكلەر ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆزدىن بۇرۇن كەلسە، بىرخىل بۆلەكلەردىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ئالما، ئۈزۈم، شاپتۇل، ئۆرۈك ــ ھەممىسى بىزنىڭ باغدا بار.

2) سىنىپىمىزدىكى ئالىم، ئەركىن، گۈلنار، ياسىن ــ ھەممىسى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار.

3. دىيالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزى سىزىق ئارقىلىق باشلىنىدۇ. مەسىلەن:

ــ تۇرۇپ قاپتىلىغۇ؟

ــ سىلىگە ساقلاپ…

ـــ يۈرسىلە، ئەمىسە.

ــ  نەگە؟

ــ بارسا، كەلمەس يەرگە.

ــ بارساق كېلەلمەمدۇق؟

ــ كېلەلمىسەك، تۇرۇپقالارمىز.

ــ ئەزبىرايى خۇدا، مەن ئۇنداق يولغا مېڭىپ باقمىغان ـ دېدى گۈزەلئاي.

ئەدەبىي ئەسەرلەردە دىيالوگ بىلەن ئاپتور سۆزىنى ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ــ خوش ئۇستام، بۇ يەرنى نېمە قىلماقچى بولىۋاتىدىلا؟ ـ دېدى ھاشىم كۈلۈمسىرەپ.

ــ ئوتتۇرىسىنى باغ، چۆرىسىنى تاغ قىلايمىكىن دەۋاتىمەن، قانداق دەيسىز، ھاشىماخۇن،ــ دېدى چاقچاق قىلىپ مەتنىياز ئۇستام.

4. ۋاقىت، ئورۇن، مىقدارنى بىلدۈرىدىغان تەڭ دەرىجىدىكى ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

قەشقەر ــ خوتەن تۆمۈر يولى 2010- يىلىغىچە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ.

شاڭخەي ـ ئۈرۈمچى ـ خوتەن ھاۋا يولىدا چوڭ ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ.

مەن ئالىي مەكتەپتە 1981 ــ 1985-يىللاردا ئوقۇغان.

ئويۇن كەچ سائەت توققۇز ـ ئونلاردا تۈگەيدۇ.

    كۆپ چېكىت (…) ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى

1. پىكىرنىڭ تولۇق ئېيتىلىپ تۈگىمىگەنلىكى، داۋامى بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ئىككىسى چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ،ئۆتكەن–كەچكەنلەر ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى…

2) دوستلاردىن كۆڭلۈڭ قالسا، مەندىنمۇ كۆڭلۈڭ قالدىمۇ؟… بىز بىللە ئوينىساق، كۈلسەك… نەقەدەر ياخشى بولاتتى–ھە!

2. سۆزلىگۈچىنىڭ ھاياجانلانغانلىقىدىن نۇتۇقنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نۇرغۇنچېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ئامان قۇل تۆمۈر خەلىپىگە قاراپ: «را…زى… بول… ئاكا!» دېدى-دە، كۆزىنى يۇمدى.

2) ئەمەتنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى، چىشلىرى غۇچۇرلاپ، تىلى كالۋالىشىشقا باشلىدى ۋە ئىككى يېنىغا قاراپ ۋارقىرىدى:

بۇ… نىڭغا…ئۆزۈڭلارنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار!

3. جۈملىدىكى تەكرار ۋە سوزۇلۇپ ئېيتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ (ئاساسەن ئىملىق ۋە ئۈندەش سۆزلەرنىڭ) ئارىسىغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

1) ئادىل… ھەي… ئادىل… ماۋۇ يەرگە كېلە، ماۋۇ يەرگە.

2) گۆش يەيمەن. قورسىقىم ئاچ، «مىياۋ…مىياۋ… مىياۋ» دەپتۇ مۈشۈك.

3) يەرنىڭ قەرىدىن «گۈر… گۈر…گۈر» قىلغاندەك بىرخىل ئاۋاز ئاڭلاندى.

4. كۆپ چېكىت كىتاب، ژۇرناللارنىڭ مۇندەرىجىلىرىدە تېما، ماۋزۇ ۋە بەت نومۇرىنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە…………………………………….1

شېئىر ۋە شائىر……………………………..12

شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى.…….25

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر