ئىجتىمائى پائالىيەتلەر

ئۇيغۇر كوللېكتىپى توربېكىتى رەسىم سېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

by Admin - Aug 10, 2021 0 Comment

 ئافراسياپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10-ئاۋغۇست

ئىنستگرامدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىغا ئالاقىدار سۈرەت- سىن مەزمۇنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىنى بېيىتىپ، چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك تۆھپە كۆرسىتىپ كەلگەن «ئۇيغۇر كوللېكتىپى»-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا «رەسىم سېزىش مۇسابىقىسى» ئىلىپ بارماقچى.

مۇسابىقە تېمىسى: «مەنزىرە» بولۇپ، ۋەتەن مەنزىرىسى ئۆزگىچە ئالغان، يۇقىرى ماھارەت ۋە بەدىئىيلىك بىلەن ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.
مۇسابىقىگە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قاتناشسا بولىدۇ.

ئۇتۇپ چىققۇچىلارغا مۇكاپات بېرىلىدىغان بولۇپ، سوممىسى پات ئارىدا بېكىتىلىدۇ.
ۋاقتى 30-ئۆكتەبىرگىچە.
ئەسەرلەرنى ئەۋەتىش ئادرېسى :[email protected]
تەپسىلاتى مەزكۇر ھېساباتىنىڭ ئىنستگرامدا

كۆپ كۆرۈلگەنلەر