سىياسەتچى،ئاكتېۋسىت

ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ھاياتى ئ‍ش-ئىزلىرى ھەققىدە


ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ تەرجىمھالى ۋە ئ‍ش-ئىزلىرى ھەققىدە
 
مەنبەسى؛ ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» ناملىق كىتابىدىن.
 
پېشـقەدەم شـائىر، ژۇرنالىسـت ھـەم يازغۇچـى ئەخمـەت ئىگەمبـەردى – نىجـادى 1937- يىلى – 4- ئاينىـڭ 4- كۈنـى ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ بەشــبالىق (ھازىرقــى جىمىسار) ناھىيەسـىگە قاراشـلىق سـەنتەي رايونىدا ئائىلىنىـڭ 3- پەرزەنتى بولۇپ دۇنياغـا كەلگەن، دادىسى ئىگەمبەردى ھوشۇر غوجا ئەسلىي قەشـقەر ئاستىن ئاتۇش تىجەن يېزىسىدىن بولۇپ ئانىسـى بۈۋىرابىيە قاسىم قىزىـدۇر.
1947- يىلـى دادىسـىدىن يېتىـم قالغـان ئەخمـەت ئىگەمبـەردى 1946 - 1949- يىلــلار ئۈرۈمچــى غەربىي ئۆستەڭ 2- مەركىزى مەكتىپىدە، 1952 – 1949- يىللىرى ئۆلكىلىك ئۈرۈمچـى 2- دارىلمۇئەللىمىنـدە ئوقــۇپ، ئــۆزى ئوقۇغــان مەكتىپىگــە (ھازىرقــى ئۈرۈمچــى 5- باشــلانغۇچ
مەكتــەپ) مۇئەللىــم بولىــدۇ. 1953- يىلــى ئۈرۈمچىدىكــى مىللەتلــەر ئىنســتىتۇتىغا كىرىــپ، بــۇ ئىنســتىتۇتنىڭ ئۇيغــۇر تىلــى ۋە ئەدەبىياتــى فاكۇلتېتىنــى پۈتكۈزۈپ، شـۇ فاكۇلتېتقــا ئوقۇتقۇچــى بولۇپ تاللىنىپ قالدۇرۇلغـن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىـق بىلەن بىرلىكتە ئاسپىرانتلىقنى ھەم باشلىغان.1957- يىلــى ھۆكۈمــەت تەرىپىدىــن تاشــكەنتتىكى ئوتتــۇرا ئاســىيا ئۇنىۋېرســىتېتى تىــل – ئەدەبىيــات فاكۇلتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا بۆلۈمىگــە ئوقۇشــقا ئەۋەتىلگەن. 1961- يىلــى تاشـكەنتتىكى ئوقۇشىنى ئـەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ۋەتەنگە قايتقان ۋە يازغۇچىـلار جەمئىيىتىنىڭ «تارىـم»، فولكلـور جەمئىيىتىنىـڭ «مىـراس» ژۇرناللىرىـدا تەھرىـر بولـۇپ ئىشــلىگەن. 1963- يىلــى مىللەتچىلىــك، ۋەتەنپەرۋەرلىــك ئىدىيـە ۋە ھەرىكەتلىــرى ئۈچــۈن سىياســىي ھوقۇقىدىــن مەھــرۇم قىلىنىــپ، بىــر قانچــە يىلــلار ياقــا – يۇرتلارغــا ســۈرگۈن قىلىنغــان. 1966- يىلىدىكــى ئاتالمىــش «مەدەنىيــەت ئىنقىلابــى» مەزگىلىــدە «ئەكســىل ئىنقىلابچــى»، «رىۋىزىومىسـت» ۋە «چـەت ئەلگـە باغلانغان ئۇنسـۇر» دېگەن تۆھمەت ۋە قالپاقـلار بىلەن داۋانچىڭدىكى «غالىبىيـەت» فېرمىسىغا ئامما نازارىتىـدە ئەمگــەك بىلـەن ئۆزگەرتىشكە ئەۋەتىلگەن. 1966- يىلىدىكــى «چــوڭ تازىـلاش» قانلىـق تېـررور ئەسناسـىدا قولغـا ئېلىنىـپ، 12 يىللىـق قامـاق جازاسـىغا ھۆكـۈم قىلىنىـپ، تۈرمــە، لاگېــر ۋە كۆمـۈر خاڭلىرىــدا ھــەر تۈرلــۈك زۇلــۇم – ئىســكەنجە، مەنىــۋى ۋە جىســمانىي قاتتىــق بېســىملارغا ئۇچــراپ، ئېغىــر ئەمگەكلەرگـە سـېلىنغان. 1979- يىلىدىكـى ئاتالمىش «مەدەنىيـەت ئىنقىلابـى» مەزگىلىدىكـى 100 مىڭلارچـە كادىرلارنىـڭ يـوق قىلىنىــش نەتىجىسـىدە مەيدانغــا كەلگـەن كادىــرلار بوھرانى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن بوشــلۇقنى تولـدۇرۇش ئۈچــۈن تۈرمىدىــن بوشىتىلىپ يازغۇچىــلار جەمئىيىتىدىكى ئورنىغا قايتۇرۇلغان ھـەم 1982- يىلى ئاقلىنىپ، خىزمىتـى ھـەم سىياسىي ھوقۇقـى ئەسـلىگە كەلتۈرۈلـۈپ فولكلور جەمئىيىتىنىـڭ «مىـراس» ژۇرنىلىـدا تەھرىرلىـك خىزمىتىـدە بولغـان. 1985- يىلنىــڭ مــارت ئېيىـدا ئائىلىســى بىلــەن يىـراق ئاۋسـترالىيەگە ھىجـرەت قىلغـان. ئـۇ ھازىـر جەنۇبىي ئاۋسـترالىيەنىڭ مەركىزى ئادېلەيـد شـەھرىدە ئىستىقامەت قىلىــدۇ. ئۇنىڭ بىر قىز ئــۈچ ئوغــۇل بولۇپ 4 پەرزەنتـى بـار.
ئەدەبىي ئىجادىيىتى
شـائىر ئۆزىنىـڭ تۇنجـى شـېئىرلىرىنى ئۈرۈمچـى 2- دارىلمۇئەللىمىنـدە ئوقۇۋاتقــان يىللىرىــدا تاملارغــا چاپلىنىدىغــان تــام گېزىتلەرگــە يازغــان شــېئىرلىرىدىن باشــلىغان ۋە تۇنجــى شــېئىرى 1954- يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىياتى – سەنئىتى» («تارىم») ژۇرنىلى 12- سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىــڭ دەسـلەپكى ژۇرنالىستلىق ھاياتى تاشــكەنتتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىكى پىراكتىكا قىلىـش جەريانىـدا فابرىكا – زاۋۇتلارغـا بېرىـپ يازغــان قىســقا – قىســقا خەۋەرلەردىن باشــلانغان.
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ شــېئىر ۋە ماقالىلىرى ۋەتــەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېزىـت – ژۇرنالـلاردا ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، تۈركچە، قازاقچە، رۇسـچە ھـەم ئىنگلىزچە تىلـلاردا ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتــە.
ئۇنىـڭ 1992- يىلـى يازغـان «غەربىي تۈركىسـتاندىكى قېرىنداشـلارغا ئوچـۇق خـەت» ماۋزۇلـۇق ئـۇزۇن ماقالىسـى پۈتـۈن تـۈرك دۇنياسـىنىڭ ئالاقەۋە دىققىتىنــى جەلــپ قىلغــان بولــۇپ، «شــەرقىي تۈركىســتان ئــاۋازى» ژۇرنىلىــدا تۈركچــە نەشـر قىلىنغــان بـۇ ماقالــە خىتــاي تاجاۋۇزچىلىرىنىــڭ
تارىختىكـى ھىيلـە - مىكىرلىـرى، ئالدامچىلىـق ۋە زەھـەر خەندىلىكلىرىنـى جانلىـق مىسـاللار بىلـەن پـاش قىلغـان. ئـۇ ماقالىسـىنى كـۆك تـۈرك دۆلـەت باشـلىقلىرى كۆل تېكىن ۋە دانىشـمەن ۋەزىـر بىلگە تونيۇقۇقنىڭ ئورخـۇن مەڭگــۈ تاشــلىرىدا بىــز تۈركلەرگــە قالدۇرغـان بىباھــا گۆھــەردەك ۋەز –
نەســىھەتلىرىنى قايتا – قايتا ئەسكە ســالغان بولــۇپ، بــۇ نەســىھەت ئاگاھلاندۇرۇشــلار بۈگۈنكى كۈنلەردىمــۇ ئۆزىنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى ســاقلاپ قالغانلىقى بىلــەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
ئۇنىــڭ بۇرسـا شــەھرىدە ئېچىلغـان 6- نۆۋەتلىــك تــۈرك دەۋلــەت ۋە جامائەتلىرى دوســتلۇق – قېرىنداشــلىق ۋە ھەمكارلىــق قۇرۇلتىيىــدا ســۆزلىگەن ۋە يىغىــن ئەھلىنىــڭ قىزغىــن ئالقىــش رازىمەنلىكىگــە ســازاۋەر بولغــان «شــەرقىي تۈركىســتان – تــۈرك دۇنياســىنىڭ قانلىــق يارىســى»
تېمىســىدىكى ئەھمىيەتلىــك نۇتقــى تــۈرك دۇنياسى تەتقىقــات ۋەخپىنىڭ نەشــر ئورگىنــى بولغــان «تــۈرۈك دۇنياســى تارىــخ ژۇرنىلــى» دا تۈركچــە نەشــر قىلىنغــان نادىــر ئەســەردۇر. پېشــقەدەم ئەدىبنىــڭ تۆۋەندىكىــدەك ئەســەرلىرى بــار:
1. «زىنداندىـن ياڭرىغـان ئوتلـۇق سـادالار» (شـېئىرلار توپلىمى) 1998- يىلـى ئىسـتانبۇل، تەكلىمـاكان ئۇيغۇر نەشـرىياتى.
2. «شـەرقىي تۈركىسـتان تۈرك دۇنياسـىنىڭ قانلىق يارىسـى» 2000- يىلـى ئىسـتانبۇل، تەكلىمـاكان ئۇيغۇر نەشـرىياتى.
3. «شـەرقىي تۈركىسـتان – ۋەتىنىـم مېنىـڭ!» (ماقالىلەر توپلىمى) 2004- يىلــى، ئىسـتانبۇل، شــەرقىي تۈركىســتان ۋەخپــە نەشــرىياتى.
4. «ھىجـران» (شېئىرلار توپلىمــى) 2005- يىلى ئالمۇتا، ناشمىر نەشرىياتى. (كېرىل يېزىقــى)
5- «ھىجران دەردى» (شېئىرلار توپلىمى) 2006- يىلى ئىسـتانبۇل، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى.
6- «شەرقىي تۈركىستان ھەم مىللىي مۇستەقىللىق» 2009- يىلى ئىستانبۇل، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىـق جەمئىيىتـى نەشـرىياتى.
7. «ھىجران دەردى» (شېئىرلار توپلىمى) 2009- يىلى، ئىستانبۇل، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتــى نەشــرىياتى. (تۈركچــە تەرجىمىســى)
8. «ھايــات مەنزىللىــرى» (بىيوگرافىيەلىــك رومــان) 2018- يىلــى ئىســتانبۇل، تەكلىمــاكان ئۇيغــۇر نەشــرىياتى.
ئەپسۇســكى، ئۇنىــڭ تۈرمىــدە يازغــان 1000 مىســرالىق «تارىمدىــن خـەت» ناملىـق لىرىـك داسـتانى، تۈرمـە دائىرىلىـرى تەرىپىدىـن مۇسـادىرە قىلىنغـان بولـۇپ، ياتقـا ئالغـان 2000 مىـڭ مىسـرالىق زىنـدان شـېئىرلىرىنى يــورۇق دۇنياغــا ئېلىــپ چىقىشــقا مۇۋەپپــەق بولالىغــان.
ئــۇ ئاۋســترالىيەگە ھىجرەتكــە چىققانــدا مەرھــۇم ئابدۇلئەزىــز مەخســۇمنىڭ يازغــان بىــر قىســىم شــېئىرلار توپلىمىنىــڭ قــول يازمىلىرىنــى بىرلىكتـە ئېلىـپ چىققـان بولـۇپ، تېـزراق نەشـر قىلىـش ئارزۇسـى بىلـەن ئىسـتانبۇلدىكى دوسـتى سـۇلتان مەخمـۇت قەشـقىرىگە ئەۋەتىـپ بەرگـەن.
ئەخمــەت ئىگەمبــەردى ئــۆز قولىدىكــى كۆچۈرۈلگــەن شــېئىرلىرى بىلــەن ئابدۇلئەزىـز مەخسـۇمنىڭ قىـزى زەينەپنىـڭ قولىدىكى شېئىرلىرىنى قوشۇپ ئىستانبۇلدىكى دوستى پىروفېسسـور دوكتور سۇلتان ماخمـۇت ئەپەندىمگـە يولــلاپ بەرگــەن، ئا.قارلۇقىــي بــۇ قوليازمىغــا ئاساســەن مەخســۇمنىڭ
«ھەسـرەت» ناملىق شـېئىرلار توپلىمىنى نەشـرگە تەييارلىغـان. بـۇ ئەسـەر 2002- يىلـى تەكلىماكان ئۇيغـۇر نەشـرىياتى تەرىپىدىـن نەشـر قىلىنغــان.
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىــڭ شــېئىر، ماقالــە ئەســەرلىرى «شــەرقىي تۈركىسـتان ئـاۋازى،» «ئۇيغـۇر ئـاۋازى،» «يېڭى ھايـات،» «ئۇچقۇن»، «ئىستىقلال» غا ئوخشاش ھۆر دۇنيادىكـى ئۇيغۇر نەشرىيات ھـەم چـەت ئــەل نەشــرىيات ئورگانلىرىــدا نەشــر قىلىنىــپ كەلمەكتــە.
ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق مۇجادىلىسى
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىـڭ پىكرى ۋە سىياسىي ئاڭ، مىللىي سـەزگۈرلۈكى بالىلىق چاغلىرىدىن باشـلاپلا شەكىللىنىشـكە باشـلىغان. ئۇنىڭ دەسـلەپكى شــېئىر ۋە ماقالىلىــرى ئۇيغــۇر خەلقىنىــڭ ئــۇزۇن يىللاردىــن بېــرى تەشــنا بولۇپ كەلگەن ۋە ھەسرەت - نادامـەت بىلەن كۈتكـەن ئەركىنلىك
ئازابلىـق ۋە مۇسـتەقىللىق تېمىلىـرى بىلـەن باغلانغـان.
نەچچـە مىــڭ يىللىـق شــانلىق تارىخ، ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مىراسـلىرى، مۇستەقىللىق كۈرەش ئەنئەنىلىرىگــە ئىگــە بولغــان، ئۇيغــۇر خەلقىنىــڭ مۇســتەقىللىق ئەركىنلىــك ئــارزۇ – ئارمانلىرىغــا زىـت ھالـدا يۈزمىڭلاپ قۇربانلار بەدىلىگە كەلگـەن غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىســتىقلال جۇمھۇرىيىتــى (1949 – 1944) دىكتاتـور ســتالىننىڭ قــارا يۈزلەرچـە قىلغــان خىيانىتــى بىلـەن ئاچكــۆز، قانخور مـاۋ جاللاتلىرىنىڭ قولىغـا چۈشـۈپ كەتتـى. 1949- يىلى سـېنتەبىرنىڭ ئاخىرىـدا مەكتەپ تەرىپىدىن ئاتالمىش «ئازادلىق ئارمىيەنى كۈتۈۋېلىش» ئۈچۈن ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىندىكى ساۋاقداشلىرى بىلـەن ئۇلانبايغــا چىققــان يــاش ئەخمـەت ئىگەمبـەردى ۋە ساۋاقداشـلىرى تانـكا، بىرونېۋىـك ماشـىنىلاردىن چىقىشـقا جۈرئـەت قىلالمـاي، ئېغىزلىرىغـا ماسـكا تارتقـان يەنىـلا ئوخشـاش خىتــاي ئەسـكەرلىرىنى كــۆرۈپ، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ھاڭ – تاڭ قېلىشقان ئىدى. شۇ چاغدا ساۋاقداشلار ئارىسـىدا: «بـۇ بىزنىـڭ ئارمىيـە ئەمەسـقۇ؟ يەنىـلا شـۇ خىتايلارغـا؟ ئـۇلار شـىمالدىن كېلىشـى كېـرەك ئىدىغۇ، <مانـاس> دېگـەن شـىمالدا تۇرسـا؟!» – دېگـەن سـۆزلەر بىلـەن غۇلغۇلىـلار باشــلانغان ئىــدى.
دەر ھەقىقـەت، ئۇيغۇرلارنـى ئاسـاس قىلغان شـەرقىي تۈركىسـتان خەلقى ئىلاجىسـىز، مەجبـۇرى سـوۋېت ئىمپېرىيەسـىنىڭ ئالدىشى بىلـەن ئۇرۇق – ئەجدادلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى – ئـەۋلادى تارىخـى دۈشـمىنى قىزىل چۈمپەردىگە ئورىنىۋالغـان يەنـە شـۇ سـېرىق ئەجدىھانىڭ ئاغزىغـا چۈشـۈپ، ئۇنىڭ ئۈمىد – ئىقبال يۇلتۇزلىرى زۇلمەتلىك قارا بۇلۇتــلار ئاستىدا قالغان بولۇپ، بۇ زۇلمەتلىك قارا بۇلۇتـلار ياش ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ پاكىزە، يۇمران قەلبىگە قـارا كۆلەڭگىلەر تاشلىغان ئىـدى.
كۈنلـەر، ئايـلار، يىلـلار ئۆتتـى... ئۆزىنىـڭ ئۇيغـۇر خەلقىنىڭ: «پۇشـتى پاناھـى – نىجاتلىـق يۇلتـۇزى» - دەپ ئاتىۋالغـان بېيجىڭلىق كوممۇنىست باسقۇنچىلىرى ئۆزىنـى ئۆزلىرى ئاستا – ئاسـتا ئاشـكارىلىدى. دىللاردىكــى گۇمــان، ئىشەنمەسـلىك، نارازىلىـق، قارشىلىق ئاخىرىدا كۈرەشـكە ئـورۇن بـەردى. كـۆپ ئۆتمـەي ئـۇ - 1958يىلىدىـلا تاشـكەنتتە ئوقۇۋاتقـان ساۋاقداشـلىرى ئارىسـىدا «يەرلىـك مىللەتچـى» دەپ كۈرەشـكە ئېلىنـدى.
1961- يىلـى تاشـكەنتتىكى ئوقۇشـنى تۈگىتىـپ ژۇرنالىسـت، مۇتـەخەسسىسـلىكنىڭ ئـەلا دىپلومىنـى قولغـا ئالغـان يـاش شـائىر ژۇرنالىسـتىمىز ئەخمــەت ئىگەمبــەردى: «ئــاز - تــولا خەلقىمگــە خىزمــەت قىلارمــەن» - دېگـەن ئىزگـۈ ئۈمىدتـە ۋەتىنىگـە قايتقـان ئىـدى. لېكىـن ئۇنى كوممۇنىسـت خىتــاي باســقۇنچىلىرىنىڭ مۇســتەملىكىچىلىك سىياســىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كەلتۈرگەن بالايى - ئاپەت، قارا قىسمەتلىرى كۈتۈپ ئالــدى.
ئەخمـەت ئىگەمبەردىنىڭ تاشــكەنتتە ئوقۇۋاتقانــدا 1960- يىلنىــڭ ئاخىرى 1961- يىلىنىــڭ بېشىدا 33 نەپەر ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتــاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زورلــۇق - زۇمبۇلۇقلىرىنــى پــاش قىلىــپ، «ئوچــۇق خــەت» يېزىشــقا جاســارەت قىلغـان، 33 ساۋاقدىشى بىلـەن بىرلىكتـە قـول قويغـان بۇ خەتنى سـوۋېتلار ئىتتىپاقــى كوممۇنىســتلار پارتىيەســى مەركىــزى كومىتېتــى رەئىســى ھــەم سـوۋېت ئىتتىپاقـى مىنىسـتىرلار كابىنېتىنىـڭ رەئىسـى نىكىتـا سـېرگۋىيىۋىچ خوروشــوپنىڭ ئــۆز قولىغــا تاپشــۇرۇش ئىشــىغا قاتناشــقان ۋە دوســتلىرى بىلـەن بـۇ ھەرىكەتكـە رەھبەرلىـك قىلغـان. بـۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بىر كىشىنىڭ ساتقۇنلۇق ۋە خىيانىتى نەتىجىسـىدە ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋە ئۇنىڭ ۋەتەنگە قايتقــان ساۋاقداشـلىرى ئالدى تۈرمە، قالغانلىرى سىياســىي ۋە ھـەر خىل مەمۇرىي جازالارغــا ئۇچرىــدى.
ئەخمـەت ئىگەمبەردىنىـڭ 1985- يىلـى ئاۋسـترالىيەگە كېلىـپ چـەت ئەلدىكــى ئىككىنچــى مۇجادىلىســى 1992- يىلــى 25- ئاپرېـل كۈنى ئاۋســترالىيە شــەرقىي تۈركىســتان جەمئىيىتىنــى قــۇرۇپ، ئۇنىــڭ قۇرغۇچــى رەئىسـى بولۇپ سـايلىنىدۇ. ئۇنىـڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغـۇر تىلـى مەكتىپـى
(1992- يىلــى) «ئۇيغــۇر غۇلجـا مەشرىپى» (1997- يىلى) شەرقىي تۈركىستان سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىـڭ مەسىلىســى 1997- يىلدىــن باشـلىنىپ، خۇشـاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار كــۆپ ئورۇنلاشــقان گېلىــس پىلەنىــس رايونىــدا جەنۇبىــي ئاۋســترالىيە ئىســلام جەمئىيىتــى بىلــەن ھەمكارلىشــىپ ۋاندانــا مەســچىتىنى مەيدانغــا كەلتۈرۈشــكە ئاســاس ســالىدۇ (1994- يىلــى). ھــەم جەنۇبىـي ئاۋســترالىيە ئىسـلام جەمئىيىتــى بىلەن ھەمكارلىشــىپ ئۇيغــۇر ئىمامنىــڭ ئادېلەيدقــا كېلىشــىگە تۈرتكــە بولىــدۇ.
ئەخمەت ئىگەمبەردى – شـەرقىي تۈركىسـتان داۋاسـىنىڭ چەت ئەللەردە تەشكىللىنىشـى مۇسـتەھكەملىنىپ راۋاجلانـدۇرۇش يولىدىكى تەشەببۇسـكار، تەشـكىلاتچى ۋە پىـداكار رەھبەرلـەر سـۈپىتىدە ئۈنۈملـۈك روللارنـى ئوينىغـان تۆھپىـكار رەھبەرلەردىـن بىرسـى.
ئـۇ، 1992- يىلـى 14 - 12 - دېكابىـرلاردا ئىسـتانبۇلدىكى شـەرقىي تۈركىســتان ۋەخپــى تەرىپىدىــن ئۇيۇشــتۇرۇلغان 1- قېتىملىــق شــەرقىي تۈركىســتان مىللىــي قۇرۇلتىيىغــا ئىشــتىراك قىلىپ، قۇرۇلتـاي كېڭـەش مەجلىسـى رەئىسـلىكىگە سـايلانغان. 1998- يىلى ئىسـتانبۇلدا قۇرۇلغـان
شـەرقىي تۈركىسـتان مىللىـي مەركىزىنىـڭ قۇرغۇچىلىرىدىـن ھـەم شـۇ مىللىي مەركەزنىــڭ ھەيئــەت ئەزالىرىدىــن بىــرى.
2001- يىلـى بېلگىيەنىـڭ پايتەختـى بىريۇسسـېل شـەھىرىدە ياۋروپـا پارلامېنتىدا ئېچىلغان 3- نۆۋەتلىك شـەرقىي تۈركىسـتان مىللىي قۇرۇلتىيى دائىمىــي كومىتېتــى ئەزاســى ۋە شــۇ قۇرۇلتاينىــڭ سىياســىي مەســلىھەت كېڭىشـىنىڭ مۇئاۋىـن رەئىسـى، كېيىـن ئۇنىـڭ رەئىسـلىكىگە سـايلانغان.
1996- يىلى ئىسـتانبۇلدا شـەرقىي تۈركىسـتان ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشـتۇرۇلغان 2- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە تارىخ سىمپىزىيومىنىڭ ئىشتىراكچىسى. 1998- يىلى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئېچىلغان 6- تـۈرۈك دۆلەت ۋە جامائەتلىرى دوستلۇق - قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم دوكلات سۆزلىگەن.
ئەخمـەت ئىگەمبــەردى 1999- يىلـى 10- ئايــدا گېرمانىيەنىــڭ مىيۇنخېـن شـەھرىدە ئېچىلغـان شـەرقىي تۈركىسـتان (ئويغۇرىسـتان) مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، قۇرۇلتاينىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغـا سايلىنىدۇ ھەم شـۇ قۇرۇلتاينىڭ سىياسـىي مەسـلىھەت كېڭىشــىنىڭ مۇئاۋىنــى بولىدۇ.
ئەخمەت ئىگەمبەردى 2004- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋاشىنگتون د س كاپىتــال خېلــدا قۇرۇلغــان شــەرقىي تۈركىســتان جۇمھۇرىيىتــى ســۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىــڭ 1- قۇرغۇچــى پىرېزىدېنتى. ئـۇ بــۇ شــەرەپلىك خىزمىتىنــى 2015- يىلــى توكيــودا ئېچىلغــان شــەرقىي تۈركىســتان جۇمھۇرىيىتــى ســۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىــڭ7 - قۇرۇلتىيىغىچــە غەلىبىلىــك داۋاملاشــتۇرغان.
پېشــقەدەم شــائىر، ژۇرنالىسـت ھــەم يازغۇچــى ھۆرمەتلىك مىللىي مۇجاھىدىمىــز مۇسـتەقىللىق جەڭچىســى ئەخمــەت ئىگەمبەردىنىــڭ 60 يىللىــق سەرگۈزەشــتىلىرى ۋەتىنىمىــز ۋە مىللىتىمىزنىــڭ تەقدىر - قىسـمەتلىرى بىلـەن چەمبەرچـاس باغلانغـان بولۇپ، ئۇنىـڭ ھايـات يولى مۇھىـم ۋاقىئـە ۋە قىممەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تولغان. شـۇڭا ھۆرمەتلىك ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» نىــڭ 1- كىتابىنىــڭ نەشــر قىلىنىشــىنى ئالاھىــدە تەبرىكلــەپ، كىتابنىــڭ داۋامىنــى يېزىــپ، ۋەتـەن خەلقىمىزگە يادنامە قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچـۈن جانابى ئاللاھدىـن ئەخمــەت ئىگەمبەردىگــە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىســىگە مۇســتەھكەم ســالامەتلىك ھــەم خەيرلىــك ئۆمۈرلـەر تىلەيمىــز، ئامىن!
مەنبەسى؛ ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» ناملىق كىتابىدىن.
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى . 2019- يىلى ئاپرىل 1- نەشرى تۈركىيە – ئىستانبۇل

كۆپ كۆرۈلگەنلەر