ختتتايغا قارشى

گوۋېنگۇي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەن

by Arman - Mar 16, 2023 0 Comment

گوۋېنگۇي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەن

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى16-مارت

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 15-مارت گوۋېنگۇي نيۇ-يوركتىكى تۇرالغۇسىدىن قولغا ئېلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئۆيىگە ئوت كەتكەن بولۇپ، نيۇ-يورك ساقچى دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ گو نىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقان.



گوۋېنگۇي يەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تېلېگراف ئالدامچىلىقى، ئاكسىيە قويمىچىلىقى، پۇل يۇيۇش قاتارلىق 11 تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، دېيىلىشىچە ھەر بىر جىنايىتى ئۈچۈن كەم دېگەندە 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. 

نيۇ-يورك يەرلىك تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە گوۋېنگۇي ئۆزى ئۈستىدىن ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرگە قارىتا: «ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدىم» دەپ تۇرۇۋالغان. مۇخبىر ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن ئالاقە قىلغان بولسىمۇ جاۋاب ئالالمىغان.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر