ئۇيغۇر سياسى ھەرىكەتلىرى

پارىژ چوڭ مەسچىتى ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورىدى

by Admin - Sep 10, 2021 0 Comment

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10-سېنتەبىر

ئارمان

خەلقىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە چەتئەللەردە ھەرخىل ساختا تەشۋىقات سورۇنلىرىنى ياساپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن، جۈملىدىن فىرانسىيەدىمۇ بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا شۇنىڭغا ئوخشاش خاراكتېرىدىكى "شىنجاڭ ياخشى جاي" نامىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. خىتاي كونسۇلى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى شەمشىدىن ھافىزنىڭ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى تور دۇنياسىدا قارشىلىق ئاۋازلارغا دۇچ كەلگەن. "ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى" نىڭ مۇدىرى، دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇ ئىش ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جەلىلوۋا خانىممۇ ۋىدىئولۇق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مەسچىت مۇدىرىيىتى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئاگېنتلىقىمىز بۇ ھەقتە 12-ئىيۇل مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ تارقاتقان ئىدۇق.



10-سېنتەبىر دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتىدە ئېلان قىلغان يازمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: "پارىژ چوڭ مەسچىتى" مۇدىرى شەمشىدىن ھافىز ئەپەندى تۈنۈگۈن ئۆز ئىشخانىسىدا دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە گۈلباھار جەلىلوۋا خانىمنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقە ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆز فەيسبۇك بېتىدە مۇنداق يازغان:

"تۈنۈگۈن گۈلباھار جەلىلوۋا ھەدەم ئىككىيلەن پارىژ چوڭ مەسچىتى مۇدىرى شەمشىدىن ھافىز ئەپەندىم بىلەن ئۇنىڭ مەسچىت ئىچىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. مۇدىر شەمشىدىن ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمان رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان باستۇرۇشلار توغرىسىدا قانداق چۈشەندۈرۈش بېرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى ۋە بەرگەن كىتاب ۋە ھۆججەتلىرىدىن قەتئىي قانائەتلەنمىگەندىن كېيىن، باش ئەلچىنىڭ شەمشىدىن ھافىز ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سەپسەتە تور يىغىنىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇ يىغىندىنمۇ ھېچبىر قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب چىقمىغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنى تامامەن بىر ياخشى نىيەتتە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشىنىش نىيىتى بولسا، نېمىشقا بىز ئۇيغۇرلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا قارشى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر جىنايەتچى دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خۇددى ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ناتسىست رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندەكلا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ئازاپلانغانلىقى ۋە بىر دېموكراتىك دۆلەتتىكى مۇسۇلمان رەھبەر تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە پىچاق ئۇرۇلغاندەك ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى ئېيتتىم. مەسچىت مۇدىرى ئەگەر ئەسلى ياخشى نىيەتتە قىلغان ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئازاب ئېلىپ كەلگەن بولسا، بارلىق ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن باستۇرۇلغۇچىلار تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كېيىن، بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بالدۇرراق توختىشى ئۈچۈن، ئۆزى ۋە پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ قولىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. گۈلباھار ھەدەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاڭلىغان مۇدىر شەمشىدىن ھاپىز ئۆزىنىڭ ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەسلىدە بىر سائەتكە دېيىشكەن بۇ زىيارەت ئىككى سائەت بولۇپ كەتتى."

 

(سۈرەت مەنبەسى: دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتى)

سۆھبەتتىن كېيىن مەسچىتنىڭ ئىجتىمائىي تور قاناللىرىدىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بېرىلگەن. دىلنۇر رەيھان ۋە گۈلباھار جەلىلوۋا خانىملارنىڭ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ مەسچىت مۇدىرىيىتى بىلەن كۆرۈشۈشى ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلار يۈز كېلىۋاتقان ھەقىقىي پاجىئەلەرنى توغرا ئۇسۇلدا ئاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ناماقۇللىقىغا ئېرىشىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن بولسا، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات ئويۇنلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە جۈملىدىن فىرانسىيە خەلقىگە يەنە بىر قېتىم پاش قىلغان.

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر