ئەدەبى ئەسەرلەر

تۇرغان ئەر-مىكرو ھېكايە

by Arman - Jan 06, 2022 0 Comment



(مىكرو ھېكايە)

ئۇيغۇرىئان

ئۇ يەنە ئاغرىپ ياتتى.

ئۇدا نەچچە كۈنلەپ ئورنىدىن تۇرالمىدى، بېشى ئاغرىيتتى، توڭلاتتى، ماڭغۇدەك مادارى يوق ئىدى. ئۇ يەنە شۇ يالغۇز ئۆيدە ياتتى. ئۇنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. تاماق يېگۈدەك ئىشتىھاسىمۇ قالمىغان بولغاچقا، بارغانسېرى ماغدۇرسىزلىنىۋاتاتتى. تېنى ساغلام چاغلاردا، سائەت -مىنۇت پىلانلاپ ئالدىراش ئۆتىدىغان ئۇ ئۈچۈن، ھازىر ۋاقىت  بەك ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى. كىچىككىنە مىدېرلىسا، ئاغرىق ھېس قىلاتتى. ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنى ھەم  قاتتىق چارچىغاندەك، ھەم بەك ئاجىزلاپ كەتكەندەك ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭ تېنى ياش تۇرۇپلا ئاجىزلىشىشقا باشلىغان ئىدى، ئۇزۇن يول ماڭالمايتتى، سەل ئاز ئۇخلىسا، كۈندۈزى خىزمەت قىلالمايتتى. ئۇ دىققىتىنى بىردەم قولىدىكى تېلېفونغا چاچتى، تېلېفوندا ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇلارنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلايدىغان جەمئىيەت ئەزالىرى بار ئىدى،  ئۇلاردىن ئازراق بولسىمۇ مېھىر ئىزدەيتتى، ئەمما تېلېفوندا كۆڭۈللۈك، ئىللىق ياكى مەدەنىي سۆزلەرنى ئۇچراتمىدى، بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان كىشىلەر ئۆز-ئارا تىللىشىۋاتاتتى، بىرى سەن خائىن دېسە، يەنە بىرى سەن جاسۇس دېيىشىۋاتاتتى…كىشىلەر بىر-بىرىگە  ئۆچمەنلىك قىلىشىۋاتاتتى.

ئۇنىڭ بۇلارنى ئاڭلىغۇدەك ھالى، ماغدۇرى يوق ئىدى.

نېمىشقا كىشىلەردە بۇ قەدەر مېھىر -مۇھەببەت قالمىغان ھە؟! دەپ ئويلىدى ئۇ...

ئۇ كارىۋاتتا قىيپاشلاپ يېتىپ، كىشىلەر ئارا مۇھەببەت قالمىسا، كىشىلەر بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلمىسا، ھەممە يەردە نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالسا، ھاياتنىڭ خۇددى قىممىتى قالمىغاندەك ئويلاشقا باشلىدى.

ئۇ پەيلاسوپ شوپىنخائۇرنىڭ «ھايات ئۆزىنى ئازابلاش، قىيناش سەپىرىدۇر»، يەنە بىر پەيلاسوپنىڭ «ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش-ئەخمىقانىلىقتۇر» دېگەن سۆزلىرىنى ئويلىدى. دېمىسىمۇ ھاياتقا ئۆزىمىز تاللاپ كەلمىگەن، بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىمىز ھاياتنىڭ قانداقلىقى، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ھەققىدە بىز بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن.
ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆلۈم ھەققىدىكى خىياللار كىرىۋالدى. ئەجەبا ئۆلۈم ۋاقتىم يېقىنلاشتىمۇ- قانداق؟ ئۇنداقتا قىلىدىغان ئىشلىرىم تۈگىدىمۇ- ياقمۇ؟

 خۇددى بىرسى ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغاندەك، پىلان قىلغان ئىشلىرىنى تاماملىغاندا، ئاندىن ئۆلسە بولىدىغاندەك،  ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشلىرى تۈگىمىگەنلىكىنى بايقىغاندا، داۋاملىق ئۆلمەي ياشايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
 
«ئەگەر ئىشلىرىم تۈگىگەن بولسا، ھاياتىمنىڭ ۋەزىپىسى تامام، ئەگەر يەنە ئىنسانلارغا  بېرىدىغان نەرسەم چالا قالغان بولسا، ياشاپ تۇرۇشۇم كېرەك »دەيتتى ئۆز-ئۆزىگە.

ئۇ ئۆتمۈشنى، ھازىرنى، كەلگۈسىنى ئويلىدى. ئۇنىڭ يەنە پىلانلىغان ئىشلىرى بار ئىدى، ئۇنىڭغا موھتاج كىشىلەر بار ئىدى. ئۇ ئۆلسە بوينىدا  قەرزى قالاتتى، بۇ قەرز -ئىنسانلىق قەرزى ئىدى، مېھىر-مۇھەببەت قەرزى ئىدى.

ئۇ شۇلارنى ئويلاپ، غەيرەت قىلىپ، تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئازراق قايناق سۇ ئىچتى...ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر