خەلقئاراھەرىكەت

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەت كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى-خىلتون مېھمانخانىسىغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى

by Admin - Sep 09, 2021 0 Comment

ياسىنجان مەمەت

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 9- سېنتەبىر

 

خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ شەرقى تۈركستان(ئۇيغۇرستان)نىڭ خوتەن شەھىرىدە مەسچىت ئورنىغا سالماقچى بولغان مىھمانخانا قۇرۇلۇشى پاش بولغاندىن كىيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىلتون شىركىتىنى مەزكۇر قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا چاقىرىپ كەلگەنىدى.

8-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەت كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىدا خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ۋىرگىنىيە ماكلىن شەھىرىدىكى باش شتابى ئالدىدا نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇش ئۈچۈن جەم بولدى،بۇ ئىككى ئورگان خىلتون شىركىتىنىڭ قىلمىشنى خەلقئارا ئ‍ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنى ھوقۇق نۇقستىدىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا ھەمدەمدە بولماسلىق ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى ۋە خىلتون شىركىتىگە بىر ھەپتە ۋاقىت بەردى.مەزكۇر گۇرۇپپا «ئەگەر خىلتون خوتەندىكى مەسچىت ئورنىغا مىھمانخانا سېلىشنى توختاتمىسا، خىلتون شىركىتىنى دۇنيا بويلاپ بايقۇت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نارازىلىق خېتىنى تاپشۇرۇشقا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن مۇستاپا ئاقسۇ، ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەت كېڭىشىدىن نىھات ئاۋات قاتارلىقلار قاتناشقان.

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر