تارىخ ۋە ئەسلىمە

شەرقى تۈركىستان- پانىي دۇنيادىكى دوزاخ

by Admin - Aug 16, 2021 0 Comment

مەن زۇلۇمنىڭ رەڭگىنى كۆردۈم، تارىمنىڭ سۈيىدىن، ئاپامنىڭ كۆز يېشىدىن، تەكلىماكاننىڭ قۇم -بورانلىرىدىن !

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئىزچى 

1.بۆلۈم قىسمەت 

   " خىتاي چىچىپ قويغان يەر قۇرۇپ كېتىدۇ"  

ئالىم ئاپتوبۇس بىلەن ياۋروپانى چۆرگىلەپ چىقىش جەريانىدا ، شىۋىتسارىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، قاتارلىق دۆلەتلەرنى كېسىپ ئۆتتى، ئارقىدىن گېرمانىيەدىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ دانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيەگىچە بېرىش جەريانىدا پەقەت ھامبرۇگ شەھىرىدىن دانىيەگە ئۆتىدىغان پاراخوتقا چىقىدىغان چاغدا ئىككى ساقچىنىڭ ئاپتوبۇسقا چىقىپ پاسپورت تەكشۈرۈشىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدى. ياۋروپانى بىر چۆرگىلەپ چىققۇچە ھېچ يەردە تەكشۈرۈش ياكى ئاختۇرۇشلارنى كۆرمىگەن بولغاچقا بۇ ئىككى ساقچىنىڭ سىپايىلىك بىلەن "ئەپەندىم، پاسپورتىڭىزنى چىقىرىڭ" دەپ ئەدەپ بىلەن سورىشى، چېگرا دېگەننىڭ شەھەر ئىچىدە بىر سىزىق بىلەنلا ئىپادىلىنىشى، ۋە چېگرادىكى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ پەقەتلا ئىككى ساقچى ئىكەنلىكى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ئۇ ئەركىنلىكنىڭ نېمىلىكىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن بولغاچ ھەر تەرەپكە تويماي قارايتتى. بۇ يەردە ياغاچلارمۇ ئەركىن، قۇشلارمۇ ئەركىن، ئىنسانلارمۇ ئەركىن، ھەممە نەرسە ئەركىن ئىدى. ھەممە نەرسىنىڭ ھوقۇقى ،كىملىكى قوغدىلاتتى، توۋا، يىغىپ كەلسە ياۋروپانىڭ يېرىمىدىن چوڭراق كېلىدىغان بىر زېمىننىڭ ئىگىلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا نە ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى، نە ھوقۇقى بار؟ ھەتتا  قوشنىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ خاتىرجەم كىرىپ يېرىم سائەت ئولتۇرۇپ چىقالمايدۇ. ئويلىغانسېرى كۆز ئالدىغا يۇرتىدىكى ئۇ مەھەللە بىلەن بۇ مەھەللە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش رايونلىرىدىكىدەك قويۇلغان ياغاچ توسۇقلار، شەپكىسىنى مايماق كىيىپ، ئالا سېرىق ھەربىيچە كىيىمنى ھاڭگۇل -سوڭگۇل كىيىۋالغان ماڭقۇرت "تەيجۈنلەر"، ئىشلەيدىغان زاۋۇتىدىكى كۈندە تۆت قېتىم بولىدىغان كىملىك تەكشۈرۈشلەر، ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە سوئال -سوراقسىز كېتەلمەيدىغان ئىنسانلار  بىلەن بۇ يەردىكى ئىنسانلارنى سېلىشتۇرغۇسى كېلىپ، ياۋروپانىڭ ئۇ ئۇچىدىن بۇ ئۇچىغىچە سوئال -سوراقسىز، توسالغۇسىز كېتىۋاتقان مۇشۇ ئىنسانلاردىن نەرىمىز كەم؟ بىزنىمۇ ئاللاھ ياراتتىغۇ؟ دەپ ئۆز –ئۆزىگە سوئال قوياتتى.

خىتاينىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى چەتئەلنىڭ مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىشىنى جان –جەھلى بىلەن توسىدىغانلىقىنى، باشلانغۇچتىن باشلاپلا سەبىيلەرگە بۇ يەردىكى ئىنسانلىقنى، مەدەنىيەتنى جاھانگىرلىك دەپ تونىتىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ "غەرب جاھانگىرلىكى" دەپ قورقىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ھېس قىلغاندەك بولدى.

  دېمەك فېئودال ئىدىيە قان - قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، زومىگەر، جاھىل، ئاياق باسقان يېرى قۇرۇيدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان بىر مىللەت ئۈچۈن ئەركىنلىك، باراۋەرلىكنىڭ ئۆزى جاھانگىرلىك. شۇڭا ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ، گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ، ۋە ئۇنى يوقىتىش كېرەك دەپ بىلىدۇ، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى، تارىخى، مەدەنىيىتىنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ، ۋە ئۆزىدىن بولمىغاننى يوقىتىش ئۈچۈن جان –جەھلى بىلەن دۈشمەنلىشىش ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ئەلۋەتتە.
  
  رەھمەتلىك ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىمنىڭ دېگىنىدەك "كوممۇنىزم ئۇ بىر ئېتىقاد ئەمەس بەلكى بىر شوئار" شۇڭا ئۆزگىنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالداپ ئۆگەنگەن خىتاي مۇستەبىتلىرى ئۈچۈن بۇ ئەركىنلىكىنى، ھۆررىيەتنى جاھانگىرلىك دەپ تەسۋىرلەپ، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشى، شۇنداقلا بۇ خىل مۇھىتتا يېتىلگەن بۇ توپنىڭ خۇي -پەيلىدە "سىتوكھولم ئۇنىۋېرسال ئالامىتى" نورمال ھادىسىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن دۆلەتتىن خەلققىچە سىياسەت دۈشمەن كۆرسەتكەننى دۈشمەن بىلىدىغان تەبىئەت بىلەن يېتىشكەن، كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت سىياسىي شوئار ئارقىلىق روھىيىتى ئاچ ۋە ئىنسانلىق قەدر –قىممىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بىر ئاپەت توپى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئەركىن دۇنياغا چىقسىمۇ روھى ئەركىن بولالمىغان، ھەممىنى خىتايچە تەپەككۇر قىلىدىغان مەھبۇسلار توپلىمىنى ئاپىرىدە قىلغان ئىدى.  
  
"دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى شۇڭا بىزنىڭ يۇرتىمىزنى، تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ھەتتا دەل – دەرەخ، ئۆي –ئىمارەتلىرىمىزنىمۇ قىرغىن قىلىپ قۇرۇتۇپ مېڭىپتۇ" دېدى ئۇ ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلاپ. "خىتاي چىچىپ قويغان يەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ" دەيتتى رەھمەتلىك چوڭ ئانىسى.
ئۇ دېرىزىدىن سىم -سىم يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ پىچىرلاپ "خىتاي چىچىپ قويغان يەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ" دەپ تەكرارلىدى. خۇددى بىر فىلىمدەك ئۆتكەن ئۆتمۈشىنى ۋە كەلمەسكە كەتكەن بالىلىقىنى ئويلاپ، ئاستا يەنە ئايىغى چىقماس خىيالغا، ئۆتمۈشكە قايتتى.

داۋامى بار

كۆپ كۆرۈلگەنلەر