ئۇيغۇر سياسى ھەرىكەتلىرى

ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسى قانداق ئورگان؟

by Arman - Nov 15, 2021 0 Comment



ئابدۇرەھىمجاننىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسى توغرىسىدا، كۆپچىلىكنى تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن دېلېگاتىسيەنىڭ خىزمەتلىرى ئۈستىدە، دەسلەپكى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەيلى. 

ھەممىمىز بىلىپ تۇرغاندەك، قىلىدىغان ئىشلارنىڭ قانچىلىك كۆپ، مۈشكۈل، ئېغىر بولۇشى، قىسقىسى بىز قىلىدىغان ئىش ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، مىللەتنى ئازاد قىلىشتەك ئۇلۇغ ھەم جاپالىق كۈرەش بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۈشمىنىمىز خىتاينىڭ نەقەدەر رەزىل ھەم كۈچلۈك بولۇشى، بىزدىن تېخىمۇ ئېغىر بەدەل، كۈچ، ماغدۇر تەلەپ قىلماقتا. 

بىزنىڭ چەتئەلدە قۇرۇپ چىققان تەشكىلاتلىرىمىز، بېسىپ مېڭىۋاتقان كۈرەش يولىمىز، مەيلى ئوڭ بولسۇن، مەيلى تەتۈر بولسۇن - ئۆز قۇرۇلمىسىنى يوقىتىپ قويماسلىق، شام چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىقتىن باشقا، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن كېرەكلىك بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلالىغىنى يوق. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى تونۇپ يېتەلىگەن ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسىگە ئايانكى: ئۆمىلەپ قىردىن ئۆتەلمەيدىغان مەۋجۇت ۋەزىيەتتىن سىلكىنىپ چىقماي تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىن، مىللەتنى ئازاد قىلىشتىن سۆز ئېچىش بىر بولسا يالغانچىلىق، بىر بولسا ئۆزىنى ئالدىغان ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى دۈشمىنىمىز خىتاينى ھەر جەھەتتىن تونۇپ يەتكەن ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن كىشىگە، ھازىرغىچە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنىڭ راستتىنلا ئۆمىلەپ قىردىن ئاشالمايدىغان تىركىشىش ئىكەنلىكى سىر ئەمەس. 

بىز نېمىنى خاتا قىلىۋاتىمىز؟ ياكى بىز نېمىنى قىلمايۋاتىمىز ؟ بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك ئىدى؟ - جاۋاب شۇنچىلىك ئاددىي: قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزدا مەسىلە يوق. قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا، ئاپپاراتلىرىدا مەسىلە يوق. ئەمما شۇ ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ھازىرلاشقا تېگىشلىك لاياقەت شەكىللەنمىگەن. مەسىلەن : قۇرۇلتاي تەشكىللەنگەن. نامى، شەكلى، سۆزلىنىۋاتقان گەپلەر، قاتنىشىۋاتقان ئادەملەر ھەممىسى بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈرۈلۈپ سېلىشتۇرۇلسا، شەكلى جەھەتتىن قۇرۇلتايغا ئوخشايدۇ. بىراق ئۇ نېمە قىلىدىغان ئورۇن؟ - مىڭ يېرىدىن يېرىپ تەكشۈرسىمۇ، قۇرۇلتاي دېگەن نامغا ۋە خىزمەت ئوبيېكتىغا مۇناسىپ كەلگۈدەك بىر ئېلېمېنت تېپىلمايدۇ. يىغىن ئاچىدىغان، ئاممىۋى پائالىيەت قىلىدىغان، باشقا دۆلەت، تەشكىلات، ئورگانلارغا خەت يوللاپ، ھال ئېيتىدىغان ئىشنى قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۈزلىگەن تارقاق تەشكىلاتلارمۇ ئوخشاش ئىشلار بىلەن مەشغۇل. 

نۇرغۇنلىغان تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ، ئادەم تەرەپدارلىقى بىلەن شەكىللىنىپ، قۇتۇپلىشىپ، يەنە چېچىلىپ، يەنە يىغىلىپ تۇرۇشلىرىنىڭ ئۆزىدىنلا، ئۇ يەرلەردە تىلغا ئېلىنىدىغان ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، مىللەتنى ئازاد قىلىش مۇددىئاسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، ياكى خىيالى گەپ ئىكەنلىكى بەش قولدەك ئايان. 

تەشكىلاتلار قۇرۇلسۇن. تارقاق ئادەملەرنى كىچىك بولسىمۇ كوللېكتىپلەشتۈرسۇن. لېكىن تاشقى مۇناسىۋەتتە بارلىق تەشكىلاتلار بىر كانايدىن ئاۋاز چىقىرالمىسا، ئۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلغىنى بىلەن قۇرۇلماي، ئادەملەر تارقاق يۈرگەندىن پەرقىنى نېمە؟ 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، باشقا ھۆكۈمەت، پارلامېنتلارغا بىر-بىرلەپ يۈز ئادەم، مىڭ ئادەم بېرىپ ئايرىم، ئايرىم ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇ يوللۇق. ئەمما ۋەتەننى قۇتقۇزىمەن، مىللەتنى ئازاد قىلىمەن- دەپ ئىلتىماس قىلسا، ئاشۇ يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ بىرىنىمۇ ساق ئادەم دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئۇ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلارنىڭ نەزىرىدە ئەقلىدىن ئاداشقان ساراڭلار ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ۋەتەننى قۇتقۇزىدىغان، مىللەتنى ئازاد قىلىدىغان ئىش، يەككە ئادەملەر قىلىدىغان شەخسى ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. ئەكسىچە قانچىدىن قانچە ئۆملەشكەن، مۇستەھكەم قۇرۇلما ھاسىل قىلغان، چاقىرسا ئېتى، تۇتسا سېپى بار چوڭ كوللېكتىپنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۇ.

چەتئەلدە يۈز تەشكىلات قۇرۇلسۇن، ئىككى يۈز تەشكىلاتمۇ قۇرۇلسۇن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيگەنچە، بىرلا تەشكىلات، ياكى بىر قانچىلا تەشكىلات سىغدۇرۇپ، يېتەكلەپ ماڭالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ھەر بىر تەشكىلات ۋەتەن، مىللەتنى مەن قۇتقۇزىمەن- دەپ، قولىغا ئايرىم كاناي ئېلىپ توۋلىغىلى تۇرسا، يۈزلىگەن كانايدىن چىقىدىغان قالايمىقان ئاۋازلاردىن ھېچنېمىنى ئاڭلاش، چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. بەلكى بارلىق تەشكىلاتلار بىر كانايدىن توۋلىغان چاغدىلا، مەقسەت - مۇددىئا ئېنىق، روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنى ئاڭلىغانلارمۇ ئىلىك ئالىدۇ ۋە ئىشەنچ قىلىدۇ. 

كېيىنكى بەش يىلدىن بۇيان، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇدۇل، كونكرېت ھالدا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارغا پاراللېل ھالدا، مىڭلىغان ئاكتىپ، يەككە پائالىيەتچىلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلاردىكى كۈچ، ئېنېرگىيە، ئىقتىدار، قابىلىيەت، كەسپى سەۋىيە، تىرىشچانلىق، جاسارەت، پىداكارلىق نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈپ يۇغۇرسىمۇ تېپىلمايدۇ. بىراق ئاخىرقى ھېسابتا، يەككە پائالىيەت پەقەت يەككە دەۋاغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەككە پائالىيەتچىلەر توپلىشىپ، ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى، مىللەتنىڭ قىسمىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىرەر دۆلەتتىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئەگەر قارشى تەرەپتە بۇنىڭغا بىر قىزغىنلىق پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇلاردىن يەنىلا ۋەكىللىك سالاھىيەت تەلەپ قىلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئاۋامنىڭ تەلىپى دەپلا، بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلىنمايدۇ. بۇ بىر قائىدە پرىنسىپ. 

بىز شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەر بىر تەشكىلات ۋە ئاكتىپلار، شۇنىڭدەك بارلىق ئۇيغۇرلار چەتئەللىكنىڭ ۋەتىنىمىزگە، مىللىتىمىزگە قارايدىغان پەنجىرىسىدۇر. ئۇلار بىزنى قانداق كۆرسە، ۋەتەندىكى ئوتتۇز مىليونلۇق نوپۇسنى شۇنداق تونۇيدۇ. ئەگەر بىزدە ۋەتەننى ئىدارە قىلالىغۇدەك، مۇستەقىل بىر دۆلەتنى باشقۇرۇپ ماڭالىغۇدەك لاياقەتنى كۆرەلمىسە، ئۇ چاغدا ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم قىلغاندىن كۆرە، بىزنى ئەسىر قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان دۈشمەن بىلەن سۆزلىشىپ، ئوتتۇرىدىن مۇۋاپىق يول ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەنى خىتاي بىزنى قىرغىن قىلماي، يوقاتماي، زۇلۇم سالماي، خورلىماي، نورمال پۇقرا قاتارىدا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق يولىنى تۇتىدۇ. 

ھازىرغىچە پۈتۈن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىزگە ئېچىنىپ، خىتايغا بېسىم قىلىۋاتقان بارلىق ئەمەلىي ئىشلىرىمۇ، پەقەت بىزنى بوزەك قىلماي باشقۇرۇپ مېڭىش تەكلىپىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. «بىزگە غەرب دۆلەتلىرى ئىگە چىقتى يەي» دەپ، كۆزلىرىمىز پارقىراپ كېتىۋاتقان بىلەن، مىللىي سالاھىيەت نورمىمىز، تېررىتورىيەلىك ھوقۇق نورمىمىز توغرىسىدا بىر ئېغىز گەپ قىلغان ھېچ كىم يوق. ئەكسىچە قىلغان گەپنىڭ ھەممىسى: «ئۇيغۇرلارمۇ بىر ئىنسانغۇ، تىلى، دىنى، ئادەتلىرى، تاشقى كۆرۈنۈشى دۆلەت باشقۇرۇۋاتقان خىتايغا ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلارنى كەمسىتىپ، خورلاپ، قىرغىن قىلىپ، قۇل قىلىپ بوزەك قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىمۇ ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش كۆرۈپ، ياخشى ئادەم قاتارىدا باشقۇرۇپ مېڭىڭلار» دېگەنلا بىر نەرسە. 

ئەگەر بىز ھەقلىق بولساق، ئەگەر بىز پاك دىيانەتلىك بولساق، ئەگەر بىز مۇستەقىلچى بولساق، ئاغزىمىزدىكى گەپ بىلەن كۆڭلىمىزدىكى نىيەت ئۇدۇل كېلىدىغان بولسا، بىز ھەقسىزلىق بىلەن، ناپاكلىق بىلەن، ئاپتونومىيەچىلىك، ساتقۇنلۇق، خائىنلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان قۇرۇلتايچىلارنىڭ قارشىسىدا تىك تۇرۇپ باقايلى. ئۇلار مىللەتنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ «ئىندىگېنۇس» سىۋىللەشمىگەن قەدىمى يەرلىك ئاھالە - سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلغان بولسا، بىز شۇلار بارغان «ب د ت » غا سالاھىيەتلىك ۋەكىل كىرگۈزۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئون مىڭ يىللىق سىۋىللەشكەن تارىخىمىزنى، بەش مىڭ يىللىق دۆلەت باشقۇرغان تارىخىمىزنى، «كۈلتۈرەل خەلق» ئەمەس، سىۋىللەشكەن- شەھەرلەشكەن، ئىنتېرناتسىئونال ئاڭغا ئىگە، دۇنيا بىلەن پۈتۈنلىشەلەيدىغان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتايلى. قۇرۇلتايچىلار ۋەتەن تېررىتورىيەسىگە ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق ئالىمىز دەپ خائىنلىق قىلغان بولسا، بىز مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ۋە ئۇ دۆلەتنى باشقۇرۇشقا لاياقەتلىك ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەيلى.«ب د ت» قۇرۇلتايچىلار ئاچقان شەخسى ئىشخانا ئەمەسقۇ! ئۇ يەرگە ۋەكىل كىرگۈزگىدەك لاياقەتنى بىزمۇ يارىتايلى. 

قۇرۇلتاينىڭ قارشىسىدا سۈرگۈندىكى ئالتە ھۆكۈمەت،« ب د ت» غا ئالتە تەرەپتىن دىپلوماتىيە قىلسا، قۇرۇلتاينىڭ قارشىسىدا چەتئەلدىكى ئىككى يۈز تەشكىلات، ئىككى يۈز تەرەپتىن ئاۋاز چىقارسا، قۇرۇلتاينىڭ قارشىسىدا مىڭلىغان يەككە مۇستەقىلچىلەر مىڭ تەرەپتىن خەت يوللىسا، دېمەك: ئۇيغۇر دەپ خاتا ئاتىلىپ قالغان بۇ خەلق «ئىندىگېنۇس» ئاھالە بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن، بۇلار تېخى سىۋىللەشمەپتۇ، بۇ ئاھالىلەرنى خىتاي دۆلىتى سىۋىللەشتۈرمىسە بولمىغۇدەك- دېگەن تامغىنى مىللىتىمىزنىڭ پېشانىسىگە ئۆزىمىز باستۇرۇپ چىقىمىز. 

بىز ئاۋازىمىزنى تاشقىرىغا بىر كانايدىن چىقىرىش ئۈچۈن، تەشكىلى جەھەتتىن ئىتتىپاق تۈزەلمەيدىكەنمىز. بۇ ھۆكۈم نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلاندى. بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز، ئاكتىپ ۋە ئەمەلپەرەستلىرىمىز، پىرئەۋندىن بەتتەر چوڭلۇق تالىشىدىكەن. ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاجىز، كىچىك بولغىنىغا قارىماي، باشقىلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كېرىلىپ تۇرۇشنىلا خالايدىكەن. شۇڭا تەشكىلى جەھەتتىن ئىتتىپاقلىق، مەركىزى بىرلىك ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. ئەھۋالىمىز شۇنچىلىك بولغاندىكىن، ھېچقانداق باشلىقنىڭ مەنسىپى تەھدىتكە ئۇچرىمايدىغان، نوپۇز- ئابرۇيىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان، ھېچ قانداق بىر باشلىق يەنە بىر رەقىبىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالمايدىغان، شۇنداق كەڭرى بىر قۇرۇلمىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. ئۇ بولسىمۇ نۆۋەتتە بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى سەپەرۋەرلىك قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسى» بولۇپ، بۇ قۇرۇلما ھەر بىر تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىدىن، يەككە پائالىيەتچىلەرنىڭ قېتىلىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. تەشكىلاتلار دېيەلمەيدىغان سۆزنى، مەسىلەن« قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق» ئەھۋالدا، بۇ دېلېگاتسىيە ئارقىلىق دېيەلەيدۇ. ئوخشاشمىغان تەشكىلاتلار بىرلىك ھاسىل قىلمىسا، دېگەن گېپى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدىغان ۋەزىيەت ئاستىدا، بۇ دېلېگاتسىيە ئارقىلىق ئىناۋەتكە سازاۋەر قىلالايدۇ. يەككىلەر دېسە پەرۋاسىز تاشلىۋېتىلىدىغان ئەمما دېمىسە بولمايدىغان گەپلەرنى، بۇ دېلېگاتسىيە ئارقىلىق ئۆملۈكنىڭ ئاۋازىغا ئايلاندۇرالايدۇ. بۇ پەقەت خىتايدىن باشقا ھېچكىمگە زىيىنى يەتمەيدىغان بىر قۇرۇلما. 

بىز يول ئاچايلى. يولغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلماي، راۋانلاشتۇرايلى. يولغا ئورا كولىماي، كۆۋرۈك سالايلى. ھېچ بولمىسا مۇستەقىلچىلەر ئۆز- ئارا قېلىن خىتاي سېپىلى سالماي، داغدام كەڭ دالا ياسايلى. 

ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسى، بار نەرسىنى يوق قىلمايدۇ. تەشكىلاتلارنى يوقاتمايدۇ. سىرتقا چىقالمىغان ئاۋازلارغا كاناي بولىدۇ. مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلىدۇ. ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن- تەشكىلى قېيىنچىلىقلارغىچە، ئىچكى ئىشلاردىن - تاشقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگىچە، ئۇيغۇرلارغا ھەم ۋەتەنگە ئالاقىدار بارلىق ساھەدە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.  

مەزكۇر دېلېگاتىسيەگە دەسلەپتە قاتنىشىدىغان، يۈزدىن ئارتۇق كىشىگە تەكلىپ تەييارلىنىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە يىگىرمە كىشىگە يوللاندى. بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەكلىپ يوللىنىپ بولۇشىغا تىرىشىمىز. تەشكىلاتلارغا، شەخسلەرگە، يەككە ئاكتىپلارغا، بەزىدە تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم خادىملىرىغا ئالاھىدە تەكلىپ يوللىنىدۇ. ئەمما بەزى لېدىر سالاھىيەتلىك چوڭ شەخسلەرگە تەكلىپ يوللانمايدۇ. شۇنىڭدەك سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت نامىغا تەكلىپ يوللانمايدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت ئىچىدىكى شەخسلەرنىڭ ئۆزىگە تەكلىپ يوللىنىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب شۇكى، بۇ قۇرۇلما لېدىرلارنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىپ قالماسلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارىسى ئاستىدىكى ئورگانغا ئوخشاپ قالماسلىقى لازىم. مۇشۇنداق بىر ئۆملۈكنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، ئۆزىمۇ قاتنىشىشنى خالايدىغان سۆيۈملۈكلەر، تەكلىپنى كۈتۈپ تۇرماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلسا تېخىمۇ ياخشى. 

بۇ دېلېگاتىسيەنىڭ خاراكتېرىدە: سەن بار يەردە مەن يوق - دەيدىغان ئەمەس، ئەكسىچە: سەن بار يەردە مەنمۇ بار بولالايمەن- دەيدىغان ئۆملۈك گەۋدىلىنىشى كېرەك. 

15.11.2021 

ئابدۇرەھىمجان

كۆپ كۆرۈلگەنلەر