ياۋروپا قېتئەسى

شىۋېتسارىيەدە خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى


ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2- ئۆكتەبىر

بۈگۈن شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابى ئالدىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى . 

بۇ قېتىمقى نامايىشىنى <<ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە >> تەشكىلاتى ،شۋېتسارىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتى ،تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ شېۋېتسارىيەدىكى ۋەكىلى ، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ، ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەشكىلاتى ، خوڭكوڭلۇق ياشلار قاتارلىق تەشكىلاتلار ئېلىپ باردى . 

نامايىشتا ئالدى بىلەن << ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە >> تەشكىلاتىدىن ياشلار سۆز قىلدى . 

 نۇتۇقتا خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ئەيىبلەندى ۋە لاگېر قۇربانلىرى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇلدى . 

نۇتۇقتا يەنە خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ ماۋ دەۋرىدىن باشلىنىپ ھازىرغىچە ھەر خىل شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تېرورغا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، ئاياللارنى مەجبۇرى تۇغماس قىلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتۈلدى . 

ۋە ئاخىرىدا شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشنى مۇراجىئەت قىلىندى . 

نامايىشقا <<ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جەنۋە >> تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ، يەرلىك ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ، شېۋېتسارىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئۇيغۇرلار ، تىبەتلەر  ۋە خوڭكوڭلۇقلار قاتناشتى .

 

 

 

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر