شەخسى ھېكايە ۋە دئالوگ

5- ئىيۇل قەتلىئامى ئەسلا ئۇنتۇلماس!

by Admin - Jul 18, 2021 0 Comment
 

ھەبىبۇللا ئىزچى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 1- ئىيۇل

2009- يىلى 7-ئاينىڭ 5- كۈنى خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى.

2009 يىلى 6- ئاينىڭ – 26 كۈنى، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن ناھىيىسىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. بۇ ۋەقەدە، ئەسلىدە شەرقى تۈركىستاندىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا يۆتكەپ كېلىنىپ، بۇ زاۋۇتتا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشقا سېلىنىۋاتقان 200 نەپەر ئەتراپىدىكى ياش ئۇيغۇر ئۇغۇل-قىزلار،شۇ جايدىكى يەرلىك خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نەچچە ئون ئۇيغۇر ۋەھشىلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە نۇرغۇنلىرى ئېغىر زەخمىلەنگەن ئىدى. 

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغالدى.

كىشلەر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارە بولۇپ، بولغان ھەقىقى ئەھۋالنى خەلققە بىلدۈرۈشىنى، ۋەقەنىڭ ئادىل بىر-تەرەپ قىلىشىنى كۈتەتتى. ئەپسۇسكى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى، ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇيغۇرلاردىن يۇشۇرۇشقا ئۇرۇندى، ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالىدىغان قوپال بايانات ۋە تەشۋىقاتلارنى قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.

7- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىن بولۇپ ئۈچ يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچى خەلق مەيدانىدا تېنچ شەكىلدە نامايىش قىلىش ئۈچۈن توپلاندى،ناميىشچى ياشلار، خىتاي دائىرلىرىنىڭ نامايىشنىڭ خارەكتىرىنى بۇرمىلاپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا باھانە تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، نامايىشنى تېنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا تىرىشۋاتاتتى.

 بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىدا نامايىشنىڭ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەردار ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۈكۈمەت ۋە ج خ نازارىتى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ بولغان بولۇپ شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىغا ۋە بىنالارغا پۇقراچە كېيىنگەن ئەسكەر، ساقچىلارنى يەرلەشتۈرۈپ بولغان ۋە ھەتتا ھەپتە بورۇن تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاساسلىق يوللاردىكى ئامانلىق كامېرالىرىنى سۈزۈكلىكى ئېنىق كامېراغا ئالماشتۇرۇپ خەلق مەيدانىدىن ئۇنۋېرسىتىت ئالدىغىچە بولغان كامېرالارنى خىتاينىڭ مەركىزى بېيجىڭغىچە ئۇلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.

نامايىش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى نامايىشچى ياشلارنى قورشا پ نامايىشچىلارنى ئۇردى ۋە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى. خىتاي ساقچى-ئەسكەرلىرىنىڭ يولسىزلىغى نامايىشنى كۈزۈتۈپ تۇرغان شۇ ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈردى، خەلق ئاممىسى ئىستىخىيىلىك ھالدا  نامايىشچى ياشلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن نامايىش سېپىگە قېتىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە نامايىش سېپى ئۇلغۇيۇشقا، نامايىش تەرتىۋى قالايمىقانلاشىپ كەتتى. ئەمىليەتتە، نامايىش سېپىگە قوشۇلغانلار ئىچىدە، خىتاينىڭ يۈزلەرچە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ۋە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئادەملىرى بولۇپ،ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى، نامايىشچىلارنى زوراۋانلىق قىلىشقا قۇترىتىش، نامايىشنى قالايمىقان قىلىش ئىدى. ئىش ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولدى، تىنچ باشلانغان نامايىش، بارا-بارا  قالايمىقانلىشىپ، كونتۇروللۇقتىن چىقىپ كەتتى. ئۇرۇپ-چېقىش، ئوت قويۇش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشلىرى يۈز بەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەركەزلىك توپلىنىدىغان يەرلىرىگە پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ئەسكەرلىرى مىنىبۇسلاردا خالتىلارغا قاچىلانغان تاش-خىشلارنى ئەكەپ تۆكۈپ قويغان بولۇپ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىۋاتاتتى. ۋە بۇنى مەن شەخسەن كۆردۈم.
   شۇ كېچىسى ئۈرۈمچىنىڭ نامايىش يۈز بەرگەن، ئۇيغۇرلار توپلانغان جايلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي ساقچى ۋە ھەربىلىرى تەرىپىدىن قاتمۇ-قات قورشاۋغا ئېلىندى. كېچە سائەت 10 دىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن تەڭرىتاغ شەھەر رايۇنىدا توك ئۈزۈلدى، كېچىچە ئوق ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى. خىتاي ساقچى-ژاندارمىلىرى ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلدى ۋە ئۆلتۈردى. ئۆزەم بىۋاستە كۆرگىىنىم خەلقارا بازار،ۋە ئىتتىپاق تىياتىرى ئۈستىدىكى مەرگەنلەر كۆزى كۆرگەن ئۇيغۇرنى ئېتىۋاتاتتى. (ۋە بۇ ۋەقەدە مەنمۇ تېگىشلىك نېسىۋەمنى ئالدىم.)

شۇ كېچىسى قىرغىندىن ئامان قالغان شاھىتلاردىن بەزىلىرى كوچىلاردا ئېتىپ تاشلانغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، يەنە باشقىلىرى، ئېتىپ تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىدىنىڭ ھەربى ماشىنىلارغا بېسىلۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. نەق مەيداندا مېنىڭ كۆرگىنىممۇ ئوىشاش بولۇپ سەھەرگە يېقىن خەلقارا بازار ۋە راھەتباغ تەرەپتە ،ئىتتىپاق يولى تەرەپتە يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ جەسىدى ئۈست –ئۈستىگە توپلانغان ئىدى. قەسەت توشۇۋاتقان ماشىنىنىڭ ئارقىدىن بېغىررەڭ قان ئېقىۋاتاتتى.

  شۇ كېچىسى خىتاي ساقچى- ئەسكەرلىرىنىڭ زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى بىر سىر بولۇپ قالدى. ئەمما، بىرقانچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ شۇ كېچىسى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە غايىپ قىلىنغانلىقى بىر ھەقىقەت بولۇپ جەسەت توشۇشقا قاتناشقان بىر ساقچىنىڭ بايانىدا  ئۆزى ئاپارغان جەسەتلەردىن بىرىنىڭ پۇتىغا 723 نومۇرى ئېسىلغانلىقىنى ۋە  جەسەتنىڭ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن مۇز ساندۇقىغا سېلىنغانلىقىنى ئېيتىدۇ .

5-ئىيۇل ۋەقەسى،ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ۋەقەدە،نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، قانچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئۇزۇن مۇدەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولدى، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى،مىڭلىغان سەبى يېتىم قالدى. .نامايىشتىن كېيىنمۇ ھەپتىلەرگىچە ئوق ئاۋازلىرى بېسىقمىدى. مىڭلارچە سەبى يېتىم قالدى.12 ياشلىق يۈسۈپ ئىت بىلەن بىر قەپەزگە سولانغانلىقى سەۋەپلىك ئەقلىنى يوقاتتى.سەككىز ياشلىق ئۆمەر سۇغا بېسىلغانلىقى ئۈچۈن يىللارچە يۈزىنىمۇ يۇيۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى. كۆك مايكىلىق دىلبەر قىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا مەردانىلەرچە تۇرۇپ جان بەردى. پاتىگۈل غۇلام پەرزەنت دەردىدە يېنىپ ئۆچتى.تۇغۇتىنىڭ ئۈچىنجى كۈنىدە ئېرىنىڭ ئۆلۈكىنىمۇ تاپالمىغان قىزىل كىيىملىك  تۇرسۇننىيازخان زار – زار يىغلىدى.ۋە يۇرتىغا سۈرگۈن قىلىنىپ تۈرمىدە غايىپ قىلىندى.

بىچارە ئانىلار كېچىچە قىرغىن قىلىنغان پەرزەنتلىرىنىڭ قېنىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ نازارىتىدە تازىلىدى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن باشلاندى ۋە يىللارچە داۋام قىلدى.ئاتالمىش  ئاپتونۇم رايونلۇق يوقۇرى سوت باش كاتىپى چېن يىگۇاڭ بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ 50 مىڭدىن جىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

 شۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ۋەقە،«5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالدى ۋە ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

«5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگىنىگە  بۇ يىل 12 يىل بولدى، ئەمما خىتاي كومۇنىست ھاكىميىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرىشلىرى بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى، بەلكىم تېخىمۇ كۈچىيىپ 2017-يىلدىن باشلاپ رەسمى، كەم-كۆلەملىك ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئايلاندى!

نۆۋەتتە،شەرقى تۈركىستاندا 3 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، خىتاي جازا لاگىرلىرىدا جان تالاشماقتا، مىليۇنلىغان ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىگىگە سېلىنماقتا، بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىلىپ خىتاي قىلىپ تەربىلەنمەكتە!

«ئەسلا قايتا تەكرارلانمىسۇن !» دىيىلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق قايتا تەكرارلانماقتا ! ئۇيغۇر مىللىتى،خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قېلىش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ئادالىتىنى،  ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە.....

 
 
 
 
 
 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر