ئوتتۇرا ئاسيا

ئامېرىكا ئەلقائىدەنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدارى زاۋاھىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

by Arman - Aug 02, 2022 0 Comment

 پارتلاتقۇچ خەۋەر: ئامېرىكا  ئەلقائىدەنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدارى زاۋاھىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى


تۇرسۇنجان


ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى1-ئاۋغۇست

« نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرى، 1-ئاۋغۇست ئىگىلىگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى  ئافغانىستاننىڭ كابۇلدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدارى ئايمان ئەل زاۋاھىرىنى ئۇچقۇچسىز ئايروپىلان بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

زاۋاھىرى ئوساما بىن لادىندىن كىيىن ئەلقايىدە رەھبەرلىكىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بىرىنچى نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى نىشانى ئىكەن.

بۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈن كەچتە بۇ ھەقتە رەسمىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئاچىدىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر