پسخىكا

جەلىپ قىلىش كۈچى قانۇنىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئىشىنەمسىز؟

by 1 - May 02, 2018 0 Comment

ئۇزدىل تورىدىن ئىلىندى ئۇزدىل تورى مۇلاھىزىسى: سىز بەلكىم «مەخپىيەتلىك (The Secret)» ناملىق كىتاب ياكى فىلىمنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇنىڭدىكى ئالاھىيدە مەخپىيەتلىك ھېسابلانغان نەرسە دەل جەلىپ قىلىش كۈچى قانۇنىدۇر. جەلىپ قىلىش كۈچى قانۇنىنىڭ پىرىنسىپى مۇنداق: سىز بىر نىشانغا يەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، بۇ جەرياندا كاللىڭىزدا ئويلايدىغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىش، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىش روياپقا چىقسا، سەۋەبى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ بۇ ئىشنى دائىم ئويلاپ تۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىڭىزدە ئەمەس، بەلكى بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن سىز ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن بولىدۇ. دېمەك، سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىز مەلۇم نەرسىنى ئېتىراپ قىلغاندىن باشلاپ، يەنى مەلۇم ساھەگە رەسمىي قەدەم قويغان ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ، مۇشۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئادەم، ئىش ۋە نەرسىلەر سىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزگە ئۇچراپ، ئەتراپىڭىزدا بىر-بىرلەپ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بىزگە كۆرۈنمەس بىر خىل ئېنىرگىيە مۇشۇ قانۇنىيەتنىڭ كۈچى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ دەل پىسخولوگىيە ئىلمىدىكى مۇھىم قانۇنىيەت، يەنە تارتىشىش قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلار جەمئىيتىدە بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇشۇ توپ ئەزالىرىنىڭ بىر ئورتاقلىقى بولۇشى، بولۇپمۇ بۇ ئورتاقلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر روھى تۈۋرۈكى بولۇشى كېرەك. بۇ روھى تۈۋرۈك ئۆزىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇ توپ ئەزالىرىنىڭ ئورتاقلىقىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى، ھەم يېتەرلىك مەزگىلگىچە ئۆز پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ قانۇنىيەت سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ چەكسىز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئويغاتتى، بۇ قانۇنىيەتنى مەيلى خىزمەت، مەيلى ئۆگېنىش، مەيلى ئائىلە ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەت، ۋە ياكى ھەرقانداق ساھە، كەسىپكە تەدبىقلىغىلى بولىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بىراق، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر قىسىم كىچىك تىپتىكى نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەنلا چەكلەندى، ھەقىقىي ئۆمۈرلۈك غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلار ساناقلىقلا. بۇنىڭ سەۋەبى بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا جەلىپ قىلىش كۈچى ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن بىر ئادەمنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، قانداق قىلىپ مۇشۇ زېھنىي قۇۋۋەتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەي ئۈنۈملۈك ئورۇنغا ئىشلىتىش بىزدىن ياشاش ئۇسۇلىغا ماھىر بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بىر ئىشنى كۆپ ئويلاش، بىر ساھەگە كىرگەندىن كېيىن، بىر ئارزۇنى كۆڭۈلگە پۈككەندىن كېيىن توختىماي ئىزدىنىش بىزگە ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئېشىشى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارىغان ھالەتتىمۇ، نېمىشقا مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ، يېرىم يولدا بەل قويىۋەتمسىڭىز، قېيىنچلىقلارنى تېپىپ چىقىپ، بىر-بىرلەپ يېڭىپ ماڭسىڭىز، جەلىپ قىلىش كۈچىڭىز بارغانسېرى كۈچىيىپ بارىدۇ.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر