خەلقئاراھەرىكەت

سرىلانكا پىرەزدىنتى پارلامنېتقا ئ‍ستىپانامە سۇندى؛ نامايىش زەربىسدە سنگاپورغا قاچتى


 

 

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 15-ئېيۇل

 

سرىلانكىدا 20 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن راجاپاكسار جەمەتى -سرىلانكا خەلقىنىڭ ئايلارچە داۋام قىلغان قاتتىق نارازىلىق نامايىشى نەتىجىسدە رەسمى غۇلاپ تەختتىن چۈشتى.ئۆتكەن ھەپتە سرىلانكا خەلقى پىرەزدىنت سارىيى ۋە ئۆيلىرىگە قەدەر باستۇرۇپ كىرىپ، سرىلانكىدا چېرىكلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان  ئ‍شسزلىق، مال باھاسى يۇقىرى بولۇش، مۇھىم مەھسۇلاتلار كەم بولۇش قاتارلىقلارغا قارشى نامايشى قىلغان ئىدى.

ئارمىيە ۋە ساقچى دائىرىلار خەلقنى باستۇرمىدى.

نەتىجىدە سىرلانكا پىرەزدىنتى بىر نەچچە نەپەر قوغدىغۇچىسى بىلەن پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى.

پەيشەنبە كۈنى ئەلجەزىرە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا راجاپاكسار سىنگاپورغا قاچقان بولۇپ، سنگاپور دائىرلىرى ئۇنى بېخەتەر ھالدا ئورۇنلاشتۇرغان.

سريلانكا پارلامنتى -ئۇنىڭ ئ‍ستپاسنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئاساسى قانۇنغا ئاساسەن،يېڭى پىرەزىنت سايلاپ چىقىدۇ.

سريلانكا -جەنۇبى ئاسيادىكى ختتاينىڭ قورچاق دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ،ھىندستان بىلەن ختتاينىڭ تەسر دائىرسى تالىشىدىغان مۇھىم بازىسى.

ئىلگىرى بۇ دۆلەت ختتايدىن ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سودا پورتىنى ختتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە بۇ ھادىسە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر