ۋەتەن جەمئىيتى

قەشقەردە خىتاي ۋىرۇسدىن يۇقۇملانغۇچىلار تېز كۆپەيمەكتە

by 1493 - Nov 04, 2020 0 Comment

ئەلكىزەر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 4- نويابىر

 

24- ئۆكتەبىر قەشقەرۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ 2- كەنىتىدە 17 ياشلىق بىر قىزدا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغاندىن كېيىن، 2-نويابىردىن 3- نويابىرغىچە بولغان 20 سائەت ئېچىدە قەشقەردە يېڭىدىن 116 ئادەم خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل ئىچىدە 3 قېتىم  قامال قىلىنغان بولۇپ، پۇقرالارغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى يولغا قويۇلغان.

 

خىتاي دائىرلىرى ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يۇقۇم مەنبەسى ۋە ۋىرۇس يۇقۇمىغا دائىر ئۇچۇرلارنى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى سۈپىتدە سىر تۇتۇپ كەلمەكتە .

 

خەۋەر مەنبەسى: دوۋين «ئاقسۇ ياخشى جاي»
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەرشارى ۋاقىت» گېزىتى

كۆپ كۆرۈلگەنلەر