ئۇيغۇر سياسى ھەرىكەتلىرى

بېلگىيەدە شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى


 بېلگىيەدە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى» نامىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 2-ئاۋغۇست

بۈگۈن 30-ئىيۇل كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى»نى تېما قىلغان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يەرلىكلەرگە ئاڭلىتىش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى  ئۆتكۈزۈلدى.

ئاۋات شەھەر كوچىسى ۋاپپېردا شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرغا ئائىت رەسىم، ماتېرىياللار، تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە جانلىق ئىسپاتلار بىلەن ئاڭلىتىلدى. كۆرگەزمە جەريانىدا 500 پارچە يەرلىك تىلدا تەييارلانغان تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلدى.

بۇ ھەقتە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئەكبەر ئەپەندى شۇنداق دەيدۇ: « بۈگۈنكى پائالىيىتىمىز جەريانىدا بىر نەچچە خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى ئاكتىپ ئېنېرگىيە قاتارىدا قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

ستاتىستىكىمىز بويىچە، بىزنىڭ چۈشەندۈرىشىمىزنى ئاڭلىغانلار ئىچىدە 10ئادەمنىڭ 7 سى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاڭلىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى كىشىلەرنىڭ تۇلۇق خەۋىرى بارلىقى بىلىندى.

رەسىم كۆرگەزمىسىدە بىر جۈپ ياش: سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى ئۆتكەن يىلى ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق كۆرگەن، شۇنىڭدىن بېرى بىز «زارا» دىن ھەرگىزمۇ كىيىم سېتىۋالمايمىز. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى قول كىيىم دۇكانلىرىدىن كىيىم - كېچەك سېتىۋالىمىز. بۈگۈن بىز بۇ يەردە  سىلەر ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟ دەپ سورىدى.

يەنە بىر ئوتتۇرا ياش ئەپەندىم بولسا ، سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك  ۋە ياۋروپاغا تەھدىت دەپ قارالغان بىر كۈچكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر، ئۇلارغا قارىغاندا سىلەرنىڭ سانىڭلار بەكلا ئاز، ئەمما سىلەر ھەقىقەتەن باتۇر مىللەت ئىكەنسىلەر.. خىتاي ئىچىدىن ۋەيران بولىدۇ ۋە دۇنيا سىلەردىن جاسارەت ئالىدۇ! ھەرگىز توختاپ قالماڭلار! بىز ئائىلە بويىچە سىلەرنى قوللايمىز دەيدۇ.»  

ئەكبەر ئەپەندىم يەنە شەنبە كۈنىدە يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىشىدىن، ئائىلە خۇشاللىقىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان بارلىق ۋەتەنسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز دەپ، بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى بىر تىنچ نامايىش ،بىز شوئار توۋلىمىدۇق ئەمما «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى»نىڭ دېجىتاللاشتۇرۇلغان رەسىملىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى، يولدىن ئۆتكەنلەر توختاپ رەسىمدىكى كودنى سىكانلاپ ساقچى ھۆججىتىدىكى ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چۈچۈپ كېتىشتى ۋە بىزگە بىز سىلەر ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز دېگەن سوئال ئەڭ كۆپ سورالدى دەيدۇ.  

ئۇ يەنە كېيىنكى پىلانىدا بېلگىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە بۇ ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر