ئۇيغۇر مېدىيادا

CNNنىڭ سابىق خىتاي ساقچىسى توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ تەپسىلاتى

by Arman - Oct 05, 2021 0 Comment

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 5- ئۆكتەبىر

پايدىلانغان مەنبە: CNN خەۋەر تورى:
https://edition.cnn.com/2021/10/04/china/xinjiang-detective-torture-intl-hnk-dst/index.html


4- ئۆكتەبىر ئامېرىكا تاراتقۇسى CNN نىڭ خەۋىرىدە ھازىر ياۋروپادا پاناھلىنىۋاتقان خىتاي سابىق ساقچى ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاندا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دەھشەتلىك قېيىن قىستاقلار توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقلىرى بايان قىلىنغان. (ئەسكەرتىش: تۆۋەندە خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى بويىچە ۋەتىنىمىز نامى "شىنجاڭ" دېگەن نام بويىچە ئېلىندى.ت)

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە: 2015 يىلى خىتاي ساقچى قىسمىدا 15 يىل خىزمەت قىلغان جىياڭ فامىلىلىك بۇ كىشى «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ھۆججەت مەزمۇنىدا مۇنداق يېزىلغان: « خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەرگەن مۇھىم كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، مەركىزى ھۆكۈمەت بارلىق ئۆلكىلەردىن 150مىڭ ساقچى ياردەمچىسى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى. شۇنداقلا بارلىق ئۆلكىلەرنى شىنجاڭدىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا چاقىرىپ دۆلەتنىڭ " تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى" گە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.»

جىياڭنىڭ باشلىقى ئۇنى بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا: « بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋەتەننى پارچىلاشنى خالايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىشىمىز كېرەك» دەيدۇ. جىياڭنىڭ دېيىشىچە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە ۋەتەن بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن سىرت يەنە ئەمىلىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنىمۇ ئارزۇ قىلغان شۇنداقلا شۇ چاغدىكى شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىنكى مائاشىنىڭ ھازىرقى تەمىناتىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولۇشىمۇ ئۇنىڭ بۇ بۇيرۇقنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇق بويىچە ئىچكىرىدىن كەلگەن ھەر بىر ساقچىغا تۇتۇش ئادەم سانى توغرىسىدا ۋەزىپە چۈشۈرۈلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنلا پىلانلانغان بولۇپ ئاللىبۇرۇن سېستىمىلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان. ئەمەلىيەتتە ھەربىر ساقچىنىڭ نىشاننى ئېتىۋېتىش ھوقۇقى بار، ئەگەر سىز نىشاننىڭ بېشىغا تاپانچىنى تەڭلەپ تۇرۇپ ئۇنى مىدىرلىماسلىققا بۇيرۇغىنىڭىزدا ئۇ مىدىرلىسا ئېتىپ تاشلاش ھوقۇقىڭىز بار.» 

جىياڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە: ساقچى ئەترەتلىرى خالىغانچە كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئاختۇرۇلغان ئۆيلەردىكى كومپيۇتېر، يان تېلېفون قاتارلىق ئەسۋابلاردىن سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشۈرۈۋالىدىكەن، بۇلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاتالمىش "گۇمانلىق" كىشىلەر قولغا ئېلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كەنت- يېزىلاردا شۇ رايوندىكى مەھەللە كومىتېتلىرىنى ئىشقا سېلىپ يەرلىك ئاھالىلەرنى يىغىلىپ يىغىن ئېچىشقا بۇيرۇيدىكەن ھەمدە شۇ يىغىن جەريانىدا قولغا ئېلىشنى باشلايدىكەن. جىياڭ بۇ ۋاقىتلارنى "ئۇرۇش دەۋرى" دەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە يەرلىك ئەمەلدارلار شىنجاڭنى ئۇرۇش رايونى دەپ قارايدىكەن، شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇرلارنى دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دەپ كۆرسىتىدىكەن. ساقچىلارغا يىلىغا  جەمئىي 900 مىڭ ئۇيغۇر ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى تۇتۇش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئەگەر تۇتۇشنى رەت قىلسا ئۇلارمۇ قولغا ئېلىنىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: « بىز بىر كېچىدىلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتتۇق، ئەگەر بۇ يېزىدا نەچچە يۈز كىشى بولغان بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىش شەرت ئىدى.»

خىتاي ئېلىپ بارغان ئاتالمىش "تېررورلۇققا زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرىغا چىققان پەسىللىرىدە جىياڭ شىنجاڭدىكى ئوخشىمىغان رايونلارغا ئۈچ- تۆت قېتىم ئەۋەتىلگەن. ئۇ بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش جەريانىدا بارا- بارا باستۇرۇشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى توغرىسىدا ئويلىنىپ گاڭگىراپ قالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە ھەر قېتىمقى سوراق جەريانىدا ھەر بىر يېڭى مەھبۇس چوقۇم تاياق يەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەر، ئاياللار ھەتتا 14 ياشلىق ئۆسمۈرلەرمۇ بار بولۇپ، ھەممە ئادەم ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا ئۇرۇلۇپ قىينىلىدىكەن، ھەتتا بەزى كىشىلەر توك تاياق ياكى زەنجىرلەر بىلەن خورلىنىدىكەن. بەزىدە ساقچىلار "جىنايەت گۇماندارلىرى"نىڭ يۈزلىرىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرىدىكەن، ياكى ئۇلارنى ھالىدىن كەتكۈچە ئۇرۇپ ئاخىرى يەردە يىغلاپ ياتقۇزۇپ قويىدىكەن. ئۇ يەنە باشقا تۈردىكى قىيناش ئۇسۇللىرىنى دەپ ئۆتۈپ مۇنداق دېگەن: « كىشىلەر " يولۋاس ئورۇندۇقى" دەپ ئاتالغان تۆمۈر ئورۇندۇقلارغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ پۇت- قوللىرىغا كىشەنلەر سېلىنىدۇ، ياكى تورۇسلارغا ئېسىلىپ قويۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا جىنسى زوراۋانلىق، توك ئۆتكۈزۈپ جازالاش، سۇغا تۇنجۇقتۇرۇپ جازالاش دېگەندەكلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ...» ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش "جىنايىتى" تېررورلۇق بولۇپ، ئەمما ئۇ قولغا ئېلىشقا قاتناشقان نەچچە يۈزلىگەن مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ جىنايەت سادىر قىلمىغان ئاددىي كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. 

ئۇنىڭ دېيىشىچە ئاتالمىش " جىنايەتچىلەر" مۇشۇنداق قېيىن قىستاقلاردىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ "جىنايەتلىرى"نى ئىقرار قىلىدىكەن، ئاندىن ئۇلارنى تۈرمە ياكى جازالاش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىپ قامايدىكەن. جىياڭ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق سوراقلار جەريانىدا  ئامالسىز ھالدا "ئەسكى ساقچى" رولىنى ئېلىپ سوراققا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن زوراۋان يوللار ئارقىلىق كىشىلەرگە زۇلۇم قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « مەن  ئېغىر دەرىجىدىكى زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى تاللىمايمەن، ئەمما ساقچىلار ئىچىدە بەزى كىشىلەر بۇنى خىزمىتىم دەپ بىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا پسىخىكا جەھەتتىن بۇزۇلغان كىشىلەردۇر...»

جىياڭنىڭ دېيىشىچە ئۇ شىنجاڭغا بېرىشتىن ئىلگىرىلا خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى چىرىكلىكنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلىكنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: « مەن كۈنسېرى چىرىكلىشىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم، شۇڭا ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلدىم. كومپارتىيە دائىم ساختىلارچە "خەلق ئۈچۈن خىزمەت" قىلىشنى تەكىتلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىشنىلا ئويلايدۇ. مەن كومپارتىيە تەرەپتە ئەمەس خەلق تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىدىم.» ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەمدى خىتايغا كېتەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « ئېنىقكى ئەگەر قايتسام  قولغا ئېلىنىمەن، ئاندىن مېنى دۆلەت خائىنى، ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان، ئاغدۇرمىچىلىق قىلغان دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىدۇ. ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈپ يوقىتىدۇ. مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ بۇ ئىشلارنى ئاشكارىلىشىمنىڭ ئۆزى ماڭا تېررورچىلارغا ياردەملەشتى دېگەندەك تەسەۋۋۇرۇمدىكى بارلىق "جىنايەتلەرنى" ئارتىشىغا يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن.»

مۇخپىر ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزى سوراق قىلغان مەھبۇسلارغا ئۇچراپ قالغاندا قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز دەپ سورىغاندا ئۇ: «بەك قورقىمەن، دەرھال كېتىشىم مۇمكىن... مەن گۇناھكارمەن، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى ئەمدى خالىمايمەن، مەن ئۇلارنىڭ مېنى كەچۈرۈم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما شۇنىمۇ بىلىمەنكى بېشىدىن شۇ قەدەر زۇلۇملارنى ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىش بەكلا تەس...» دەپ جاۋاب بەرگەن. CNNنىڭ خەۋىرىدە يېزىلىشىچە ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان جىياڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، سوراق جەريانىدىكى قېيىن قىستاققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ سىمالىرى ئۇنىڭ كاللىسىدىن ھېچ كەتمىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « مەن ئۇ كىشىلەرگە قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمەن؟ گەرچە سىز پەقەتلا ئىجرا قىلغۇچى بىر "ئەسكەر" بولسىڭىزمۇ ئەمما يۈز بېرىپ بولغان شۇ ئىشلارغا يەنە مەسئۇلىيەتلىك بىلەن جاۋاب قىلىشىڭىز كېرەك...» ئۇ يەنە سوراق جەريانىدىكى قېيناشلارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: « بىز ئادەتتە كىشىلەرنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن دائىم توكلۇق قىيناش ئۇسۇلىنى يۈرگۈزىمىز، يەنە توك سىمىنىڭ بىر ئۇچىنى كىشىلەرنىڭ جىنسىي ئەزالىرىغا ئۇلاپ قويۇپ ئۇلارنى باغلاپ قويۇپ توك ئۆتكۈزىمىز...يەنە تېخى يېڭى كەلگەن ئەر مەھبۇسلارغا جىنسىي تاجاۋۇز قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ...»

CNN نىڭ خەۋىرىدە يۇقىرىدىكى سابىق ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بايانلىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن ھازىر نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكالى ئەپەندىلەرنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرىمۇ بايان قىلىنغان. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن  CNN تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يۇقىرىدىكى گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەۋەتىپ چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە خىتاي ئورگان تەرىپىدىن ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئارمان

كۆپ كۆرۈلگەنلەر