ئۇيغۇرشۇناسلىق

ئۇيغۇرلۇقىمىز ۋە ئىنسانلىقىمىز

by Arman - May 14, 2022 0 Comment

ئۇيغۇرلۇقىمىز ۋە ئىنسانلىقىمىز

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقى ئۇيغۇرلۇقىدۇر. ئۇيغۇرلۇق بىزنىڭ ئەجداتلاردىن قالغان خاس تارىخىمىزدا، ئانا تىلدا ئاپىرىدە بولغان ئەدەبىياتتا، دۇتار، تەمبۇردا ياڭرىغان مۇقامدا، «مىڭ ئۆيى»دە ۋايىغا يەتكەن رەسساملىقتا، سەھنىلەرگە جان كىرگۈزگەن ئۇسسۇلدا، شەھەرلىرىمىزنى زىننەتلىگەن بىناكارلىقتا، گۈزەللىكنى پورەكلەتكەن رەڭدار كىيىم كېچەكلەردە.

 ئۇيغۇرنىڭ بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ئومۇمىيلىقى بولسا باشقا ئىنسانلار بىلەن ئورتاق روھى ۋە جىسمانى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقى، ھەمدە مەلۇم دىنغا، مەلۇم ئىرقى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقىدۇر . بۇلار ئىنسان ئەۋلادىغا ئورتاق خۇسۇسسىيەت.

 بىز سۆزلىگەن تىل، كۈيلىگەن ئەجدات، سېغىنغان توپراق بىزنىڭ خاسلىقىمىز بولغان كىملىكىمىزنى، مىللەت تەۋەلىكىمىزنى بېكىتسە، مىجەزىمىزنىڭ، رەڭگىمىزنىڭ، ئىتقادىمزنىڭ قانداقلىقى بىزنىڭ ئومۇمىيلىقمىز بولغان ئىنسانلىقىمىزنى، كىشىلىكىمىزنى ئىپادە قىلىدۇ. 

ھەر بىر ئۇيغۇر بۈگۈن خاسلىقى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، ئومۇمىيلىقى بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ۋە ئىنسانىيەت ئالەمىنىڭ بىر ئەزاسى. تاراتقۇلاردا ۋە سىياسىيۇنلارنىڭ تىلىدا ئۇيغۇرلار «مۇسۇلمان ئازسانلىقلىرى، خىتاينىڭ غەرىبى شىمالىدىكى خىتاي مۇسۇلمانلىرى» دېيىلگەندە بىزنىڭ ئومۇمىيلىقىمىز تەكىتلىنىپ خاسلىقىمىز ئۇنتۇلغان بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك بىزنى خىتايلار ئىچىدىكى خىرىستىئان ۋە ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان ئازسانلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتكەنلىك يەنى دىنغا ئىشىنىدىغان، خىتايلاردىن ئىتىقادى بىلەنلا پەرق قىلىدىغان كىشىلەر دېگەنلىك بولىدۇ. 

ئەگەر بىز مەسلىمىزنى ياغلىق ئارتالماسلىق، نامازدىن چەكلىنىش، دىندىن مەھرۇم قېلىش دەپلا چۈشەندۈرسەك بىزمۇ ئىنسانغا خاس ئومۇمىيلىقىمىزنى تەكىتلەپ ئۇيغۇرلۇق  خاسلىقىمىزغا سەل قارىغان بولىمىز. بۇ كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى، ئىتىقات ھۆرلۈكىمىزنى تەكىتلەپ زېمىندارلىق ۋە مىللەتلىك ھوقۇقىمىزدىن ۋاز كەچكەنگە باراۋەر. 

 خىتاي دائىم بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى يەرلىك مىللەت، دۆلەت قۇرغان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئىنكار قىلىدۇ. خىتاي ھىچ قاچان بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى رەت قىلىپ باقمىدى. ئېنىقكى بىزنىڭ مەسلىمىز شەخسىي ئەركىنلىككە ياتىدىغان ئىتىقات مەسلىسى ئەمەس، زېمىنى بېسىۋېلىنغانلىق، سىياسىي ئىرادىسى بوغۇلغانلىق، مەدەنىيىتى خاراپ قىلىنغانلىق، سىياسى تەقدرىنى تاللاش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانلىق مەسىلىسى.    

بىز رېئاللىقىمىزدىكى مۇنقەرزلىك، ماكانسىزلىق ۋە ئامالسىزلىقنى، شۇنداقلا دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان بۈگۈنكى ۋە ئۆتمۈشتىكى ھادېسىلەرنى كۆزەتكەندە، تەھلىل قىلغاندە ۋە خۇلاسە چىقارغاندا خاسلىق ۋە ئومۇمىيلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى نوقتىنى تۇتقا قىلىشتىن خالى بولالمايمىز. بىزگە تارىخنى، زۇلۇمنى ۋە ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىۋاتقان باشچىلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. 

 خەلقىمىزنىڭ باشچىلار قاتلىمىغا مەنسۇپ كىشىلەر مەسىلىلەرنى بۇ ئىككى نوقتىنىڭ قايسىنى تۇتقا قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى تاللىسا خەلقىمىز شۇ تەرەپكە يېتەكلىنىپ ماڭىدۇ. 

  بۇ ماقالەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى، بېشىمىزغا كەلگەن پاجىئەنى، بىز تارتىۋاتقان خورلۇقنى ئومۇمىلىقىمىزنى تۇتقا قىلىپ كۆزىتىشنىڭ، تەھلىل قىلىشنىڭ ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ نۇقسانلىرى ھەققىدە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. بولۇپمۇ دائىم خاسلىقىمىز بولغان مىللىي كىملىكىمىزگە سەل قاراپ كىشىلىكىمىزگە مەنسۇپ بولغان ئومۇمىيلىقىمىزنى تەكىتلەشنىڭ، مەسىلىنى ئومۇيلىقتىن چىقىپ تەھىلىل قىلىشنىڭ خاسلىقىمىزنى ئىتىبارسىز قالدۇرىدىغانلىقى، دىققىتىمىزنى چاچىدىغانلىقى، مەسىلىمىزنى مۇرەككەپىلىككە باشلايدىغانلىقى، كىملىكىمىزنى مۇجىمەللىككە تاشلايدىغانلىقىدەك نۇقسانلىرى ھەققىدە توختالماقچىمەن.

 

1. زۇلۇمنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرگەندە تەكىتلەنگەن ئومۇمىيلىق

 

ھەر قانداق ئىنسان بىرەر ئاپەت، تالاپەت ياكى قاباھەتلىك كۈنلەرگە دۇچ كەلگەندە ئۆزىنىڭ كەچمىشىگە، ئۆتمۈشتە قىلغان ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە نۇقسانلارغا نەزەر سالىدۇ. بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە بولسا تارىخ ئەسكە كۆپرەك ئېلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان دەھشەتلىك تۈس ئالغان زۇلۇمنىڭ تارىخى ھەققىدە ئويلىنىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر تەبىئىي زۆرۈرىيەت. بۇ زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يەتكەن ئۇستازلار ھازىرقى خىتاي سېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ تارىخىنى ئومۇمىيلىقىمىز بولغان دىن نوقتىسىدىن ئىزاھلاپ كاپىرلارنىڭ تارىختا مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇملىرىغا باغلايدۇ. بولۇپمۇ كۆپىنچە ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە دەۋرىدە تارتقان ئازاپ ئوقۇبەتلىرى، چىڭگىزخاننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قىلغان قىرغىنچىلىقلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ زۇلۇم كۆرۈش تارىخىنى ھەمىشە كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇم تارىخىدىن مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرىدۇ.

ئەگەر بىز بېشىمىزدىكى زۇلۇمنىڭ تارىخىنى خاسلىقىمىز بولغان ئۆز تارىخىمىزدىن ئىزدىمەي، ئومۇمىلىقىمىز بولغان ئىسلام تارىخىدىن ئىزىدىسەك ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان تارىخچىلار سۆزلىگەن تارىخ بىلەن ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ قەلىمىدىكى تارىخ توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، چىڭگىزخان، قۇتەيبە مەسىلىسدە ئوت بىلەن سۇ تېپىشقاندەك  تېپىشىدۇ. بىز 8-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن قۇتەيبە قوشۇنى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى چىققان ئەجداتلىرىمىزنىڭ كۆرەشلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە زىددىيەتكە تولىمىز.  ئومۇمىيلىقىمىز بولغان مۇسۇلمانلىقتىن چىقساق ئۇنى فەتىھ قىلغۇچى قەھرىمان دەيمىزۇ، خاسلىقىمىزدىن، ئۆز تارىخىمىزدىن، ئۇيغۇرلۇقتىن چىقىپ ئېيتقاندا ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ، تارىخىمىز بىزگە ئۇنى تاجاۋۇزچى دەپ تەلىم بېرىدۇ. 

ئوتتۇرا شەرقتە ياشىغان مۇسۇلمان تارىخچىلىرى تارىخىمىزدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن چىڭگىزخان ھەققىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قانلىق، پاجىئەلىك، سەلبى بايانلارنى، تارىخىمىزدا تاجاۋۇزچىلىقتا ئەيىپلەنگەن قۇتەيبە ھەققىدە ئىجابىي بايانلارنى قالدۇرغان.

 چىڭگىزخاننىڭ ئوتتۇرا شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك يولىدىكى تەشەببۇسكار ئورنى مۇقىملاشقان، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى قۇرغان خانلىقلارنىڭ دۆلەت تىلى ۋە يېزىقى بولغان. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخى ۋەسىقىلىرىدە «چىڭگىزنامە» دېگەن ماۋزۇدا يېزىلغان نەچچە پارچە ئەسەر بار. ئىسلام تارىخى بويىچە قارىساق چىڭگىزخان دەۋرى ئەرەپ مۇسۇلمان تارىخىنىڭ مۇدىھىش دەۋرى بولىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر تارىخى بويىچە قارىساق، چىڭگىزخان دەۋرى تارىخىمىزنىڭ ئەڭ يارقىن، جىەلىپكار ۋە پارلاق دەۋرىدۇر.

چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلاتلىرى سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان، ئۇيغۇرلاردا ئىسلامنىڭ ئورتاق دىن بولۇشىغا تۈرۈتكە بولغان. شۇڭا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدا چىڭگىزخاننىڭ سەلبى ئوبراى ئۇچرىمايدۇ. تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت شېئىرىدا چىڭگىزخاننىڭ نامى زىكىر قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر ئۆلىما، تىلشۇناس، تارىخىچى ئابدۇلئەزىز داموللام ئۆزىگە چىڭگىزخان دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن ۋە شۇ نام بىلەن مەشھۇر بولغان. ئەگەر ئۇيغۇر بۈگۈن دۇچ كەلگەن  قىرغىننى ئىسلام تارىخى بويىچە چىڭگىزخاننىڭ قىرغىنىغا ئوخشاتقاندا ئۇيغۇرلارمۇ قىرغىنچى مىللەت بولۇپ چىقىدۇ.   

 

بىر مىللەتنىڭ تارىخى شۇ مىللەتنىڭ خاسلىقىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغاچقا مىللىي بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا قەھىرىمان ئاتالغان شەخس يەنە بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا قانخور جاللات سانىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، 1878-يىلى دۆلىتىمىزگە بېسىپ كىرگەن زو زۇڭتاڭ خىتاي تارىخىدا قەھرىمان، ئەمما ئۇيغۇر تارىخىدا جاللات. ئۇيغۇر تارىخىدا سۇلتان سەئىدىخاننىڭ تېبەتكە يۈرۈش قىلىشى تاجاۋۇز ئەمەس، ئەمما تېبەتلەر ئۈچۈن تاجاۋۇز.

 

زۇلۇمنىڭ تارىخىنى، خىتاينىڭ تاجاۋۇزىنى، بۈگۈنكى قىرغىنچىلىقنىڭ سەۋەبىنى ئۆز خاسلىقىمىز بولغان مىللىي تارىخىمىزدىن ئىزدىمەي ئومۇمى ئىسلام تارىخىدىن ئىزدىسەك يۇقارقىدەك زىددىيەتكە تولغاندىن باشقا زۇلۇمنىڭ ھەقىقىتىگە، ماھىيىتىگە يېتەلمەيمىز. مەسىلەن، بىزدىكى زۇلۇم ھەققىدە توختالغىنىمىزدا بىز گەپنى پەيغەمبىرىمىز ئىسلامنى تارقاتقان چاغلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ تارتقان ئازاپ ئوقۇبەتلىرىدىن باشلىساق بىز تارتىۋاتقان  زۇلۇمنىڭ خاراكتېرى توغرا يېشىلمەيدۇ. مۇستەملىكىگە ئۇچراشنىڭ تارىخى يۈزىنى تولۇق ئېچىپ بېرەلمەيمىز. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزگە ئەگەشكەنلەرگە كەلگەن زۇلۇم ئۆز مىللىتىدىن كەلگەن، ئۇ زۇلۇم ئەرەپلەردىكى ئىتىقات ئوخشىماسلىقىنى مەنبە قىلغان. ئۇ چاغدىكى زۇلۇم ئەرەپلەردىكى ئىچكى زىددىيەت بولۇپ، قەبىھلىكلەر، پالاكەتلەر ۋە تالاپەتلەر ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، يوقاتماقچى بولغان ئەرەپلەردىن كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدىكى ئەرەبلەر ئىچىدىكى زىددىيەت بىلەن بۈگۈنكى خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ خاراكتىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بىز يات مىللەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاسمىلاتسىيەنىڭ، تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي زۇلۇمىنى، شۇنداقلا تاجاۋۇزچى مەدەنىيەت ۋە كومۇنىستىك ئىددىيەنىڭ مەنىۋىي زۇلۇمىنى باشتىن كەچۈرىۋاتىمىز.  پەيغەمبىرىمىز دەۋىردە ئەرەپ تىلنى چەكلەش يوق، ئەرەپچە ئۆيلەرنى، ئادەتلەرنى ۋەيران قىلىش يوق، ئەرەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن مەجبۇرى تويلاشتۇرۇش يوق ئىدى.

 

2. خىتايدىن تارالغان ۋىرۇسنى چۈشەندۈرشتە تەكىتلەنگەن ئومۇمىيلىقىمىز

 

يېقىندا ئۇستازلارنىڭ خىتايدىن تارقالغان ۋىرۇس ھەققىدىكى تەبلىغلىرىنى ئاڭلاپ چىقتىم. ھەقىقەتەن يۈرەكنى لەرزىگە سالغىدەك ئېسىل سۆزلىنىپتۇ. ئەمما قارىسام يەنىلا ئىسلام تارىخىدا تارقالغان ۋابالاردىن ئىبرەتلىك مىساللار ئېلىنىپتۇ. نېمىشقا شۇنىڭغا قوشۇپ ئۆز تارىخمىزدىكى ۋابانىڭ ئىبرەتلىرى سۆزلەنمىدى؟ ئۇيغۇر تارىخىدا يۈز بەرگەن ۋابالار تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسەتمىگەنمۇ؟

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تارىخىدا ۋابا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. 839-يىلى ئۇيغۇر ئىمپرىيەسىنىڭ پايتەختىدە تارقالغان ۋابا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىقىلىشتىكى موھىم سەۋەپنىڭ بىرى بولغان.

ۋابا ۋە باشقا تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە قايتا كۈچلىنىپ بىر ئەمەس ئۈچ دۆلەت قۇرۇپ چىققان. ئۇيغۇر مىللىتنىڭ بۈگۈنكى زېمىنغا، بۈگۈنكى ئىرقى ئالاھىدىلىككە ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇشىدا شۇ ۋابادىن، كۆچمەنلىكتىن كېيىنكى قايتا يۈكسىلىش سەۋەپ بولغان. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخىدىكى ۋابانى سۆزلىگەن بولساق ئەجداتلارنىڭ روھىدىن، تەجرىبىسىدن ئۆرنەك ئالغان بولاتتۇق، ئۇ چاغدا مىللەتنىڭ بىرلىك، قېرىنداشلىق، يىلتىزداشلىق تۇيغۇلىرى تېخىمۇ يۈكسەلگەن بولاتتى. 

 تارىخنى قويۇپ تۈنۈگۈنگە نەزەر سالساق1970—يىللاردىن 2000-يىللارغىچە ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدا، خىتايلار ئىككىنچى نومۇرلۇق كېسەل دەپ گەپ ئويناتقان خولىرا، يۇقۇملۇق ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىلىپ ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا چىققان. 

ئەگەر ئۇستازلار بۇ ۋابا ھەققىدە توختالغاندا ھازىرقى كۈنلەرگىچە توختىمىغان، ۋەتەننى قاپلىغان كېسەللىك ئاپەتلىرىنى تىلغا ئالساق خىتاينىڭ بىزگە قىلىپ كەلگەن زۇلمىنى، پەيدا قىلغان ۋابالىرىنى تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلغان بولاتتۇق. بىر مىللەتكە قىلىنغان زۇلۇمنىڭ داۋالاشسىز قويۇش، سەھىيە بىلىملىرى، ئۇچۇرلىرى ۋە شارائىتلىرىدىن مەھرۇم قويۇشتىمۇ ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولاتتۇق. 

  

ۋابا ھەققىدىكى تەبلىغلەردە، خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە توختالغان سىنلىق سۆھبەتلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ، شۇ چاغدىكى ساھابىلارنىڭ ۋابا ھەققىدە ئېيتقانلىرى سۆزلەندى. بۇ ئىنتايىن زۆرۈر، ئەگەر شۇنىڭغا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كېسەللىك ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى، تارىختىكى ئۇيغۇر كاتتىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق تەدبىر قىلغانلىقىنى قوشۇپ سۆزلىگەن بولساقچۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۈنىمى «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇ كۆز» قويغاندەك بولۇشى مۇمكىن ئىدى. خەلقىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ دانا تەجرىبىلىرىدىن سۆيۈنگەن، ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، ئاتا بوۋىلىرىغا بولغان ئىپتىخارىنى كۈچلەندۈرگەن بولاتتى.

 

3. زۇلۇمنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەندە تەكىتلەنگەن ئومۇمىيلىق

 

ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ رېئال سەۋەپلىرى ھەققىدە توختالغاندا يورۇتىلىۋاتقان چۈشەنچىلەر مۇسۇلمانلىق ئومۇمىيلىقىمىزنى تۇتقا قىلغانلىقى ئۈچۈن بىزگە ئەمەس دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئەمما بىز كۆرۈۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تارتمايۋاتقان بولغاچقا سەۋەپلەرمۇ ئومۇمى مۇسۇلمانلار تارىخىدىن، قىيامەتلىك مۇسۇلمان-كاپىر زىددىيىتىدىنلا ئىزدەنمەي، خاس نوقتىلارغا تۇتاشقىنى ئەۋزەل ئىدى. سەۋەپ قانچە ئېنىق بولسا، خاسلاشتۇرۇلسا، سۈزۈكلەشتۈرۈلسە، كونكىرىتلىققا باغلانسا تەدبىرىمىزمۇ شۇنچە رۇشەن بولىدۇ.

ئەگەر بىز كۆرۈۋاتقان زۇلۇم ئومۇمىيلىقىمىز بولغان مۇسۇلمانلىقىمىز نوقتىسىدىنلا چۈشەندۈرۈلسە خەلقىمىزدە بۇ زۇلۇمنىڭ قىيامەتكىچە دەۋام قىلىدىغانلىقى، ئىمان ۋە كۇپۇر ئوتتۇرىسىدا ئەلمىساقتىن تارتىپ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئاللاھ قىيامەتتە ئايرىپ قويىدىغانلىقى، ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقى ھىچ قانداق ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە ئومۇملىشىدۇ. نەتىجىدە بىز خەلقىمىزنى تېخىمۇ شۈكۈرچانلىققا، پاسسىپلىققا، سۈكۈتكە ئۈندىگەن بولىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي زۇلۇمىنى ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تارتىۋاتقان زۇلۇمغا ئوخىشىتىپ تەبلىغ قىلساق خەلقىمىزنى ئاسانلا ئۇخلىتىمىز ۋە قايمۇقتۇرىمىز، چۈنكى دۇنيادا زۇلۇم ئەڭ ئېغىر داۋام قىلىۋاتقان رايۇنلار مۇسۇلمانلار جايلاشقان رايۇنلاردۇر، شۇنداقلا ئۇ زۇلۇملارنىڭ ھەل قىلىنىش ئىھتىماللىقىمۇ تۆۋەندۇر . ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى شۇكى بىر تەڭسىزلىككە يالغۇز دۇچ كەلگەندە غەزەپلەنگەن، تىپىرلىغان، چارە ئىزىدىگەن بىلەن بىر توپنىڭ ئچىدە، بىر ئۈممەت سۈپىتىدە دۇچ كەلسە تېزلا بوشاپ تەسەللى تېپىپ قالىدۇ.

مۇسۇلمانلىق نۇقتىسىدىنلا كۆزەتسەك زۇلۇمنىڭ جاجىسى كۈرەش، بۇنىڭ ئەرەپچىسى جىھات دېيىلىدۇ. ئەمما بىز كۈرەشنى ئەمەس، جىھاتنى  تەشەببۇس قىلغىنىمىزدا تىزگىننىڭ كىمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى بىلىشىمىز كېرەك. بىز جىھاتنى تەرغىب قىلغاندا بىزگە ۋە تەشەببۇسىمىزغا ئەگەشكەنلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇلار قىلماقچى بولغان جىھاتنى خىتايغا قارشى يېتەكلەش ئىمكانىمىز ۋە ئىقتىدارىزمىزنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش قىلالماسلىقىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئىشقا قانچىلىك قۇربىمىزنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىمىزنىڭ ئالدىدا باشلاپ مېڭىش ياكى ماڭالماسلىقىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك. بولمىسا خىتايغا دەپ تەشەببۇس قىلغان جىھات كىشىلەرنى نەدە جىھات بولسا شۇ يەرگە چاپىدىغان قىلىپ قويىدۇ. 

 ھازىر جىھات دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئاللىقاچان خەلقئارالىشىپ كەتكەن بولغاچقا بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىققان ھىچ بىر ئۇستاز ئۇنى «پەقەتلا خىتاينىڭ زۇلمىغا قارشى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا قىلىنغان كۆرەش» دېگەن مەنىگە خاسلاشتۇرۇپ بولالمىدى، ھەم بولالمايدۇ. چۈنكى بۇ دىن مىللىي دىن ئەمەس، ئۇيغۇرغىلا خاس بولغان دىنمۇ ئەمەس. ئىسلام بىر خەلقئارالىق دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلامدىكى ئۇقۇملارمۇ خەلقئارالىشىپ كەتكەن. ئىنسانىيەتكە چۈشكەن دىنىي ئۇقۇمنى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشىگە خاسلاشتۇرىمەن دېيىش، قۇرئاننىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن. بۇمۇ خۇددى خىتاينىڭ ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرىمەن دېگىنىدەك خاتا ئۇرۇنۇش.

 بىز ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇپ جىھاتنى خىتايغا قارشى ھەر خىل يوللاردا قىلىمىز دەپ ئولتۇرغان چاغدا سۈرىيە، لېۋىيە، ئىراق، ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەردىكى تېرورچى تەشكىلاتلارمۇ ئوخشاش جىھاتنى تەرغىپ قىلىۋاتقان بولىدۇ. بىزنىڭ مۇقىم ئىختىسادىي مەنبەسى يوق، خالىسلىق ۋە پىدايىلىق بىلەن قىلىۋاتقان تەبلىغلىرىمىز بىلەن خەلقئاردىكى كەسپىي تەرغىباتچىلارغا بويلىشالمايمىز. بۇ رىقابەتتە خەلقئارا جىھاتچىلارنىڭ ئۇتۇپ چىقىپ بىز قىلغان تەبلىغدىن قوزغالغان خەلقىمىزنى كەسپىي جىھاتچىلار  سېپىگە تارتىپ كېتىشى ئېنىق، ھەم شۇنداق بولدى. توقسانىنجى يىللاردىن كېيىنكى ۋەتەنگە مۇھاجىرەتتە تۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن جىھات دەۋىتى خەلقىمىزنى خەلقئارالىق جىھاتچىلار سېپىگە قوشۇۋەتتى. نەتىجىدە خىتاي بىزنى ھەم تېررورچىلىقتا ئەيىپلەشكە پاكىت تاپتى، ھەم ئۆزىگە قارشى چىقالايدىغان نەچچە ئون مىڭ پىداكار ئۇيغۇردىن قۇتۇلدى. نەچچە يىل بۇرۇن سۈرىيەگە سەپەر قىلغان نەچچە مىڭ ئادەمنى شۇ ياخشى نىيەتلىك ئۇرۇقتىن ئۆسكەن پاجىئەلىك مىۋە دېمەي ئامالىمىز يوق.

ئۇيغۇر كۆرۈۋاتقان زۇلۇم مىللى زۇلۇم بولغاچقا زۇلۇمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئىسمىمۇ، جىسمىمۇ، ئاتالغۇلىرىمۇ ئۇيغۇرچە بولۇشى كېرەك. بىز زۇلۇمغا قارشى قوللانغان تەدبىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئاتاپ، مەنانى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكى يەشكەن چېغىمىزدا، شۇ مەنانى چۈشەنگەن مىللەت ئۆز مەنپەئەتىمىز  ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.

 ئەگەر بىز زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا قوللانغان ئۇقۇملارنى داۋاملىق ئەرەپچە ئاتاپ ماڭساق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشىنىپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىغانلىقىدىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز بولمايدۇ. ئەسلى ئۇيغۇرچە بولمىغان ئۇقۇمنى ئۇيغۇرچە لوغەت مەڭگۈ تولۇق يېشىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا 23 يىلدىن بېرى بىر قىسىم باشچىلىرىمىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان جىھات ئۇيغۇرنى خىتايغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتقۇزالماي ئافغان تاغلىرى ۋە ئەرەب چۆللىرىدە خاراپ قىلدى، خەلقئارالىق جىھات ئۇيغۇرنى بۇرنىدىن يېتىلەپ، باشلاپ كېتىۋاتىدۇ.  

بىز ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئومۇمىيلىقىمىز بىلەن مۇسۇلمان، مىللىي خاسلىقىمىز بىلەن ئۇيغۇر. مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ شەخسىي كىشىلىكىمىز، مىللىي كىملىكىمىز ئەمەس. بىز بۇ زۇلۇمغا بىر دىنغا ئىشەنگەن ئىنسان بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەمەس، خىتايدىن ئايرىم زېمىنغا، پەرقلىق تىلغا، مۇستەقىل مەدەنىيەتكە، تارىخقا ۋە ئازاتلىق ئىرادىسىگە ئىگە بىر مىللەت بولغانلىقىمىز دۇچ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا بىز دەردىمىزنىڭ سەۋەبىنى، تارىخىنى، ۋەزىيەتنى خەلقىمىزگە چۈشەندۈرگەندە كىملىكىمىزنى چىقىش قىلىشىمىز، گەپنى، يېتەكلەشنى ئومۇمى نوقتىلاردىن باشلىغان تەقدىردىمۇ خۇلاسىدە مىللىي خاسلىقىمزغا قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك.

 بىز كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ سەۋەبىنى خەلقىمىزگە، خەلقئاراغا ۋە تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرگە چۈشەندۈرگەندە پەرقلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. ئەگەر خىتاي زۇلمىنى خەلقىمىزگە چۈشەندۈرگەندە ئىسلامدىن چىقىپ، بۇ كۇپۇرلۇقنىڭ مۇسۇلمانلىققا قارشى كۈرىشى، مىڭ تۆت يۈز يىلدىن بۇيان توختاپ باقمىغان قاباھەت دېسەك، خەلقىمىزگە زۇلۇمنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلارنىڭ قىيامەتلىك توقۇنۇشى دەپ چۈشەنچە بەرسەك خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا كاپىرلارغا قارشى تۇرۇش، كۇپرىدىن ئۆچ ئېلىش، كۇپرىدىن نەپرەتلىنىش دېگەن ئۇقۇملار سىڭىدۇ، نەتىجىدە خىتايغا قارشى غەزەپ ئۇستىلىق بىلەن كۇپۇر دۇنياسىغا قارشى نەپرەتكە بۇرۇلۇپ كېتىدۇ، دۈشىمىنىمىز كۆپىيىدۇ، غۇۋالىشىدۇ، يولىمىز ۋە ئىستىقبالىمىز مۇجىمەللىشىدۇ.

 زۇلۇمنىڭ سەۋەبىنى مۇسۇلمانلىقىمىزدىن ئىزدەپ، مۇسۇلمانلارغا ئورتاق ھەل قىلىش چارەسىگە، قوراللىق جىھاتقا خەلقىمىزنى يېتەكلىسەك  خەلقئارالىق جىھاتچىلار سېپىگە قوشۇپ بەرگەن بولىمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلىق ھەر خىل يول، چۈشەنچە ۋە جامائەتلەرگە ئايرىلغاچقا ئورتاق پىرىنسىپ بويىچە بىرلىككە كېلىش تەس. بۇنداق رەڭگارەك چۈشەنچىلەر بىر نىشانغا قاراپ سەپ تۈزىشى كېرەك بولغان كىشىلىرىمىزنى جامائەتلەرگە ئايرىپ تاشلايدۇ. ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇرنىڭ  2014-يىلدىن كېيىن چوڭ جامائەتچى، كىچىك جامائەتچى ۋە ئىسلام دۆلەتچى دېگەن جامائەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىبرەت، ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك.

 دېمەك، مەسىلىمىزنى ئۇيغۇرنىڭ سىياسى تەقدرى مەسىلىسى، ئۇيغۇرلۇقىمىز ۋە زىمىندارلىقىمىزنىڭ رەت قىلىنىش، يەر شارىدىن ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇش مەسىلىسى دەپ ئوچۇقلىماي، ئەكسىنچە زۇلۇمنىڭ تارىخىنى، بۈگۈنكى قەتلىئامنى ۋە ئازابىمىزنى ھەمىشە مۇسۇلمانلىق ئومۇمىيلىقىمىزدىن چىقىپ تەھىلىل قىلساق خاتالىشىمىز ۋە خاتالاشتۇرىمىز. مەقسىدىمىزنىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇرلۇقنى قوغداش بولۇشتىن، مۇسۇلمانلىق، ئىنسانلىق ئومۇمىيلىقىمىزنى تەكىتلەشكە ئۆتۈپ كېتىشى بىزنى خەلقئارالىق، ئىككى دۇنيالىق، تۈگىمەس  زىددىيەتلەرنىڭ قوينىغا چاقىرىدۇ. بۇنىڭ دىققىتىمىزنى چاچىدىغانلىقى، دۈشمىنىمىزنى كۆپەيتىدىغانلىقى، مەسىلىمىزنى مۇرەككەپىلىككە باشلايدىغانلىقى ئېنىق. بولۇپمۇ ئۇنىڭ نىشانىمىزنى غۇۋالاشتۇرۇپ كىملىكىمىزنى مۇجىمەللىككە تاشلايدىغانلىقى، ئىستىقبالىمىزنى مىللەتلىك ھوقۇق، زېمىندارلىق ھوقۇق، سىياسىي تەقدىر يۈكسەكلىكىدىن ئىنسانى ھوقۇق، ئىتىقات ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى بالدىقىغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك.

 

ئىزاھات: ئوخشاش ئاي يۇلتۇزلۇق بۆك، ئەگەر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كىيىلسە بۆلگۈنچىلىك ئىشارىتى ھېساپلىنىپ تۈرمەگە ئېلىنىدۇ، تۇڭگاننىڭ بېشىغا كىيىلسە مۇسۇلمانلىق بەلگىسى ھېساپلىنىپ ھىچ نېمە بولمايدۇ، تېلېۋىزورغا چىقىرىلىدۇ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تەشۋىق قىلىنىدۇ. سەۋەبى بۇ كۆك بايراق ۋە ئاق ئاي يۇلتۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، ئەمما بىر مۇسۇلمان تۇڭگان ئۈچۈن پەقەتلا ئىسلامنىڭ بىشارىتى. خىتاينىڭ باستۇرىۋاتقىنى ئاي يۇلتۇزنى سۆيگەن مۇسۇلمان ئەمەس، بەلكى شۇنى مېنىڭ ئۇيغۇر بايرىقىم، تارىخىم، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يادىگارى دەپ كۆتۈرگەن ئىنسان. خىتاينىڭ باستۇرىۋاتقىنى ئاي يۇلتۇزنى بەلگە قىلغان مۇسۇلمانلار ئەمەس، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنى لايىھەلەپ ئىككى قېتىم زامانىۋىي دۆلەت قۇرغان تارىخى بار بىر مىللەت.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر