تارىخ ۋە ئەسلىمە

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

by Arman - May 11, 2022 0 Comment

  سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى



ئەبۇ پۈتۈھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۈسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ << قەشقەر تارىخى >> دىمۇ ئېنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان 1028 – يىلى ئەلجەۋھىرىنىڭ << ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت >> ناملىق ئەرەبچە سۆزلۈكنى پارىسچە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئىلىپ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن. مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەلىرىگە قارىغاندا سۇتۇق كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارىسلانخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 – يىللىرى ياكى 910 – يىللىرى تۇغۇلغان ، ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ، تەختكە ئۇنىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئۇغۇلچاققا نىكاھلانغان . بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قېچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايماننى 932 – يىلى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سېلىشقا ئىجازەت بەرگەن ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى. شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كېلىپ سۇدا قىلغان شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ 12 ياشقا توشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئىلىپ كەلگەن ماللارنى كۆزدىن كەچۈرۈش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۇقۇش ئەھۋالىنى كۆرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىدىن سوئال سورىغان ، << سامانىي دەرھال ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 نامى يۈكسەك پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن . ئۇ يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئىلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلىگەن >> . ئۇغۇلچاقنىڭ جىيەنى سۇتۇق ، ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ سۆزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئۇزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغان، سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە – يېگانە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشقا باشلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىسلاملاشقاندىن كىيىن ئىسلام دىنى ئىككى يۈز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئانا دىيار رايونىمىزغا كىرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋەرئۇننەھىرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چېگراسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە سۇدا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۈركلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا سەۋەبچى بولغان، بۇ ئەھۋاللار قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.

يىگىرمە بەش يېشىدا

سۇتۇقنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى سىزىپ قالغان ئۇغۇلچاق ئۇنىڭغا قەتئىي يۇل قويماسلىقنى بىلدۈرگەن سۇتۇق ئۇغۇلچاقنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارتا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ئۇزى بىلەن مۇسۇلمان بۇلغان 50 نۆكەرنى باشلاپ چىقىپ ، ئوردا – قەلئەنى ئىگىلەش ۋە ئۇغۇلچاقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش پىلانىنى تۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىيلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۆز يېنىغا توپلىغان ۋە پەرغانەلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قۇلغا كەلتۈرۈپ ، ئومۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيتكەن . ئۇلار ئالدى بىلەن ئات بېشى تايانچ پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، 3000 دەك قوشۇن بىلەن جىددىي تەييارلىق قىلغان. ئۇ شەرت -شارائىت تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەندىن كىيىن ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشىغا تايىنىپ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ، قىدىرخان ئۇغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، قارشىلىق قىلغان تاغىسى ئۇغۇلچاقنى قۇلغا ئىلىپ تەختىنى تارتىۋالغان.

ئۇغۇلچاقنىڭ شاھزادە تىكىنلىرى ۋە ئوردا مەنسەپدارلىرىنى قۇلغا ئىلىپ بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي سۇتۇقنىڭ قۇلىغا ئۇتتى. قەشقەر نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا قەدەر مۇسۇلمان بۇلغان قەشقەر خەلقى ھەر تەرەپتىن سۇتۇقنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكتىن تەنتەنە قىلىپ پۈتۈن قەشقەر خەلقى سۇتۇق تېكىننىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغان. مىلادىيە 1027 – يىلى قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خانى دەپ ئېلان قىلىپ قەھرىمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بۇغرا خانلىق ئۇنۋانىنى قوللاندى. ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ ئېلان قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانىدانلىقى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تارقاتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ.

ھاياتىنىڭ ئاخىرى

مىلادى 840- يىلى ، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا ئۇلۇسلار بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشى ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر خانىدانلىقىنىڭ بىرلىكى شىكەست يېدى .15ياشلىق شاھزادە پانتېكىن ۋە ۋەزىر سارچىق باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى قېرىنداش تۇغقانلىرى بولغان قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا (ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربى ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ) كۆچۈپ كەلدى . (قارلۇقلار ئەسلىدە مىلادى 766- يىللىرى يەتتە سۇ بىلەن سىر دەرياسىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى تۈركەشلەر ئىگىلىۋالغان زېمىننى قايتۇرۇپ ئېلىپ ، سۈيئاپ (بۈگۈنكى توقماق ) شەھىرىنى پايتەخت قىلىشقان ئىدى . ) قارلۇقلار ئورۇنلاشقان جايلارنىڭ ئىچىگە تالاس شەھىرى ۋە تالاس ۋادىللىرىمۇ كىرەتتى. كۆچكەندىن كېيىن توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارلۇق ئۇيغۇرلىرى يېڭىۋاشتىن ئارىلىشىپ كەتتى. بۇلار مىلادى 870- يىللىرى قۇرۇلغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىگە ئايلاندى .Ⅸئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭ خانلىق شەكىللەندى ، بۇ خانلىق ” ئۇلۇغ ” ، ” كەڭ ” ۋە ” كۈت پېتىش تەرەپ ” دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «قارا »سۆزىنى ئۆز خانلىقىنىڭ نامى قىلىپ قاراخانىيلار دەپ ئاتالدى . قاراخانىيلار زېمىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنەتتى . بىرىنچى قىسمى : قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان مەركىزى قىسىم بولۇپ ، «خاقانىيە ئۆلكىسى » دەپ ئاتىلاتتى . ئىككىنچى قىسمى : سەمەرقەنت ۋە تالاسنى مەركەز قىلغان غەربىي قىسىم، ئۈچىنچى قىسمى : خوتەننى مەركەز قىلغان شەرقى جەنۇبى قىسىم ئىدى .

ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەل ئاشۇ بايانىمىزدىكى ئۇلۇغ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىدى .

جامال قارشى يازغان «سۇرراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما » دېگەن كىتابىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بوۋىسى كۆل بىلىگ قىدىرخان «قۇز ئۇردۇ» ( بالاساغۇندا ) مەركىزى ھۆكۈمەتنى باشقۇرغان ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى تۈركى قەبىلىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ زامانىسىدا تۈركى قوۋملاردىن شاش «تاشكەنت» رايونى ئىسلامنى بۇرۇنراق قوبۇل قىلغان. ئۇ مىلادىيە 819 – يىللىرىدىن بۇيان ماۋەرائۇننەھردە بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئۆز ھاكىمىيەتنى كېڭەيتىپ سامانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بۇلغان شۇنى ئېيتىپ ئۇتۇش كېرەككى كۆل بىلىگ قىدىرخاننىڭ ھۆكۈم سۈرگەن زامانى ، پائالىيىتى ھەققىدە بىز ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس قامال قارشىنىڭ پىكرىچە كۆل بىلىگ قىدىرخاندىن كىيىن ھاكىمىيەتنى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى قۇلغا ئالغان كۆل بىلىگ قىدىرخاننىڭ بارىز ( ئارسلانخان ) ئۇغۇلچاق ( قىدىرخان ياكى بۇغراخان ) دېگەن ئىككى ئوغلى بولۇپ بۇ توغرىلىق پىرىستاك قاتارلىق بەزى ئالىملار بازىر ( ئارسلانخان ) نىڭ بالاساغۇندا ئۇلۇغ خاقان سۈپىتى بىلەن، ئۇغۇلچاق قادىرخان بۇغراخان نامى بىلەن تىراژ ۋە كىيىن قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن . مىلادىيە 893 – يىللىرى ئۇغۇلچاق بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئۇتتۇرىدا كۆپ قېتىم سوقۇشلار بولۇپ ئۆتكەنىدى . مىلادىيە 893 – يىلى ئىسمائىل شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى تىرازنى ئىشغال قىلىپ ، خوتۇن بالىلىرى بىلەن 15 مىڭ ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ئارسلانخان مەركەزنى قەشقەرگە يۆتكەش بىلەن سامانىيلار خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن سامانىيلار ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان ئۇغۇلچاق ، سامانىيلاردىن بىرىنى ئۇز پاناھىغا ئىلىشقا ھەرىكەتمۇ قىلغان ئىدى .

سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانىدانلىقنىڭ خاقانى بولغاندىن باشلاپ ، قاراخانىيلار خانىدانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۈللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان . بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلغان . سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا ، خەلقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، بالاساغۇن ، بارسغان ( ئىسسىقكۆل ئەتراپى ) قاتارلىق جايلاردا ، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تىز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ ، بۇ رايونلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنىغا ئومۇملاشتى . بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار خانىدانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ، تالاس شەھىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى ، 10 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇس بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئىككى يۈزمىڭغا يېقىن تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ئىسلام دىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتى. بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۇزىنىڭ پايتەختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى. قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ماۋەئۇننەھر ، خۇراسان ، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پېشۋالىرى ، دىن ئالىملىرى كەلدى . << مانا بۇ ئىسلام پېشۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قۇيدى >> . ( پىرىتساكنىڭ < قاراخانىيلار > كىتابىدىن ئىلىندى )

سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئۇنىڭ نامىغا قويدۇرۇلغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دېگەن خەت قۇيۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لىنىنىگىراتتىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا . سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بۇي سۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى زىر غازاتقا تەييارلاندى. سۇتۇق بۇغراخان ئۇزى ئىسلام قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ، خوتەنگە يۈرۈش قىلدى. سۇتۇق بۇغراخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە خوتەن بۇددىسى ئۇيغۇرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كۇچالارغا يۈرۈش قىلدى ۋە قەدىمدىن بىرى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بۇلغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ. ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلغان بولسىمۇ، ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بولماي بۇرۇنقى بۇددا دىنىغا ئېتىقادىدا بولدى . سۇتۇق بۇغراخان خوتەن ، كۇچالارنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بويسۇندۇرۇش تاكتىكىسىدا ئاۋۋال مىلادىنىڭ 950 – يىللىرى شىمالى تەرەپتىن ئىلىغا ، جەنۇبىي تەرەپتىن قارا شەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۇنىلىشى بۇيچە قۇشۇن تەشكىللەپ ماڭدى . بۇ غازاتقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇ فەتتاھنى قوماندان قىلدى . مىلادىيە 950 – يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قوماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قوشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق ، داقا دۇمباق ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ ، ھەيۋەتلىك قوشۇن بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلدى. قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ قوماندانلىقىدىكى قوشۇنى كۇچار ، كورلا ، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ ، توقسۇن يۇىلى بىلەن تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خوجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قوشۇن يۆتكەپ تەڭرىتاغ ئېغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى ، بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان قارا خاننىڭ چۇڭ ئوغلى مۇسا تېكىن ( بايتاش ) نىڭ قوماندانلىقىدا قارا شەھەرگە ۋاقتىنچە چېكىنىپ بۇ جايدا قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زور چىقىمغا ئۇچۇردى . سۇتۇق بۇغراخان بۇددىسى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇلغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ زور قوماندانلىق بىلەن خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا «ئالىپ تېكىن» ( قەھرىمان شاھزادە ) دېگەن ئۇنۋاننى بەردى . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بۇددا دىنىدا قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خانىدانلىقىغا بۇي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . سۇتۇق بۇغراخان ئۇز دۆلىتىنىڭ شەرقى چېگراسى قىلىپ كۇچانى بېكىتتى مىلادىيە 954 – يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تېكىنگە يەتكۈزۈلدى مۇسا تېكىن دەرھال قەشقەرگە قايتتى . ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ، دىنىي ئالىم ، سىياسىيون ، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خاقانى بولۇپ ، مىلادىيە 955 – يىلى ئالەمدىن ئۇتتى . ئۇنىڭ جەسىتىنى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يېنىغا قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ئائىلە مازىرى بۇلغان «گۈمبەز تۇل خاقانىيە» ناملىق ھۆكۈمدارلار گۈمبىزىگە دەپنە قىلىنغان .

سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى ، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان . شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ئۇ ھەققىدىكى قوشاقلار ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلمەكتە :
ئاتۇش دېگەن ئوبدان يۇرت ،
دۈشەنبە بازىرى بار .
غېرىپلارنى قوللايدۇ،
ھەزرىتى سۇلتان مازىرى بار…

ھەزرىتى سۇلتانغا تۇغ -ئەلەم ،
قولىدا قىلىچ -قەلەم .
يىغلىماڭلار ياش باللا ،
ئۆتۈپ كېتىدۇ ئالەم .

سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى قىستۇرما :
سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن چۇڭ ئوغلى مۇسا ئىبىن ئابدۇكەرىم بۇغراخان ( تۈركچە ئىسمى بايتاش ) ئارسلان بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار تەختىدە ئولتۇردى ئۇ يەنىلا قەشقەرنى قاراخانىيلار پايتەختى قىلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان بالاساغۇندا تۇردى . مۇسا ئارسلان بۇغراخان ئۆتكۈر سىياسەتچىلەردىن بولۇپ ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئالىم ئىدى. ئۇ قاراخانىيلارنىڭ تەختىگە چىققاندىن كىيىن بىر قەدەر مۇكەممەل بۇلغان دۆلەت مەمۇرىي تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق ، كۆپ شەكىللىك ئىجتىمائىي تۇزۇمنى بېكىتتى . شەرق قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھوقۇق بەردى. قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە مەمۇرىي تۇزۇمنى ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇش ئۈچۈن بىر قاتار قانۇن تۇزۇم، نىزامنامىلەر تۇرغۇزۇلغان. مۇشۇ تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇپ، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ بالاساغۇن ۋە قەشقەردىكى مەركىزى ھۆكۈمەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەم دىنىي مۇئەسسەسىلىرىنى قۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن. خوتەندىكى بۇددىسلارغا جىھاد قىلىپ خوتەننى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن. ئۇ ئالىپ تېكىن باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قوشۇننى تەشكىللەپ ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرۈش قىلىپ ئالدى بىلەن قارا شەھەرنى ئىشغال قىلغان. ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق قاتارلىق رايونلارغا يۈرۈش قىلدى . قاراخانىيلار قوشۇنى ئىلىنى ئىشغال قىلىپ، بۇ جايدىكى ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى مىڭلاقتىن سۇرۇپ چىقىرىپ. ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۈركلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى . قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئۇتتۇرىدا شىددەتلىك جەڭ بولدى ئالىپ تېكىن قاتتىق جەڭلەردىن كىيىن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ، قۇچۇنى ئىشغال قىلدى . قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماي ئۇزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قىلىپ، ئىچكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا تەۋە بولدى .
ئۇيغۇر تارىخى مەنبەلەردە قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بەشبالىقتا ئىلىپ بارغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇ فەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ شېھىت بولىدۇ. ئالىپ تېكىننىڭ مازىرى جەنۇبىي تاغ ئېتىكىدە بولۇپ، ھازىرمۇ خەلقلەر بۇ مازارنى «ئەل فەتتاھ غوجام » مازىرى دەپ ئاتايدۇ .

تەھرىرلىگۈچى:بەشتاش

مەنبەسى: بەشتاش تورى

كۆپ كۆرۈلگەنلەر