تارىخ ۋە ئەسلىمە

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئىسپات-«ئىمزەك ئاپتونومىيە»

by Arman - Sep 29, 2022 0 Comment

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئىسپات-«ئىمزەك ئاپتونومىيە»

سۇلتان تەرجىمە ۋە مۇلاھىزىسى  


گەرچە مىللەت، دىن دەۋاسى قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئاز بولمىسىمۇ، بىراق دەۋا قىلىۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم خىتاينىڭ ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن ئاتالمىش « ئاز سانلىق مىللەتلەر»نى ئاۋۋال «شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەكلەر» بىلەن ئالداپ، ئاندىن ئەرزىمەس مەنپەئەت بىلەن گوللاپ، گىزى كەلگەندە شۇ «شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەكلەر»نىڭ پىلتىسى بىلەن ئوتىنى ئۆزلىرى سىستېمىلىق پىلانلاپ مەيدانغا كەلتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولمىش ماڭقۇرتلىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، بىگۇناھ ئاممىغا قارىتىپ ئوت ئاچقۇزۇپ، ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇشتەك تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ، كونىراپ كەتكەن ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئېنىق بىلسىمۇ، خىتاينىڭ شۇ داپيۈزىنى يەنە قايرىپ قويۇپ، خىتاي ھاكىممۇتلەقلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن ھېيىقماي، ئۆز ئازادلىقىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بەش كۈن ئۆتە-ئۆتمەستىن ۋەدىسىدىن تانغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن بىر پارچە ھۆججىتىنى پۈتۈن ئالەمگە ئاشكارىلىيالىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. 

خىتايدىكى «ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، دۆلىتىمىز جۇڭگو» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان، ئادەتلىنىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئازسانلىق مىللەتتىن (ئەمەلىيەتتە مىليوندىن ئاشقان نوپۇس ھەرگىزمۇ ئاز سانلىق بولمايدۇ) بولغان «جۇڭگولۇق»  ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى" مەسىلىسى ھەققىدە 2-دالا ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ كومىتېتىغا بېرىلگەن كۆرسەتمە» ناملىق بىر پارچە ھۆججىتىنى ئوقۇغىنىدا، ئالدامچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تالاي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئالدىغانلىق ئەپتى بەشىرىسى خەلق ئالەمگە ئاشكارىلىنىپ، يەنە بىر شەرمەندە يۈزى كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ. ھۆججەت تولۇق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 

 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» مەسىلىسى ھەققىدە 2-دالا ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ كومىتېتىغا بەرگەن كۆرسەتمىسى

1949-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى

2-دالا ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ كومىتېتى، شۇنداقلا ھەرقايسى مەركىزىي ئىدارە، تارماق ئىدارە ۋە ھەرقايسى ئالدىنقى سەپ كومىتېتلىرىغا: 

9-ئاي 20-كۈنىدىكى تېلېگرامما. سىلەرنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت كۆرسەتمە دەسلەپكى لايىھە»گە ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلىمىز، ۋە شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش" مەسىلىسى بولسا ئەمدى قايتا تەكىتلەنمەسلىكى كېرەك، ئىلگىرىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە پارتىيەمىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا (ئۇ ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېنىقكى خەن شوۋىنىزمى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ) قارشى تۇرۇشتا بۇ شوئارنى تەكىتلىگەن ئىدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن توغرا. ئەمما ھازىر ئەھۋال تۈپتىن ئۆزگىرىپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقى ئاللىقاچان يەر يۇتۇپ، پارتىيەمىز رەھبەرلىكىدىكى يېڭى جۇڭگو ئاللىقاچان مەيدانغا كەلگەنلىكتىن، دۆلىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش زور ئىشىنى تاماملاش،  ئىمپىرىيالىزم ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جۇڭگو مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۆلگۈنچىلىك قىلىش سۇيىقەستىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىدە بۇ شوئارنى قايتا تەكىتلىمەسلىك زۆرۈردۇر. بۇ ئىمپىرىيالىزم ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىشىمىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. ھازىر تەكىتلەشكە تېگىشلىكى، جۇڭخۇا ھەر مىللىتىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ۋە ھەمدەملىك ئىتتىپاقلىقى، بۇ نۇقتىغا بەكرەك دىققەت قىلغايسىلەر. 

مەركىزىي كومىتېت 
10-ئاينىڭ 5-كۈنى 




دېمەك، يۇقىرىقى ھۆججەت مەزمۇنىدىن شۇ ئېنىقكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز مەقسىتىگە يېتىش يولىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ھەرقانداق كۈچنى ئالدامچىلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەدىسىدىن ھېلىغۇ يىل، ئاي، ھەپتە ئىكەن، نەچچە كۈن ئۆتمەستىنلا  يۈزسىزلىك بىلەن يانالايدىغانلىقى ئىزى ئۆچمەس پاكىتتۇر. «ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت كۆرسەتمە دەسلەپكى لايىھىسى»نىڭ مەزمۇنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «جۇڭخۇا ھەر مىللىتىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ۋە ھەمدەملىك ئىتتىپاقلىقى»نىڭ نەتىجىسى قانچىلىك گۈزەل بولۇشىدىن كۆرە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەربىر ئازاد مىللەتكە بەش قولدەك ئايان، ئېزىلىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىندىكى مىللەتلەر ئۈچۈن بولسا ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ. 

خىتاينىڭ گومىنداڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئىبارەت قۇرۇق گۈزەل كەلگۈسى بىلەن ئالداپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئالدىنقى سەپ جەڭگاھلاردا دەريا كەبى قانلارنى ئاقتۇرغۇزۇپ، گومىنداڭدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپلا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدىن ناھايىتى تېزلا يېنىۋېلىشىدەك نومۇسسىزلىقى كەچۈرگۈسىز تارىخىي رېئاللىقتۇر. 

ئېزىلىۋاتقان، مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى، تىلى يوقىتىلغان ئاشۇ مىللەتلەر ئۈچۈن قاباھەتتۇر. ئەڭ ئېچىنىشلىقى، داۋاملىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن بېسىلىش، يوقۇتۇلۇش گىردابىدا ياشاش چەكسىز ئازابتۇر. بۇنداق ساختىلىققا تولغان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تارىخى، گەرچە بىر مىللەت بولسىمۇ تەيۋەننى قايتۇرۇپ كىلەلمەيدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئاساسى بولۇشى قىل سىغماس ھەقىقەتتۇر. ھەتتا بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىمۇ ئەمەلىيەتتە ساختا ئاپتونومىيەنىڭ يۈكسەك دەرىجىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننى قايتۇرۇپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇر دىيارى، تىبەت، جۇاڭزۇ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردا يۈرگۈزگەن نامدىكى ئاپتونومىيە، ئەمەلىيەتتە بولسا چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتىدىن ئىبارەت چېكىگە يەتكەن نۇمۇسسىزلىقىنىڭ تەمىنى تېتىپ كەلگەن. 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر