ئالىم،تەتقىقاتچى

قارى قۇرئان شەمسىددىن قاراجىمنىڭ ھاياتى ھەققىدە

by Admin - Jul 17, 2021 0 Comment

قارى قۇرئان شەمسىددىن قاراجىم

(1928-1988)

ئابدۇلجېلىل تۇران

 

مەرھۇم ئۇستاز شەمسىددىن قاراجىم تەخمىنەن 1928 ـ يىللىرى بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەندىجان ۋىلايىتىدە ئەھلى دىيانەت ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1930 ـ يىللىرى ئاكىسى مەشھۇر شائىر بىلال ئەزىرى بىلەن ئانىسى سائادەتخان ئايىم (تەخەللۇسى بىۋاپا ئايىم بولۇپ، ئۇقۇمۇشلۇق شائىرە ئايال ئىدى) نىڭ ھەمرالىقىدا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ كۇچارلىق مەشھۇر تارىخچى موللا مۇسا سايرامى ھەزرەتلىرى ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى تارىخى ھەمىدىدە: «خوتەن ناھايىتى كونا ۋە قەدىمىي شەھەردۇر، ئادەملىرىنىڭ خۇلقى ـ مىجەزىگە قارىغاندا، بىر سۆزلۇك، بىر قوللۇق، بىر نىيەتلىك ۋە ئىتتىپاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ... تەقۋا پەۋھىزكارلىرى تۇلا... تەبىئەت ئىدرىكى پاكىز، زېھنى يۈگرۈك ... مېۋە ـ يېمىشلىرى بولسا ناھايىتى كۆپ ۋە مول،  يايلاق ـ باياۋانلىرى بىپايان، چارۋا ماللىرىمۇ ناھايىتى كۆپ» دەپ ئالاھىدە ماختىغا خوتەنگە كېلىپ، خوتەن شەھەر ئىچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.

ئاكىسى مەشھۇر شائىر بىلال ئەزىزى 1945 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ئاقسۇ تۈرمىسىدە گومىنداڭنىڭ جادۇسىدا خۇددى بىدە توغرىغاندەك توغرالغان.

مەرھۇم شۇيىللاردا ئەندىجاندىن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ، قارىلىقتا داڭق چىقىرىپ، خوتەندە مىڭلىغان قارى يېتىشتۈرگەن،  خوتەندە ئۆتكەن داڭلىق مەرھۇم ئابدۇنەبى قاراجىمنىڭ يېنىدا ئوقۇپ، قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادىلاپ، ئابدۇ نەبى قاراجىمنىڭ بىرىنچى قول تالىپىغا ئايلانغان، ئابدۇ نەبى قاراجىمنىڭ مەدرىسىسىدە خەلپەتلىك(يەنى ياردەمچى ئۇستازلىق) قىلىپ قارى تەربىيىلەشكە باشلايدۇ. قولىدا نۇرغۇنلىغان قارىلار يېتىشىپ چىقىدۇ. كېيىن خوتەننىڭ 10 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان سەيشەنبە بازار يېزىسىدا مەخسۇس ئۇستاز بولۇپ، قارى تەربىيىلەيدۇ. 

قايسى بىر يىلى قاغىلىققا بېرىپ ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمدا دەرس ئوقۇيدۇ.

1958 ـ يىلى پۈتۈن مەدرىسىلەر پىچەتلەنگەندىن كېيىن، شەمسىددىن قاراجىم كوپراتسىيەنىڭ سەيپۇڭچىلىقىنى قىلىدۇ. 1977 ـ يىللىرىغىچە كۆرمىگەن كۈنى قالمايدۇ. سىياسىي تەقىبكە ئۇچرايدۇ. ياقا يۇرتلاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەترەتتە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدۇ، چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر دەپ كۈرەش قىلىنىدۇ، كۇچىلاردا سازايى قىلىنىدۇ، قامىلىدۇ. 

1978 ـ يىللىرىدىن كېيىن ئۆز ئۆيىدە قارى تەربىيىلەشكە باشلايدۇ. ئاستا ـ ئاستا تالىپلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كېتىدۇ. نەچچە ئونلىغان قارى بالىلار يېتىشىپ چىقىدۇ.

مەرھۇم قاراجىم پەقەت 1978 ـ يىلىدىن كېيىنلا ئەمەس، 60 ـ 70 ـ يىللاردىكى ئېغىر كۈنلەردىمۇ بىردىن، ئىككىدىن بولسىمۇ بالا ئوقۇتۇپ، بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ، قۇرئان كەرىم ئـۆگىتىپ تۇرغان ئىكەن. مېنىڭ ئاغزىمغىمۇ تۇنجى ئىلىمنى رەھمەتلىك شەمسىددىن قاراجىم سالغان ئىدى. مەن رەھمەتلىك ئۇستازىمدا قۇرئان ساۋادىمنى چىقىرىپ، قىرائەت ئۆگەنگەننىڭ سىرتىدا سابىت داموللامنىڭ «ئاقائىدى جەۋھەرى»، «شىرىن كالام»، زىرىف قاراجىمنىڭ «ئەممە پارە تەپسىرى» قاتارلىق كىتابلارنى دەرس قىلىپ ئوقۇغان. 

رەھمەتلىك شەمسىددىن قاراجىم شۇنداق يامان، قاتتىق كۈنلەردە رامىزان كەلسە ئۆي ـ ئۆيلەردە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ، بىر ئاي رامىزاندا ئەڭ ئاز تۆت ـ بەش قېتىم قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىپ ئۆتكۈزەتتى. بۇلبۇلدەك جاراڭلىق ئاۋازىغا مەپتۇن جامائەتلەر نە ـ نە لەردىن كېلىپ يېرىم كېچىگىچە ناماز ئوقۇياتتى. 5 ـ 6 سائەتلەپ مەرھۇمغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان جامائەت ھېچ قانداق ھارغىنلىق ياكى زىرىكىش ھېس قىلمايتتى.  

80 ـ يىللاردىن كېيىن ھەممە ئىشىنى تاشلاپ مەخسۇس قارى تەربىيلەشكە كىرىشىدۇ. تالىپلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

1984 ـ يىلى ئائىلىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە كېلىدۇ ۋە 35 يىل بۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن تۇنجى ئوغلى مۇھەممەد نۇر ھاجىم بىلەن بىلەن مەككىدە يۈز كۆرىشىدۇ.

شەمسىددىن قاراجىمنىڭ مەككىدىكى تۇنجى ئوغلى مۇھەممەد نۇر ھاجىم بۇۋاق ۋاقتىدا ئانىسى ۋە چوڭ دادىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا قىزىل خىتاي ئارمىيىسى بېسىپ كېلىش ئالدىدا ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئون مىڭلارچە سەرگەردان ئۇيغۇرلار بىلەن قېچىپ چىقىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، مەككىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مۇھەممەد نۇر ھاجىم مەككىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئوقۇپ يېتىشىپ، ئەرەبىستاندىكى ئەرەبلەرنىڭ ئاغزىغا ئىلىم سالىدىغان ئەربابلارغا ئايلانغان كىشىدۇر.

مەرھۇم شەمسىدىن قاراجىم ھەجدىن قايتىشىدا كىچىك ئوغلى سىراجىدىننى پاكىستاندا ئوقۇشقا بېرىپ، ئۆزى خوتەنگە قايتىدۇ ۋە يەنە قارى تەربىيلەشكە باشلايدۇ.

سىراجىددىن ھاجى ئالدى بىلەن پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىدە «ئىمام مەۋدۇدى ئىسلام ئىنىستىتۇتى»دا تىل ئۆگىنىدۇ، كېيىن پاكىستان ئىسلام ئابادتىكى «خەلقئارا ئىسلام ئونىۋېرسىتېتى»غا قۇبۇل قىلىنىپ، 1992 ـ يىلى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەرەب تىلى ساھەسى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئالى مەكتەپ دىپلومىسىنى ئېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، بىر تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادېئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئۇيغۇرچە پروگراممىسىدا دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن، يەنە بىر تەرەپتىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. 

سىراجىددىن ھاجى ئەرەبىستاندا يۇقىرى ئىناۋەتكە، مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئىشىنىڭ ئاجايىپ ئالدىراش ۋە بەك كۆپ بولىشىغا قارىماي، كەلگەن ـ كەتكەن ھاجىلارنىڭ ― تونىغان ـ تونىمىغان كىشىلەرنىڭ ―  خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ۋەتەندىن ئالىم ـ ئۆلىمالار كەلسە ئۆيىدە، يازغۇچى ـ زىيالىلار كەلسە جىددىدە ئالى رىستۇرانلاردا مېھمان قىلىدۇ. ھەممە ئادەم بىلەن كېلىشىپ ياخشى ئۆتىدۇ. ھېچ قانداق گەپكە «ياق» دېمەيدۇ.

مەرھۇم شەمسىددىن قاراجىم 80 ـ يىللىرى خوتەندە باشلانغان ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، خوتەندىكى ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللام، ئابدۇللاھ قارى داموللام، ئابدۇل ئەزىز قاراجىم، ئابدۇلۋەلى ھاجىم، مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. 

مەرھۇم قاراجىم بەك تەقۋادار ۋە پەرھىزكار كىشى بولۇپ، ھاياتى ئۇزۇن يىل بالا ئوقۇتۇش، قارى تەربىيلەش بىلەن ئۆتكەن بولسىمۇ، تۇرمۇشىنى ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن قامدايتتى، بالىلاردىن ھېچ قانداق ھەق ئالمايتتى.(لېكىنزە مېنى بەك كۆپ ئىشقا سالاتتى)

مەرھۇم قاراجىم تالىپلارغا قۇرئان كەرىم ئۆگەتكەننىڭ سىرتىدا «سوفى ئاللاھ يار»، «مۇيەببىنى ئىسلام»، «مىزان شەرىئەت»، «پەرزۇل ئەين» قاتارلىق كىتابلارنى، سابىت داموللام، ئابدۇلقادىر داموللام ئەسەرلىرىنى ئوقۇتاتتى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا كوممۇنىزم ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت ئالەمىگە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى، 1955 ـ يىلقى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى پەتھىددىن مەخسۇمنىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيىسنى سۆزلەپ بېرەتتى. 

رەھمەتلىك شەمسىددىن قاراجىمنىڭ ئۇزۇن يىل قارى تەربىيىلىشىنىڭ بەرىكىتى بىلەن خوتەندە نەچچە يۈزلىگەن قارى يېتىشىپ چىققان. قاراجىمنىڭ تەربىيلىگەن تالىپلىرى بۈگۈنكى ئەرەب ـ ئىسلام دۇنياسىدىكى خېلى ـ خېلى قارىلار ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى بىمالال قارائەت قىلىپ ئوقۇيالايدۇ.

مەرھۇم شەمسىددىن قاراجىم قۇرئان كەرىمنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قارائەت قىلىپ ئوقۇيدىغان، داڭلىق قارى بولغاننىڭ سىرتىدا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشكە بېغىشلاپ يېزىلغان «مەۋلۇدى بەرزەنجى» دېگەن ئەرەبچە نەسرى ئەسەرنى يادا ئوقۇيالايدىغان خوتەندىكى بىردىنبىر قارى شەمسىددىن قاراجىم ئىدى. مەرھۇم قاراجىم ئوقۇغان قۇرئان كەرىم ۋە مەۋلۇدنىڭ ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرى يېقىنقى زامانلارغا قەدەر خوتەندە خەلقنىڭ قولىدا قولدىن ـ قولغا ئۆتۈپ، ئەتىۋارلىنىپ ساقلانغان.

مەرھۇم شەمسىددىن قاراجىم ھەجدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، مەخسۇس بالا ئوقۇتۇپ، قارى تەربىلەۋاتقان كۈنلەردە، سالامەتلىكى ناجارلىشىپ، كۈندىن كۈندە ئاجىزلىشىپ، 1988 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى (رامىزاننىڭ 27 ـ تاڭ ئاتار كېچىسى) مەرھۇمغا ئاللاھ تەئالا تەقدىر قىلغان بۇ دۇنيادىكى ئۆمۈر مۇساپىسى ئاخىرلىشىپ،  قەلبى ھەرىكەتتىن توختاپ، كۆزى مەڭگۈ يۇمىلىدۇ. مەرھۇمنىڭ نامىزى ئوقۇلۇپ، جەسىتى خوتەن خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇزۇن يىل ئۆزى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن يۈزلەرچە تالىپلىرى ۋە دوس ـ بۇرادەرلىرىنىڭ كۆز يىشى ۋە نالە ـ پەريادى بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ كېلىنىپ، خوتەن شەھىرىكى تەۋرىزىم قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر