ئەدەبى ئەسەرلەر

شەرقى تۈركىستان –پانىي دۇنيادىكى دوزاخ 5

by Arman - Oct 19, 2021 0 Comment

  «شەرقى تۈركىستان -پانىي دۇنيادىكى دوزاخ » ناملىق بىئوگرافىيىلىك روماننىڭ داۋامى

 

ھەبىبۇللا ئىزچى

 

2- بۆلۈم: « تاڭ نۇرى» گېزىتى

  توپ -توپ ياشلار شەرقى تۈركىستاننىڭ بايرىقى رەڭگىدە ئاسمان رەڭگىدە كاستۇم -بۇرۇلكا، ئاق كۆينەك، قىزلار ئۇزۇن ئىشتان، تىزىدىن ئاشىدىغان كۆينەك كىيىشىپ كۇچار كوچىلىرىدا ھېيتقا ھېيت قوشۇپ ، كۇچار خەلقىنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچقان ئىدى. ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى جاۋ كەيفا تېلېۋىزىيە نۇتقىدا «كۆك چاپانلىقلار گۇرۇھى» دېدى. 
 
.................................................................

ئەسلىدە بۇ يىللاردا ھەربىر چوڭ ئۆلىمانىڭ يېنىدا يۈزلەرچە تالىپلار دەرس ئالاتتى،كۇچاردا ساقساقتا  سىدىق قارى ھاجىم، رەستىدە ئابلىكىم داموللا ھاجىم، بىجاقتا ئابدۇكېرىم داموللا ھاجىم، قۇتلۇقئوردىدا نىياز داموللام، ئالقاغۇ قوناسلاردا ھادى ئىمام، زىياپ داموللام قاتارلىق دىنىي زات ئۆلىمالارنىڭ ھەر بىرىدە يۈزلەرچە ياشلار ئوقۇيتتى، خەلق بۇلارنى تالىپ دەپلا ئاتايتتى. ھەر بىر يېزىدا، مەھەللىدە كىچىك بالىلارمۇ ئەتىگەندە مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن مەھەللىدىكى ئىمامدىن ياكى،دىنى تەلىم -تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن دىنىي دەرس ئالاتتى. بولۇپمۇ قىشلىق ، يازلىق تەتىللەردە مەھەللىنىڭ ئۇششاقلىرى ئاساسەن ھەپتىيەك ئوقۇش، قۇرئان ساۋاتى چىقىرىش، قىسقا سۈرىلەرنى يادلاش قاتارلىقلارنى مۇشۇنداق مەھەللە ئىماملىرى ياكى خەلپەتلەردە تاماملايتتى. بۇ دەۋردە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن خەلقنىڭ دىنى ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى قويۇۋەتكەن ئىدى. بەزەن يېزىلاردا بۇنداق مەھەللىدىكى بالىلارنى دىن ئوقۇتىدىغان ئىماملارنىڭ، خەلپەتلەرنىڭ ھاشار -سېلىقلىرىمۇ كۆتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، كەنت مەمۇرىيىتىمۇ بۇ ئىشقا يول قويغان ياكى چاتىقى بولمىغان ئىدى. بۇ شەرقى تۈركىستاندا 1980 يىللاردىكى ئومۇمىي كەيپىيات دېيىشكە بولاتتى.
ئەسلىدە مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆزىنى تەڭشىۋالغىچە قويۇپ بەرگەن ۋاقتىمۇ دېيىشكە بولاتتى.

...............................

ئالىمنىڭ قوشنىسى سۇبۇر قارىھاجىمنىڭكىدە پۈتۈن بىجاقنىڭ ياشلىرى قۇرئان دەرسى ئالاتتى، مومىسى نۇرخان بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا چوشقا باقىدىغان ئابدۇكېرىم داموللا ھاجىمنىڭكىدە ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق ھەر يەردىن كەلگەن تالىپلار دەرس ئالاتتى. مەھەللىدىكى ھەر بىر ئۆيدە بىر - ئىككىدىن تالىپلارنى قوندۇراتتى، ئاش -تامىقىنى بېرىپ باقاتتى. بۇ تالىپلارمۇ يېزىدىكى يالغۇز، ئاجىز، قېرى -چۆرىلەرنىڭ بۇغدىيىنى ئورۇپ، يەرلىرىنى تېرىشىپ،خامانلىرىنى ئېلىشىپ بېرەتتى. بەزەن ئائىلىلەر ئوقۇمۇشلۇق، ئەھلى -ئىلمىي دەپ قىزلىرى بىلەن بۇ تالىپلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ تويىنىمۇ قىلىپ قويغانلىرى بولاتتى. غۇلجا، قەشقەردىن كېلىپ يەرلىشىپ قالغان تالىپلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
تالىپلارنىڭ مەھەللىدىكى ئەڭ جىق ياردەم قىلىدىغان ۋە ئۆز ئۆيىدەك كىرىپ چىقىدىغان ئۆيى نۇرخاننىڭ بۇ باغلىق ھويلىسى ئىدى. دەرستىن يانغاندا  ئۆز ئۆيىدەك كىرىپ ئەپ قويغان تاماقلىرىنى يېيىشىپ، باغنىڭ ئۆرۈكلىرىنى توپلىشىپ،ئۆرۈكلەرنى ئىسلاپ قاق سېلىشىپ، كۈزدە ئەنجۈرلىرىنى، ئانارلىرىنى، تال ئۈزۈملىرىنى باراڭدىن چۈشۈرۈشۈپ كۆمۈشۈپ،ئەتىيازدا قايتا ئېچىپ باغلارنى رەتلەپ، ئېغىرىنى يېنىك قىلىشىپ بېرەتتى. نۇرخان ئانىنىڭ ئېغىر -يېنىك  پۈتۈن ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتى. بۇنىمۇ رەھمەتلىك ئابدۇكېرىم داموللام بۇ تالىپلارغا ئالاھىدە تاپىلايتتى. «بۇ ئائىلە مەھەللىمىزدە مەدرىسە ئاچقان، ئۆزى ئوقۇمۇشلۇق، مەسچىت سالغان، ئەل –جامائەت ياخشى كۆرىدىغان بىر ئائىلە» دەپ ئۇلارغا تەرىپىنى قىلاتتى.

تالىپلارمۇ نۇرخان ئانىنىڭ ھەر زامان تۆت –بەش كىشىگە ئارتۇق تاماق ئېتىدىغانلىقىغا كۆنگەن ئىدى. ئۆز ئۆيىدەك كىرىپ ئەپ قويغان تاماقلىرىنى يىيىشەتتى. نۇرخان ئانا ھەر قېتىم ئىش تۈگىگەندە ئۇلارنىڭ ئالمىغىنىغا قويماي بۇ تالىپلارغا پۇل،كۆينەك، پايپاق دېگەندەك نەرسىلەرنى بېرىپ تۇراتتى.

مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كەنتنىڭ ئېغىلىدا( ماخو) نۇرخان ئانا ئابدۇكېرىم داموللا ھاجىم بىلەن بىللە چوشقا بېقىشقا ۋە چوشقا قوتىنىنى تازىلاشقا قويۇلغان. بىللە پىپەن ،كۈرەش قىلىنغان ئېغىر كۈنلەردە بىرگە بولغان بۇ سەپداشلار بىر- بىرىنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيتتى. ھەمدە كوممۇنا تارقالغاندا باغنىڭ تېشىدىكى ياڭاقلىرى كېسىۋېتىلگەن يەرلەرنى داموللامغا تەقسىم قىلغان بولۇپ، بىر كۈنى ئاتايىن رەھمەتلىك داموللام ئازراق پۇل، خورما، رەخت دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ رازىلىق سوراپ كىرگەن ئىدى. داموللام نۇرخانغا :« ئەسلى بۇ يەر سىلىنىڭ سىياسەت -قانۇن ئۆزگەرسىمۇ ئىنساننىڭ ھەققىنى بۇنداق سىياسەتكە تايىنىپ زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىش قۇل ھەققى يېيىشتۇر، زالىمغا شېرىك، يامانغا يانتاياق بولۇشتۇر. ھۆكۈمەت يەر ئىسلاھاتى دەپ خەقنىڭ مېلىنى خەققە يېگۈزگەن بىلەن ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. گەرچە مېنىڭ بۇ ئەكەلگىنىم ھېچقانچە بىر نەرسە بولمىسىمۇ ئازنى كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قوبۇل قىلسىلا، مېنىڭمۇ كۆڭلۈم توق بولسۇن، رەھمەتلىك باسىت ئاخۇن  مەھەللىگە، مۇسۇلمانغا، قولۇم -قوشنىغا ئالقىنى ئوچۇق مەرد ئادەم ئىدى. بۇ مەھەللىگە مەدرىسە ئاچقان، قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان ئىنسان ئىدى. داموللام رازى بولسۇن دېسىلە بۇ سىلىنىڭ ھەققىلىرى، قوبۇل قىلسىلا رازى بولسىلا» دەپ رازىلىق ئالغان ئىدى.

كەنتكە گومىنداڭ ۋاقتىدىكى پاششاپنىڭ ئوغلى سېكرېتار بولغاندىن كېيىن داموللامنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تالىپلىرى بار، خەلقنىڭ ئېغزىغا ئىلىم سالىدۇ، باللارنى ئوقۇتۇشىغا جىقراق ۋاقىت چىقارسۇن دەپ ھەممىنى بىر يەرگە قىلىپ بەرگەن بولۇپ،ھەممىسى ئالىملارنىڭ تېشىدىكى باغ دەپ ئاتايدىغان ياڭاقلىق باغنىڭ جايى ئىدى. بۇ يەرنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرى پولات تاۋلاشتا كېسىۋېتىلگەن، يەرلەر داجەيدىن ئۆگىنىش دەپ تۈزلەڭلىكتىكى باغ يېرى بىر پېشى يۇقىرى، بىر پېشى پەس قىلىۋېتىلگەن ئىدى.

ھەر يىلى بۇغداي ئورمىسىدا، ياكى تېرىم زامانلىرىدا تالىپلار يىغىلىپ يىگىرمە مو يەرنىڭ بۇغدايلىرىنى بىر –ئىككى كۈندە ئورۇپ ،خامانلىرىنى ئېلىپ،يەنە كۈزدە بىر كۈندە تېرىپ بولاتتى.بۇ يۇرتتا ئاساسەن دېگۈدەك كۈزگى بۇغداي تېرىلاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا تالىپلاردىن بىر نەچچىسى  ئىش ئارىسىدا  نۇرخاننىڭ بېغىدا قويلارنى سويۇپ، كاۋاپلارنى پىشۇراتتى. يوغان داشقازانلاردا گۆشلەر قايناپ، شورپىسىدا خەيرىگۈلنىڭ چاچتەك كەسكەن ئۈگرىلىرى پىشۇرۇلۇپ ،پۇقۇر –پۇقۇر تەرلەپ ئولتۇرۇپ ئىچكەچ سۆھبەتلەر قىزىيتتى.

بۇ ياشلارنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرىدىغىنى نۇرخاننىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كۆمۈپ ساقلىغان چاغاتايچە، ئەرەب - پارىسچە كىتابلىرى ۋە ئالتۇن يالىتىلغان قىرغاقلىرى ئوتتا كۆيگەن ۋە ھەدىيە قىلىنغانلىق ئىسپاتى تارىخى ئاخىرقى بەتكە  قەلەم بىلەن يېزىلغان، ئۈستىگە  ئوسمانلىنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان، تېرە مۇقاۋىلىق ئوسمانلى دەۋرىدىكى قۇرئانى كەرىم ئىدى. بۇ قۇرئاننى ئالىم چەتئەلگە مېڭىشتىن بۇرۇن بىر دوستىغا ساقلاشقا بەرگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىمۇ يىرتىلىپ تىتىلىپ كەتكەن ئاخىرقى بېتىدە 1723 –يىلى ھەدىيە قىلىنغانلىقىغا ئائىت ئوسمانلىنىڭ مۆھۈرى، ۋە قازىخانىنىڭ ئانار گۈللۈك مۆھۈرى بېسىقلىق ئىدى.

بۇ ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ھال - مۇڭ بولۇش ئالىم  ئۈچۈن تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى.  ئۇنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى خىتاي كىم؟ بىز كىم ؟ دېگەن تېمىلار ھەققىدىكى سۆھبەتلەر بولۇپ  قىزىقىپ ئاڭلايتتى. ئاڭلىغانچە خىيالغا پاتاتتى. ۋە ئاڭلىغانچە بىر بوشلۇق ، جاۋابسىزلىق ئىچىدە قالاتتى.ئاخىرى ئۇ جاۋابىنىمۇ ئۆزى بىلگەنچە كىتابلاردىن تاپاتتى. تاپالمىغىنىنى  نۇرخاندىن سورايتتى. نۇرخان ئانا خىتاي قاچان كەلگەن ،تۇڭگان قاچقاچتا خىتايلار  قاچقاندا مەھەللىدىكى بايلارنى ئالتۇنلىرىنى چىقار دەپ، قانداق قىينىغاننى بىر –بىرلەپ بىلگىنىچە دەپ بېرەتتى . بۇ ۋاقىتلاردا ئالىم «تارىخى ھەمىدى» نى قىزىقىپ ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتايلارنى كاپىرلار، ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمانلار دەپ ئىپادىلەنگەن ئىدى. ئوقۇغانچە  سوئال ئىچىدىن سوئال چىقىراتتى. ئاخىرىنى نۇرخاننىڭ ئوقۇپ بەرگەن «جەمىئۇتتاۋارىخ»، شافگىراپ باسمىسىدىكى پولات قادىرىنىڭ «ئۆلكە تارىخى» ، «ئەرك گېزىتى» قاتارلىقلاردىن بولاتتى.

نۇرخاننىڭ ئۆيىدىكى يوغان كات ساندۇقنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ساندۇق بىر دۇنيا ئىدى. ئىچىدە گومىنداڭ ۋاقىتتىكى گېزىتلەر، كىتابلار، «ئەرك گېزىتى»، ۋە رەسىملىك شافگىراپ باسمىسى «ئۆلكە تارىخى» دېگەندەك كىتابلار بولۇپ قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىسى مەشكە ئۆرۈك ئوتۇنىنى سېلىپ، مەشنى قىپقىزىل قىزارتىۋىتىپ، ئۈستىگە ئۇزۇن بويۇنلۇق مىس چۆگۈندە چاي قويۇپ قويۇپ، كىتاب ئوقۇپ بېرەتتى. بەزەندە ئالىمغا ئوقۇتۇپ ئاڭلايتتى. قازىخانىنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان تۇتام –تۇتام ھۆججەتلەرنى  قايتا –قايتا ئوقۇتاتتى، ئوقۇيالمىغاننى دەپ بېرەتتى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈستى تەرىپىدە ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمى بار يوغان بىر پارچە رەڭلىك قەغەز بولۇپ، بۇ كوممۇنا قۇرۇلۇپ يەر ئىسلاھاتى بولغاندا بۇ ئائىلىنىڭ پۈتۈن يەرلىرىنى كوممۇناغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندە توغرىسى تارتىۋالغاندا بېرىلگەن، كومموناغا پاي قوشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن. بۇ ۋاقىتلاردا  داجەيدىن ئۆگىنىش دەپ، ئىككى -ئۈچ يۈز مو يەردىكى باغنى كېسىپ ئوتۇنلىرىنى كوممۇنانىڭ ئوچاقلىرىغا پولات تاۋلاشقا قالاپ تۈگىتىپ، ھەشەمەتلىك مەسچىت بىلەن ئۆيلەرنى ئولپاڭ دەپ، يەرلەرگە ئوغۇت قىلىش ئۈچۈن چېقىپ تۆكتۈرۈپ تۈگەتكەن ئىكەن. خىتاي مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدە بۇنداق تارىخى يالدامىلار، قەدىمى ئۆيلەر، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سىمۋوللىرىنى كونىلىق، ئولپاڭ، ئوغۇت دەپ،ياغاچلىرىنى، مېۋىلىك باغلىرىنى داجەيدىن ئۆگىنىش،  پولات تاۋلاش دەپ كېسىپ ۋەيران قىلغان ئىدى. ھەر يەردە تارىخنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈشكە ،مىللەتنىڭ ئوقۇمۇشلۇق ئىنسانلىرىنى «مىللەتچى»، «ئەكسىيەتچى»، «چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر»، «جىن –شەيتان» دەپ يوقىتىشقا ،قىرغىن قىلىشقا، بىر مىللەتنى روھى تۈرۋرۈكلىرىدىن، ئەقلى –ھوشى جايىدا ئىنسانلىرىدىن، ۋاقتى كەلسە يېتەكچى، يولباشچى بولىدىغان، مەنىۋىيىتىگە چىراغ تۇتىدىغان ئىلغارلىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ،ئۇلارنى يوق قىلىغان ئىدى. 

تورۇسلىرى ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن ،كىچىككىنە پەنجىرىسىدىن كىرگەن يورۇقتا كۈندۈزىمۇ قاراڭغۇ كۆرۈنىدىغان بۇ ئۆيدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، كىملىكىگە ئائىت نۇرغۇن كىتابلار،ھۆججەتلەر ساقلانغان بولۇپ ، بۇلارنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كەنتكە بوغالتىر بولغان مامۇت ئاخۇن رەھمەتلىك ئۆيدە نېمە بار، نېمە يوق ھەممىنى  ساقلاپ بەرگەن ئىكەن. بىر قىسمىنى بىر كىچىك ھېجىر كومزەكتىكى نەرسە بىلەن كۆمگەن بولۇپ، كېيىن ئالىم  ئەقلىنى بىلگەندە،  دادىسى پات-پات كېلىپ نۇرخانغا بۇ كومزەكتىن بىر ئىككى تال تەڭگە ئېلىپ سېتىپ ئېلىپ كېلىپ بەرسە، نۇرخان  بۇنىڭغا بەزەندە بۇ تالىپلارغا ياغ ،گۈرۈچ ،گۆشتەك نەرسىلەرنى تارقىتىپ بېرەتتى.

مەھەللىدىكى بالىلار ئاساسەن كەپتەرۋاز،قىمارۋاز، بىكار تەلەت بولغاچقا نۇرخان ئۇنىڭ بۇ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئوينىشىغا ۋە ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايتتى. بۇ سەۋەبتىنمۇ ئۆيدە كىتابتىن باشقا سىردىشى بولمىغان ئالىم بۇ ئۆيدىكى بار كىتابنى ئەڭ ئاز ئىككى- ئۈچ قېتىم ئوقۇغان بولۇپ، لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، يېزىق ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن بېسىلغان«مىڭ بىر كېچە» ۋە «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» ئاساسەن ئوقۇلۇپ بولغان، ئەمدى بۇ تالىپلارنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئەرەب پارىس گرامماتىكىسى «سەرف نەھۋى» نى ئوقۇۋاتاتتى.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر