تەنتەربىيە

ئەسر ئۇرۇشى: گىنادى گىلوۋكىن ۋە كانىلو ئەلۋارىز ئوتتۇرسىدا تارىخى بوكس

by 7 - Sep 16, 2018 0 Comment

ئەسر ئۇرۇشى :بوكس ساھەسدىكى بىر مەيدان ئەڭ كەسكىن تارىخى جەڭ :گىنادى گىلوۋكىن بىلەن كانىلو ئالۋارىز ئوتتۇرسدا ئىلىپ بىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا !

 

ئاپتورى ؛تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ،ئۇيغۇر ئاگنېتلىقى 15-سېنتەبىر ،ۋاشنگىتون

  غەرپ دۇنياسدا ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىنمۇ مەشھۇر تەنھەرىكەتچى دەپ قارىلىدىغان قازاقستاننىڭ قاراغاندا شەھىرىدىن كەلگەن گىنادى گىلوكىن مېكسكىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان كانىلو ئالۋارىز بىلەن 2018.يىلى 9.ئاينىڭ 15.كۈنى شەنبە لاس ۋىگاس شەھىرى تى موبىل مەيدانىدا ئېلىشدۇ ! بۇ ئۇلارنىڭ 2017.يىلى تۇنجى ئۇچرىششدا «تەڭلەشتى »دەپ ھۆكۈم قىلىنغاندىن كىين قايتا ئۇچرىششدۇر ! تۇنجى ئۇچرىششتا ئىككى ھۆكۇم قىلغۇچى گىنادىنى ،بىر ھۆكۈم قىلغۇچى كانىلونى ئۇتتى دەپ قارىغاچقا ،تەڭلەشتى دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ ،بۇ ھۆكۇمگە بوكس ساھەسدىكىلەر بىردەكئادىل بولمىغان ،كانىلوغا يان بېسلغان دەپ قاراپ كەلگەن ،شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ،ئىككى تەرەپ قايتا ئۇچرىشىدىغانغا پۈتۈشكەن بولۇپ ،2018.يىلى بەشىنچى ئايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇسابىقە مېكسىكىلىق كانىلونىڭ تەكشۇرۇشتىن ئۆتەلمەسلىكى سەۋەبلىك 9.ئاينىڭ 15.كۈنىگە كىچىكتۇرۇلگەن !كانىلو ئۆزى مېكسىكىدا يىگەن گۆش سەۋەبلىك تەكشۇرۇشتىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى ! بۇ قېتىملىق مۇسابىقە دۇنيا بوكس ۋە تەنتەربىيە ساھەسنىلا ئەمەس ،پۇتۇن تاماششا ۋە ئېقتساد ساھەسنىڭمۇ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى ! مەزكۇر مۇسابىقە گىلاۋكىن تۇتۇپ تۇرىۋاتقان IBO,WBA ,WBC ئالتۇن كەمەرلىرىنى تالىشش ئۇچۇن كانىلونىڭ جەڭ ئىلان قىلغان ئۇرۇشى بولۇپ ،گىلاۋكىن ھازىرغىچە 39 قىېتىملىق ئۇرۇشتا جەمئى 38قىتىم يەڭگەن ،بۇنىڭ ئىچىدە 34 مەيدان رەقىبىنى ئۇرۇپ يېقىتقان ،بىر مەيدان تەڭلەشكەن بولۇپ ،يېڭىلىپ باقمىغان ؛قولىدىكى IBFئالتۇن كەمىرىنى خىرىس قىلغۇچى بىلەن جەڭگە چۇشمىگەنلىكى ئۇچۇن تارتىۋىلىنغان ؛ گىلاۋكىن قازاقستان پۇقراسى بولۇپ ،كورىيە ۋە رۇس پۇشتىدىن ،كىچىكىدىن باشلاپ مەھەللىسدە مۇشلىشپ چوڭ بولغان ؛كانىلو مىكسكىلىق بولۇپ ،كىچىكىدە كۆپ كەمستىلگەن ۋە قارشلىق قىلىپ داڭلىق مۇشلاشچى ۋە بوكسيۇر بولۇپ بۇگۇنكى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدىغان تەنھەرىكەتچىلەردىن بولۇپ قالغان ؛ مۇسابىقە باشلىنىشقا ئاز قالغاندا ئىككى ماھىر تەرەپتىن ئۆز ئارا سۇركىلىش ۋە كەسكىن ئۆچمەنلىك ئىپادىلىنىدىغان سۆزلەر چېقىشقا باشلىغان بولۇپ ،بۇنى ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆپلەپ تەشۋىق قىلماقتا ؛

كۆپ كۆرۈلگەنلەر