تارىخ ۋە ئەسلىمە

شاھادىتىنىڭ 24- يىلىدا ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىننى ئەسلەيمىز

by Arman - Apr 08, 2022 0 Comment

شاھادىتىنىڭ 24- يىلىدا ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىننى ئەسلەيمىز!                 

ھەبىبۇللا ئىزچى 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-ئاپرېل



مەرھۇم ئۇستازىمىز نىزامىدىن ھۈسەيىننى ۋاپاتىنىڭ 24 يىللىقى  مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭقۇر ئەسلەيمىز ۋە  يات ئېتىمىز !
 
نىزامىدىن ھۈسىيىن 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۆجىزىلىك سەرگۈزەشتلەرگە ئىگە بىر شەخس. 



نىزامىدىن ھۈسەيىن 1928-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيە كۆكيار يېزا ئازغانسال كەنتىدە تۇغۇلغان.  1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە 16 يېشىدا تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتناشقان.  «11 بىتىم» دىن كېيىن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ يەكەندە تۈرمىگە تاشلانغان. 1946-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 

1951-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1958-يىلى «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «پانتۈركىست» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ يەنە  تۈرمىگە تاشلانغان ۋە  20 يىللاپ  تۈرمە ۋە سەرگەردانلىق ھاياتىدا ياشىغان. 1978- يىلى 10- ئايدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۆزگىرىپ، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «پانتۈركىست»  "قالپاق"لىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، "شىنجاڭ گېزىتى"  ئىدارىسىگە قايتىدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.    

1980-يىللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەقىدە تارىخى بويىچە كۆپلىگەن يىرىك ماقالىلەرنى يېزىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 71 يېشىدا يەنە تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بىر يىللىق تۈرمە جازاسىدىن كېيىن چالا ئۆلۈك ھالىتىدە ئائىلىسىگە (داۋالىنىشقا) قويۇپ بېرىلىپ  1998-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇستازىمىز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئانا  ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن چېلىشقان، ھاياتى بويى، ئەلەم ۋە قەلەم بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان، مەيلى تۈرمىدە ياتقان يىللىرىدا بولسۇن ۋە ياكى قويۇپ بېرىلگەندە بولسۇن ھۆرلۈككە باغلانغان كۈرەش ئىرادىسىدىن بىر ئۆمۈر قايتمىغان ئۇستاز ئىنقىلابچىدۇر. ئۇ ياشلىق ۋاقىتلىرىنى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى سېپىدە  ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، چىڭگىزخان داموللا قاتارلىق مۇستەقىللىق داۋاسى رەھبەرلىرىنىڭ قولىدا ئوقۇغان ۋە تەربىيەلەنگەن. مۇخبىرلىق ۋە مۇھەررىرلىك خىزمەتلىرىدە ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى  ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنگەن. بۇ جەرياندا خەلقنىڭ روھىنى  ئويغىتىدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ياۋلارغا سېتىۋەتكەن غوجا –ئىشانلارنىڭ تارىخى،  غوجا – ئىشانلارنىڭ ھازىرقى قالدۇقلىرىنى پاش قىلىدىغان، «سوپىزمنىڭ ھازىرقى قالدۇقلىرى»، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»، «يولسىز ئەقىدە»، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئوچېركلىرى »، « ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ –ئادەتلىرى»، «بىزدىكى ئىللەتلەر» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرى بىلەن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

ئۇستازنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نىزامىدىن ھۈسىيىننىڭ ئىسىم-شەرىپى، ئەسەرلىرى ۋە ئۇ ھەققىدىكى بارلىق ئەل ئارىسىدىكى گەپ-سۆزلەر قاتتىق چەكلىنىدۇ.

ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن  ئەپەندى ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،يەنى 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا قولغا ئېلىنغان. بۇ ۋاقىت شەرقى تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە «25-فېۋرال ئۈرۈمچى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىشتا ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىن لاۋ گەن بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان بولۇپ، تۇتقۇننىڭ پۈتۈن جەريانىنى  شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى قادىر، ۋە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىدىن ئالىم قاتارلىق ئىجرا قىلغان.

ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندى ياشىنىپ قالغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە ھاياتى، يىللارنىڭ بوران -چاپقۇنلىرى سەۋەبىدىن كېسەلچان بولۇپ قالغان ئىدى.

بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىتاي تۈرمىسىدە ياشانغاندىكى قىيىن -قىستاق ۋە تەن جازاسى ئۇستازنى خېلىلا تۈگەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۈچىنچى تۈرمىنىڭ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا تۇرۇۋاتقان نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىنى تۈرمە دوختۇرخانىسىدا سوراق قىلىش جەريانىدا ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىلگەن ھورمون ئوكۇللار ۋە قالايمىقان بېرىلگەن دورىلار بىلەن زەھەرلىگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇستازنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتسە خەلقئارا جەمئىيەتتە ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىشىدىن قورقۇپ ئۆيىگە كېپىلگە بەرگەن ئىدى. ئەمما ئاللىبۇرۇن زەھەرلەنگەن ئۇستاز نەق بىر يىل كېيىن ئۆيىگە بېرىلگەندىن كېيىن 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنى ئۆيىدە شاھادەت شەربىتىنى ئىچتى.



ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندى پۈتۈن ھاياتىنى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلىكىگە بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇ ھاياتىنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىنى مىللىي ئارمىيە ئالدىنقى سېپىدە ئۇرۇشتا ،رازۋېدچىك، ئانتى رازۋېدچىك، مىللىي ئارمىيە ئىستىخبارات قىسمى ۋە تاشقورغان پارتىزانلىرى ئالدىنقى سېپىدە ئۆتكۈزگەن. كېيىنكى ئۆمرىنى يېزىقچىلىق بىلەن ۋە خەلقنى ئويغىتىش، ياشلارنى تەربىيەلەپ مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جەڭگىۋارلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزگەن.  ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرىدىن بىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىدىن كېيىنكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە كۈرەش تارىخىنى رەتلەپ ،خاتىرىلەپ توپلىغان بولۇپ بۇ يولدىمۇ نۇرغۇن پىداكار ياشلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ،بۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارا قۇتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا !

 ھازىر ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىكى ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاۋانگارتلارنىڭ كۆپى مەرھۇم ئۇستازنىڭ تەلىم- تەربىيەسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىكى شانلىق ئىزلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

             


كۆپ كۆرۈلگەنلەر