ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتيېى ئامېرىكا ۋەكىللىرى سايلىمى ھەققىدە

by Admin - Aug 03, 2021 0 Comment

 

ئۇقتۇرۇش

 

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار،

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى دۇق تەركىۋىدىكى ۋە ياكى دۇق بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلاپ چىقىلىدۇ. 

 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكىدا دېموكراتىك ھالدا ۋەكىل سايلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا دۇق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىئ‍يىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاساسىدا ۋەكىل سايلاش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىلدى. كومىتېت ئەزالىرى تۆۋەندىكى 7 كىشىدىن ئىبارەت: ئۆمەر قانات، ئەلفىدار ئىلتەبىر، رۇشەن ئابباس، سەمەت ئاۋۇت، دىلمۇرات سۇلايمان، مۇستافا ئاقسۇ ۋە مۇزەپپەر دولان. 

 

ۋەكىل سايلىمى 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈنى ھەم نەق مەيدان ھەم تور ئارقىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ. دۇقنىڭ 7- نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇشنى خالايدىغان ۋە دۇق 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى تەرىپىدىن ۋەكىللىككە نامزات بولغۇچىلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەرگە چۈشىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، ئۆزلىرىنى نامزات كۆرسەتسە بولىدۇ. ئامېرىكىدىن ئۆزلىرىنى دۇق 7- قۇرۇلتىيىغا نامزات كۆرسىتىدىغان قېرىنداشلاردىن نامزات بولۇش تەلەپنامىسىنى 8-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە  [email protected] ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىشىنى سورايمىز. 

 

نامزات بولۇش شەرتلىرىنى بۇ ئۇلىنىشنى چېكىش ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ:

 

 https://www.uyghurcongress.org/uy/?p=44357

 

 

ھۆرمەت بىلەن: 

 

دۇق 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى

 

ئامېرىكا سايلام كومىتېتى

كۆپ كۆرۈلگەنلەر