تۈركىيە

ئابدۇرەھىم پاراچ ئۈچىنچى قېتىم تۇتۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن


ئابدۇرەھىم پاراچ ئۈچىنچى قېتىم تۇتۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

يارۇق 

 تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي چىكىنىش سەۋەبلىك كۈنسىرى ئەدىتىلىۋاتقان چەتئەللىكلەرگە قارشى سەلبىي پوزىتسىيەدىن ئۇيغۇرلارمۇ نىسىۋىسىز قالمىدى. تۈركىيەدە، بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا يول دوقمۇشلىرى ۋە ھەرقايسى ئاممىۋى قاتناش بىكەتلىرىدە ساقچى خادىملىرىنىڭ چەتئەللىكلەرنى توسۇپ كىملىك تەكشۈرۈۋاتقانلىقىغا دائىر قىسقا يوللانمىلار ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا پات -پات كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى. نۇرغۇن چەتئەللىكلەرگە ئوخشاش بۇ مەسىلە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىمۇ ساراسىمىگە سېلىپ كېلىۋاتاتتى. يېقىندا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئومۇميۈزلۈك ھالدا «ئىستىسنائىي پۇقرالىق بېرىش» قارارى بۇ ساراسىمىلەرگە مەلھەم بولغانلىقى مەلۇم. ئەمما، بۇ قارار ئەمەلىيلىشىپ بولغۇچە ئاۋارىگەرچىلىك تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ يوق ئەمەستەك قىلىدۇ. شائىر ئابدۇرەھىم پاراچ بۇلاردىن بىرى.

 

مېترو بېكىتىدە توسوپ تەكشۈرۈلۈش

ئابدۇرەھىم پاراچنىڭ دېيىشىچە، 2ـ ئىيۇل شەنبە كۈنى سائەت 1:30 لەر ئەتراپىدا، ئىستانبۇل ئۇزۇنچايىر مېترو بېكىتىگە كىرىش ئېغىزىدا ئۈچ نەپەر ساقچى خادىمى ئۇنى توسۇپ كىملىك سورىغان. ئابدۇرەھىم پاراچ بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىغىچە ئىناۋەتلىك مۇددىتى بولغان ئىككى يىللىق تۇرۇش رۇخسىتىنى (ئىقامەتنى) كۆرسەتكەن. ئەمما، ساقچى خادىملىرى پاراچنىڭ قولىدىكى ئىقامەتنى «ساختا» دېگەن ئىددىئا بىلەن قوپاللىق قىلىشقا باشلىغان. پاراچ ئىقامەتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۆچ ئىدارىسى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى، ئىشەنمىسە تەكشۈرۈپ باقسا بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولمىغان. ساقچىلار پاراچنى ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغان. بۇ ۋاقىتتا پاراچ يېڭىلا ئوقۇپ ئالغان پىراۋىسىنى چىقىرىپ، ئىقامەتنىڭ ساختا ئەمەسلىكىنى، مەزكۇر پىراۋىنى مۇشۇ ئىقامەتنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار بىر پاراچقا، بىر پىراۋىغا، بىر ئىقامەتكە قاراپ كۇسۇلدىشىپ بىر يەرلەرگە تېلىپۇن قىلغان. ھايال ئۆتمەي، 20 گە يېقىن ساقچى يېتىپ كەلگەن ۋە پاراچنى ئورىۋىلىشقان. بۇ ساقچىلارمۇ پاراچنىڭ قولىدىكى ئىقامەت ۋە پىراۋىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمىگەن. ئۇيەر بۇيەرلەرگە يوللاپ، تېلېپۇن قىلغان.

 

جەريان قانداق بولدى؟

 پاراچ ھادىسەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ساقچىلار مېنى ئېلىپ كىتىشتىن باشقا ئويى يوقتەكلا مۇئامىلە قىلدى. <بىزگە يالغان گەپ قىلما ھە! بۇ ئىقامەتنى نەدىن تاپتىڭ؟ نەدە بۇنداق ئىقامەت بار ئىكەن؟! سەن خىتاي ئىكەنسەنغۇ ھە؟!> دېگەندەك گەپلەر بىلەن تارتقۇشلاپ ئېلىپ مېڭىشقا تەمشەلدى. ئۇلار 25 ياشلار ئەتراپىدىكى ياش ساقچىلار ئىدى. ئىناۋەتلىك ئىقامەتنى ئېتراپ قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئالغىلى بىرەر ئايچە بولغان پىراۋىنى كۆرسەتتىم. بىراز ئەجەبلىنەرلىك ھېس قىلىشتى. ئەمما، مېنى تارتىپ ئېلىپ مېڭىشقا ئۇرۇندى. ئۆزۈمنى ئاقلاپ تىركەشكەنىدىم، بىردەمدىلا 20 دەك ساقچى مىنى قورشىۋالدى. بەكلا ھودۇقۇپ كەتتىم ۋە بىر ئاز قورقتىم.  مەن ئەرجىيەس ئۇنېۋىرسىتىدا تۈرك تىل ئەدەبىياتى بويىچە ماگېستىرلىق ئوقۇۋاتقان بولۇپ، تېزىس يېزىش باسقۇچىدا ئىدىم. پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ، مەكتەپتىن بىرىلگەن <ئوقۇغۇچىلىق كىملىكىم>نى كۆرسەتتىم. ئۇنى كۆرۈپ بەزىلىرى زاڭلىق قىلدى، مۇشۇ يېشىڭدا ئوقۇدۇم دەپ كىمىڭنى ئالدايتتىڭ، دەپ ئەزۋەيلىگەنلەرمۇ بولدى. ئارىدىن بىرى ئەرجىيەس ئۇنېۋىرسىتىدا ئوقۇغان بولسا كېرەك، بەزى ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە <تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى> ھەققىدە سوراپ جاۋابىمدىن قانائەت ھېس قىلدى. بۇ جەرياندا ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى، ساقچىلارنىڭ تەڭ يېرىمى دېگۈدەك مەندىن <سەن خىتايمۇ؟> دەپ سوراشتى. <نېمە ئىشى بۇ خىتاينىڭ / خىتايلىقنىڭ> دېگەندەك گوڭۇلداشلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ھەم بىلەتتى، ھەم مەنمۇ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى نەچچە رەت تەكرارلىغان ئىدىم. ئاخىرىدا ئۇ يەر بۇيەرلەرگە تېلېپۇن قىلىپ، كۆڭلىدىكىدەك تەلىمات كەلمىگەندىن كىيىن، مېنى قويۇۋىتىشكە مەجبۇر بولدى. قويۇۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتا، <يەنە تۇتۇپ كەتسە قانچىلىك ياتارمەن، خىتايغا قايتۇرىۋىتەرمۇ؟> دېگەندەك سوئاللار نىرۋامنى چىرمىۋالدى، بەك جىددىيلەشتىم. شۇ كۈندىن بىرى كەيپىياتىم تولىمۇ ناچار؛ روھىم چۈشكۈن.»

 

بۇرۇن ئىككى قېتىم تۇتۇپ كېتىلگەن

 مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرەھىم پاراچ 2018ـ يىلى ئىستانبۇلدا تۇتۇلۇپ، «چەتئەللىكلەرنى قايتۇرىۋىتىش مەركىزى» گە ئالتە ئاي سولاپ قويۇلغان. يېقىنلىرىنىڭ ئادوۋكات تۇتۇپ ئېتىراز بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە قويۇپ بېرىلگەن. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن يەنە قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئۈچ ئاي سولانغان. ئىككىنچى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندە سوت تەرەپتىن پاراچنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ قارارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئادوۋكات تۇتۇپ قايتا-قايتا ئەرز قىلىش دېشىۋارچىلىقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. 2020ـ  يىلى 7- ئايدا مەزكۇر قارار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە شۇ يىلى 10ـ ئايدا ئىككى يىللىق ئىنسانىي ئىقامەت بېرىلگەن.

ئابدۇرەھىم پاراچنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى يىل جەريانىدا ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، «ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم» دەپ ئويلاپ كەلگەنىكەن. بۇ قېتىمقى مېتروبۇس بېكىتىگە كىرىش ئېغىزىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنى قايتدىن تەشۋىشكە سېلىپ قويۇپتۇ.

 

ئابدۇرەھىم پاراچ كىم؟

 ئابدۇرەھىم پاراچ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئەدەبىيات ساھەسى ۋە كەڭ شېئىر ھەۋەسكارلىرىغا ناتونۇش ئىسىم ئەمەس. ئارز ۋەزىنلىك رېئالىستىك ۋە ئاممىباپ شېئىرلىرى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە شۇنىڭغا يارىشا نام قازانغان شائىر ھېسابلىنىدۇ. ۋەتەن ئىچىدە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرنال ۋە توربەتلەردە 200 دىن ئارتۇق شېئىر ۋە بىر قىسىم نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. يازغان شېئىرلىرى ۋە بىر سورۇندا ئوقۇغان شېئىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈچ يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن، بىر مەزگىل قولىغا قەلەم ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك دائىرىلەر قەرەللىك ھالدا ساقچىخانىغا چاقىرىپ سوراققا تارتىپ ئارام بەرمىگەن. بۇ سەۋەبتىن پاراچ تاكى 2014- يىلى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگۈچە بولغان جەرياندا كۆپلەپ ئەسەر يازالمىغان، يازغانلىرىنىمۇ ئاشكارا ئۆز ئىسمى بىلەن ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن تەكرار باشلانغان. پاراچ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىككى پارچە شېئىر توپىلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان.

 

مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

 تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى مىللەتچى پارتىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەپ قوللىغۇچى يىغىش مەقسىتىدە، ھە دىسە ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەن سىياسىتىنىڭ «يېتەرسىز» تەرەپلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى، تۈركىيەدىكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشى، پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىق قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ «كۆچمەن» لەر سەۋەبلىك كېلىپ چىققان دەپ قىلىنىۋاتقان ئاڭ باشقۇرۇش ئوپېراتسىيەلىرى تۈركىيە خەلقىنىڭ ئېڭىنى ئىختىيارسىز ھالدا كۆچمەنلەرگە قارشى سەمرتىشكە باشلىغان. نەتىجىدە، ھۆكۈمەتمۇ جامائەت پىكرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىش ئوبيېكتىبىغا ئايلىنىپ، خەلقنىڭ نارازىلىق سادالىرى ھۆكۈمەتنى بىئارام قىلغان. بۇنىڭغا قايتۇرۇلغان رېفلىكىس شەكلىدە ھۆكۈمەت تارماقلىرى كۆچمەنلەرگە قارشى سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، «قانۇنسىز» قاچاق كۆچمەنلەرگە قارشى ئوپېراتسىيەلىرىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئافغانىستان، ئىراق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم «قانۇنسىز» كۆچمەنلەر دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشقا باشلىغان. بۇ جەرياندا تۈركىيە ساقچى تارماقلىرى چەتئەللىك كۆچمەنلەر كۆپرەك ئۆتۈشىدىغان يول ئېغىزلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان خادىملىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرغان ۋە تەكشۈرۈش پرىنسىپىنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكىرەك كۈچەيتكەن. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركىيەدە تېخىچە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنمىغان، ئىقامەتلىرىگە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى پەرقلىق كودلار قويۇپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ جىددىي ۋەزىيەتنىڭ شامىلىغا ئۇچرىماي قالمىغان. ئابدۇرەھىم پاراچمۇ ئاشۇ خىل شامالغا ئۇچراپ، تۈركىيەدە ئۈچىنچى قېتىم تۇتۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئەمما بەختكە يارىشا، ئابدۇرەھىم پاراچ بۇ شامالدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئامان- ئېسەن قالغان بولۇپ، ھازىر ئىستانبۇلدا ئىستىقامەت قىلىۋاتماقتا.

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر