ئەدەبى ئەسەرلەر

شەرقىي تۈركىستان-پانىي دۇنيادىكى دوزاخ 4

by Arman - Oct 08, 2021 0 Comment

 «شەرقى تۈركىستان-پانىي دۇنيادىكى دوزاخ » ناملىق بىئوگرافىيىلىك روماننىڭ داۋامى

 

ھەبىبۇللا ئىزچى

 

2- بۆلۈم: ئاپتوبۇستىكى چۈمبەللىك ئايال (2)

 

 

يولۇچىلار بىر-بىرلەپ ئورۇنلىرىغا  كېلىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇس بۈگۈر قاتناش بېكىتىدىن ئايرىلدى.

ئالىمنىڭ يۈرىكى ئاپتوبۇس بېكەتتىن ئايرىلىپ كورلا يولىغا چىققاندا جايىغا چۈشكەندەك بولۇپ، ئىچىدىن يېنىك بىر ئۇھ تارتىۋەتتى. خۇداغا شۈكرى قوش ئاۋاتتا بۈگۈن كىملىك تەكشۈرىدىغان ساقچىلارمۇ بەك چىڭ تۇتمىغان بولۇپ، قوللىرىدا رەسىمنى تۇتۇۋالغىنىچە ئاپتوبۇستىكىلەرگە بىر قۇر قارىۋېتىپ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭدىن كىملىك سورىسا، ياكى يۈزىنى ئېچىشقا بۇيرۇغان بولسا ئۈستىدىكى بۇ كىيىملەر بىلەن نېمە ئىشلار يۈز بېرىشىنى خىيال قىلىشتىنمۇ قورقاتتى. 
ئۇ ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە توختىماي: «خۇدايىم ساق -سالامەت كورلىغا بېرىۋالسام، شۇ ئۈستۈمدىكى كىيىملەردىن بىر قۇتۇلسام...» دەيتتى.

..............

بۈگۈرنىڭ ئەشمە دېگەن يەرگە كەلگەندە يول بويىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ساقچىلار ئاپتوبۇسنى توختاتتى. ئالىمنىڭ يۈرىكى ئېغزىغا كەپلىشىپ قالغان ئىدى. بىر ساقچى ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىكىدىن بېشىنى تىقىپ يولۇچىلارغا تەكشى قاراپ بېقىپ چۈشۈپ كەتتى، ساقچى ماشىنىغا ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ قارىغاندا ئالىم ئىختىيارسىز ھالدا  كىيىۋالغان كۆينەكنىڭ يېنىدىن ئېچىپ قويغان يانچۇقتىن بېلىگە ئېسىۋالغان خەنجەرگە قولىنى ئۇزاتتى. ئۇ  ئىچىدە توختىماي بىلگەن سۈرىلىرىنى ئوقۇيتتى. ساقچى پەستە تۇرۇپلا شوپۇردىن ئادەم سانى سورىدى. ئارقىدىن شوپۇرنىڭ كېنىشكە، رەسمىيەتلىرىنى ۋە يولۇچىلارنىڭ كىملىكلىرىنى يىغىپ تەكشۈرۈش پونكىتىغا كىرىشنى ئېيتتى. ئارقىسىدىكىلەرنىڭ كىملىكلىرىنى بىر- بىرىدىن ئۇزۇتۇشى بىلەن يىغقان شوپۇر ئالىمنىڭ كىملىك بەرمىگىنىگىمۇ دىققەت قىلمايلا غوتۇلدۇغىنىچە تەكشۈرۈش پونكىتىغا كىرىپ كەتتى. 

ئۇھ شۈكۈر ! - ھېلىمۇ ياخشى ئالىمنىڭ يۈزىنى تور رومال توسۇپ تۇرغاچقا ھېچكىم ئۇنىڭ ئۇنىڭ قورققانلىقىنى ، جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرمىگەن ئىدى.

تەكشۈرۈش پونكىتىدىن قولىدىكى كىملىكلەرنى كۆتۈرۈپ يېنىپ چىققان شوپۇر ئالدىدا ئولتۇرغان بىر ياش يولۇچىغا: «ئۇكام ماۋۇلارنى ئىگىلىرىگە تارقىتۋېتەملا» دېگىنىچە رولغا يېپىشتى. ۋە ئاستا ئارقىدىن كەلگەن ماشىنا بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلغاچ يولغا چىقتى. ئاپتوبۇس چوڭ يولغا چىقىپ كورلىغا قاراپ  قوزغالغاندا ئالىم يېنىك بىر ئۇھ تارتىۋېتىپ پىچاققا يېپىشقان قولىنى ئاستا يانچۇقىدىن چىقاردى. 

ئاپتوبۇس بۈگۈر بىلەن كورلا ئارىلىقىدىكى  سايلىق يولىدا ئىرغاڭلاپ كېتىۋاتاتتى، كورلىغا يېقىنلاشقانچە تۆمۈر يوللار، يۈك بېسىلغان ئۇزۇن-ئۇزۇن ۋاگونلار، ماي تانكەرلىرى ،كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يولۇچىلار: «كورلىغا كەلدۇق ،كورلىغا كەلدۇق» دېيىشىپ تۆمۈر يوللاردىكى پويىزلارغا، يۈك ۋاگونلىرىغا بويۇنداپ قارايتتى. يىراقتىن كورلىنىڭ ئېگىز بىنالىرى، شەھەرنىڭ ئويمانلىقتىكى مەنزىرىسى  كۆرۈنۈشكە باشلىدى. شىمالى تاغدىكى  قىيادا چوقچىيىپ تۇرغان تاھىر- زۆھرە مازىرى ئۇزاقتىن تاغ بېشىدا، ئېگىز-پەس بىنا ۋە كەچكۈزنىڭ سوغۇقىدا ئادەمنى ھۇزۇرسىز قىلغان كۈز شامىلىدا شۈمشەرەپ تۇرغان كورلىغا قىيادىن مەغرۇر قاراپ تۇراتتى. ئاشىق-مەشۇقنىڭ ئۆچمەس ئابىدىسى، تارىخنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە، تاھىرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن جادۇگەر مومايغا، زالىم پادىشاھقا مەيدان ئوقۇغاندەك، ئۇلارنى مەنسىتمىگەندەك قىيادىكى مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان گۈمبەز يىراقتىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

ئاپتوبۇس ئاستا – ئاستا كورلا قاتناش بېكەتكە كىرىشكە باشلىدى. قولىدا كىچىك بىر سومكا كۆتۈرۈۋالغان، تور رومال بىلەن يۈزىنى ئورىۋالغان  بۇ ۋىجىك «ئايال» -بىزنىڭ ئالىم ئاپتوبۇستىن چۈشتى ۋە تېزلىك بىلەن بېكەتتىن چىقىپ كونا بازار تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلىدىغىنى كونا بازار، ۋە چوڭ جامىنىڭ يېنىدا دۇكان ئاچىدىغان قارىم ئىدى. ئالىم بۇلتۇر كۇچادا تونۇشقان  بۇ كىشى بىلەن كورلىغا كەلگەندە بىر كۆرۈشكەن بولۇپ، قارىم ئۇنى ئۆيىگە  تاماققا چاقىرغان ئىدى. كۇچادا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ قېچىپ يۈرگەندە ئالىمنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرغان ئوبۇلقاسىمنىڭ بۇ كىشى بىلەن ئالاھىدە دوستلۇقى بار بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا  ئوبۇلقاسىم كورلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا ئالىمدىن بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن، ئۇ خەتنى ئالىم كورلىغا ئەكېلىپ چوڭ جامىنىڭ يېنىدىكى دۇكان ئاچىدىغان بۇ كىشىگە يەتكۈزۈپ  بەرگەن ئىدى. ئالىم  ئەمدى شۇ كىشىنىڭ دۇكىنىغا بېرىشى ، ئۇ يەردە ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئاندىن ئۈرۈمچىگە كېتىشى كېرەك ئىدى. ئۇ كورلىدىمۇ ئۇزاق تۇرالمايتتى. ئۇ قارىمنىڭ يېنىغا بۇرۇن كەلگەندە ئات ھارۋىسى (كىرا قىلىدىغان مەپە) بىلەن بارغان بولغاچقا ئەتراپقا قارىدى، ئەمما ھېچيەردىن كىرا ھارۋىسىنى تاپالماي، ئاخىرى يولنىڭ چېتى بىلەن پىيادە ماڭدى. 

بۇ يول ئالىمغا ئاجايىپ ئۇزاق بىلىندى، ماڭغانچە يول ئۇزاپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ئۇزۇن چىت كۆينەك ئىشتىنىغا يېپىشىۋېلىپ ،ئالدىغا ماڭسا بىرى كەينىگە تارتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ئۇ يول ماڭغاچ ئىچىدە دۇئا ئوقۇيتتى. «ئاللاھىم شۇ ئۈستۈمدىكى كىيىملەردىن تېزراق قۇتۇلغىلى نېسىپ قىل » دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى. ئالىم مىڭ بىر مۇشەققەتتە چوڭ جامىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ دۇكان ئاللىبۇرۇن تاقالغان ئىدى. ئالىم ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا بۇرۇن بارغاندا ئېسىدە قالغىنى بويىچە قارىمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ تېزلىك بىلەن جامىدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئارقا كوچىدىكى قارىمنىڭ ئۆيى بار كوچىغا كىرىپ كەتتى. قارىمنىڭ ئۆيى كورلا ئوبلاستلىق دوختۇرخانا ئارقىدىكى باغلىق كوچىدا بولۇپ، قوش قاناتلىق ياغاچ دەرۋازا ئىچىدىن تاقاقلىق ئىدى. ئالىم  دەرۋازىنى يېنىك ئۇرغاندىن كېيىن بىر كىچىك بالا چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ ئالىمغا بىر قاراپ ئانا بىر مەزلۇم كەپتۇ، دەپ توۋلىغىنىچە ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ئۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر قارىۋېتىپ، ئۆيدىن بىرىنىڭ چىقىشىنى ساقلىمايلا  ئوچۇق دەرۋازىدىن ھويلىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ ئۇدۇل پېشايۋانلىق ھويلىنىڭ ئىچىدىن ئۆيگە قاراپ ماڭغان ئىدى. 

بالىنىڭ ئاۋازىدىن يۈگۈرۈپ چىققان قارىم ھويلىغا كىرىپ بولغان ۋە ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭغان بۇ تور روماللىق ئايالغا قاراپ :« خانىم، خانىم ! ماۋۇ يەردە بىر مەزلۇم سىلىنى ئىزدەپ كەپتۇ! » دەپ ئايالىنى چاقىردى.

ئۆينىڭ ئىشىكىگە كېلىپ قالغان ئالىم ،قارىمنىڭ ئۆيگە باشلىشىنى ساقلىمايلا ئۆيگە تەرەپكە ماڭدى ۋە قارىمغا : « قارىمكا چارقىرمىسىلا، بۇ مەن، ئايال كىشى ئەمەس»  دېگىنىچە قارىمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ  ئۇدۇل  ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
ئۇ ئۆيگە كىرىپلا بېشىدىكى رومالنى ئېلىپ تاشلىشى بىلەن قورقۇپ كەتكەن قارىم تامدەك تاتىرىپ، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى. بۇ چاغدا ئايال مېھمان كەلدى دېگەننى ئاڭلىغان قارىمنىڭ ئايالىمۇ ئۆيگە كىرگەن ئىدى. ئالىم كىرىپلا ئۈستى- بېشىنى يېشىشكە باشلىغان بولغاچقا، مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكىدە تۇرغان قارىم بىلەن يۈزىنى ئاق سارىغۇچ بىلەن يۆگىۋالغان قارىمنىڭ ئايالى بۇ ئايالچە كىيىم ئىچىدىكى ئەر مېھمانغا ھەيرانلىق، قورقۇش ۋە دەككە-دۈككە  ئىچىدە قارايتتى، بۇ جىددىيچىلىك ۋە قورقۇشتىن قارىمنىڭ ئېغىزى گەپكىمۇ كەلمەي قالغان ئىدى. قارىم ۋە ئايالى  گوياكى بېشىدىن چاقماق ئۇرغاندەك، نېمە بولغىنىنىمۇ بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان ئىدى. قارىمنىڭ پۇتلىرى غال – غال تىترەيتتى، بىچارە خانىمى نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي: «ۋاي خۇدايىم بۇ نېمە ئىش ئەمدى، ئايال كىشى ئەمەسكەنغۇ » دەپ قورقۇپ يىغلاشقا باشلىغان ئىدى. بىچارە ئىنسانلار  ئۇدۇلىدىكى كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەي قورقۇنچتىن ياپراقتەك تىترەشكە باشلىغان ئىدى.

ئۇلار كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىگە قاراپ نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ھەيرانلىق، قورقۇنچ، جىددىيچىلىك ئىچىدە تەپەككۇرى  تورمۇزلىنىپ قالغان ئىدى. ئالىمنىڭ  تەمكىنلىك بىلەن: «قارىمكا بۇ مەن...بۇ مەن» دېگەن گەپلىرىمۇ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا كىرمىگەندەك قىلاتتى.

ئالىم: «قورقمىسىلا،بۇ مەن. كۇچاردىكى ئوبۇلقاسىمكامدىن بۇرۇن سىلىگە خەت ئەكەلگەن» دېگىنىچە بىر تەرەپتىن بۇ ئىككىسىنى تېنچلاندۇرغاچ ، ئۇلارنىڭ قورقۇپ كېتىپ ئادەم چارقىرىشىدىن،  ياكى قىيا-چىيا قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تونۇشتۇرغاچ ئۈستىدىكى چىت  كۆينىكىنى يەشتى، پۇتىدىكى ئايالچە مەسە -كالىچنىمۇ سېلىپ تاشلاپ سومكىدىن ئايىغىنى چىقىرىپ كىيدى.ئۇ ئەتىگەن ئۆيدىن چىققۇچە ئۆزىنىڭ كىيىمى ئۈستىگىلا ئايالچە ئۇزۇن كۆينەكنى كىيىۋالغان ئىدى. ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى مەسە ئىچىگە تىقىۋالغان بولۇپ، كۆينەكنى سېلىپ تاشلاپ ئايىغىنى كەيسىلا بولاتتى. قارىمنىڭ قورقۇش ۋە تىترەپ تۇرۇپ ئىلتىجالىق بېقىشلىرىدىن بۇ يەردە ئۇزاق تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئالىم بۇ ئۆيگە  قانداق كىرگەن بولسا يەنە شۇنداق تېزلىك بىلەن كىيىمىنى ئالماشتۇرۇۋالغىنىغا شۈكرى قىلىپ، رەھمىتىنى ئېيتىپ چاقماق تېزلىكىدە ئايرىلدى. ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە قارىمنىڭ :«دىققەت قىلسىلا ،ئاللاغا ئامانەت !» دېگەنلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرمىگەن ئىدى. شۇنداق ...ئۇ ھېچكىمگە ئىشىنەلمەيتتى، بۇ ئۆيدىمۇ قالالمايتتى.

ئۈستىدىكى ئايالچە كىيىم ،قولىدىكى سومكىدىن قۇتۇلغان ئالىم ئارقا كوچىدىن چوڭ يولغا چىققۇچە ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۈگۈردى، شۇ چاغدىكى راھەتلىك ئۇنىڭغا خۇددى قانات چىققاندەك بىر تۇيغۇ بېغىشلىغان ئىدى. قارىم ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بولسا بۇ گويا بىر چۈش، بىر سىر بولۇپ قالدى. ئۇلار بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن سىرلىق مېھماننىڭ قورقۇنچىدا ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان ئىدى. قورقۇنچ ئىچىدە ئېغىزلىرى گەپكە كەلمەيتتى، غال-غال تىترەيتتى، يىقىلىپ چۈشمىسىمۇ ئۇنىڭدىن بەتتەررەك بولغان ئىدى. ھوشىدىن كەتمىسىمۇ ئەقلى تورمۇزلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلار قورقۇنچ ئىچىدە بۇ سىرلىق مېھماننىڭ كىملىكىنى نەدىن بىلسۇن؟ ئالىمنىڭ قىلغان سۆزلىرى قۇلاقلىرىغا قانداقمۇ كىرسۇن؟ ئۇلار ئالىمنىڭ خوشلىشىپ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى -يۇ، ئەمما خوش ئېيتىشمۇ ئەقلىگە كەلمىگەن بولۇپ، قارىمنىڭ «ئاللاھقا ئامانەت ! دىققەت قىلسىلا...» دېگەن سۆزلىرىمۇ روھى چىقىپ كەتكەندەك ئىختىيارسىز ئېيتىلغان ئىدى. ئالىم  دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا خوش ئېيتىپ ئارقىسىغا قارىغاندىمۇ ئۇلار  تېخىچە تۇرغان يېرىدە، پېشايۋانلىق ھويلىدا مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكىدە  تۇرۇشقان ئىدى.

    ...............................................
    
 ئۇ چوڭ يولغا چىققاندىن كېيىن بىر ئۇھ تارتىۋېتىپ، كۆكسىنى توشقۇزۇپ نەپەس ئېلىۋالدى. ئۆزىنى بىر ئاز ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن كونا بازار تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ چاغدا كەچلىك ئىشتىن قايتقان ئادەملەر كوچىلاردا قايناشقا باشلىغان بولۇپ، كەچلىك بازارلار قىزىشقا باشلىغان ئىدى. كورلىنىڭ كەچلىك بازىرى خۇددى ئۈرۈمچىدىكى دوستلۇق، ماي كۇلۇب، دۆڭكۆۋرۈك كەچلىك بازارلىرىدەك قىززىيتتى. 
 
ئۇ كوچىلاردىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە ئۆزىنى بىر ئاز خاتىرجەم ۋە ئۈستىدىكى تاغنى ئېلىپ تاشلىغاندەك يەڭگىل ھېس قىلىشقا  باشلىدى. تېخى باياملا بۇ يەردىن  قورقۇش ۋە جىددىيچىلىك ئىچىدە يۈزىنى تور رومال بىلەن ئورىغان، ئورۇق،ۋىجىك بىر ئايال كىشى سىياقىدا ئۆتكەن بولسا ئەمدى كۆكسىنى تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىپ، تەكرار-تەكرار ئۇھ دەۋېتىپ بىر ئاز راھەتلەنگەن ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن قورساقنى تويغۇزۇش ئاندىن نەگە كېتىشنى ئويلىشىش ئۈچۈن كونا بازار تەرەپتىكى ئاشخانىلار تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

ئالدى تەرىپىگە ئىسلىشىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن، ئەسلى رەڭگى قىرغاقلىرىدىكى لەپلىمىلىرىدىن  قارىغاندا كۆك بولسا كېرەك، لاتا سايىۋەن تاقىغان بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئىككى زىخ كاۋاپ بىلەن يېرىم لەڭمەن بۇيرۇتتى. ئۇ ئەتىگەن توقسۇدىن چىققاندىن بېرى تاماقمۇ يېمىگەن، سۇمۇ ئىچمىگەن ئىدى. ئۈستىدىكى ئۇ كىيىملەر بىلەن ئاشخانىلارغا كىرەلمەيتتى. ھەتتا شۇنچىلىك راھەتسىز بولغىنىغا قارىماي ھاجەتكىمۇ بارالمىغان ئىدى. قىزىق يېرى بۈگۈردە ھاجەتخانىغا كىرىشنى ئويلىدى يۇ، قايسىغا كىرىشنى ئويلاپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. 

ئالىم ئالدىغا كەلگەن كاۋاپنى لەڭمەننىڭ ئۈستىگە سىيرىپ تازا  ئىشتىھا  بىلەن قورسىقىنى تويغازدى. ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئىككى پىيالە چاينى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن  ئاستا بېكەت تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بېكەت خېلىلا ئۇزاقتا ئىدى. ئۇ بېكەتنىڭ بېلەت سېتىش زالىدىن ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتوبۇسىنى سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان ئاپتوبۇسقا بېلەت ئالدى. ئاندىن بىرەر ياتاققا كىرىپ جايلىشىۋېلىش ئۈچۈن بېكەتنىڭ بېلەت سېتىش ئۆيىدىن كوچىغا چىقتى ۋە قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.

كەچكۈزنىڭ سوغۇقىدا كورلىنىڭ شەھەر سىرتىغا جايلاشقان بۇ بېكەتنىڭ شامال ئېغىزىدا بولۇشى، شەھەر ھاۋاسىنى تېخىمۇ سوغۇق، شاماللىق ھەمدە غېرىبلىققا چۆكتۈرگەن ئىدى. كۈز ھاۋاسىنىڭ بۇنداق بولۇشىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان ئالىم تەبىئەتكە بىر خىل نارازى كەيپىياتتا تېڭىرقاپ قالغان ئىدى. «يا قارىم ساقچىغا دېگەن بولسىچۇ؟...» تۇيۇقسىز ئەقلىگە كەلگەن بۇ  سوئال ئۇنى خىيالغا سالدى. ياتاققا كىرىش ئۈچۈن كىملىك كېرەك. ئەمما ئۇنىڭ كىملىكىمۇ يوق تېخى. كىملىك يېشىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن تېخى كىملىك ئالمىغان، ئەمما يېنىدا ھەر ھالدا ئەسقېتىپ قالار دەپ مەڭلىسا خانىم بەرگەن ئۆمەر ئىمىن ئىسمىدا بىر كىملىك بار ئىدى. كىملىكتىكى كىشى ئالىمغا گەرچە بەك ئوخشاپ كەتمىسىمۇ پەرقلەندۈرۈشمۇ تەس ئىدى.

« بۇ سوغۇقتا تېشىدا ياتقىلى بولمىسا، ھاۋا ئىسسىق بولسىغۇ بىر يەردە كېچىنى بىر ئامال قىلىپ چىقارغىلى بولاتتى...» ئۇ ئەبجەش خىياللار ئىچىدە بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ يەنە ياتاققا كىرىپ يېتىش ئۈچۈن ئۆزى بىلگەن كونا بازار تەرەپكە ماڭدى. ئۇ كونا بازاردىكى تېكىچى تەرەپكە قاراپ ماڭغان يولدىكى تۇڭگاننىڭ «مۇنچىخانا ۋە ياتاق» دەپ تاختاي ئېسىپ قويغان ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىككىلىنىپ بىنانىڭ ئىچىگە كىردى ۋە كاسسىدا ئولتۇرغان، راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان كىچىك بىر تۇڭگان بالىغا ياتاقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىككى كارىۋات قويۇلغان بىر ياتاققا كىرىپ جايلىشىۋالدى. 

كەچكۈزنىڭ سوغۇقى ئىچىگە ئۆتۈپ مۇزلاپ كەتكەن ئالىم ئۈستىدىكى كىيىملىرىنىمۇ سالمايلا يوتقانغا پۇتىنى تىقىپ تامغا يۆلەندى -دە، تام تەرەپتىكى پارغا  سىرتىنى چاپلاپ ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى. ئۇ ئايىغى چىقماس خىيال ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.

ئىشىكنىڭ تاراقلاپ ئېچىلىشى بىلەن چۆچۈپ  ئويغانغان ئالىم  تورۇسقا ئېسىقلىق چىراغقا يەتكۈدەك بويى بار، ئېگىز بىر كىشىنى كۆرۈپ مەڭدەپ قالدى، ئىختىيارسىز ھالدا قولىنى بېلىدىكى پىچاققا ئۇزاتتى. ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ گەپمۇ قىلماي، كىيىملىرىنى سېلىپ ياندىكى كارىۋاتقا چىقىپ ياتتى ۋە بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ: «ئويغىتىۋەتتىم ھە» دەپ ئۆزرە تىلىگەنلىكىنى مۇشۇ جۈملىگە يىغدى.
ئۇ ئادەم تاماكىسىنى شورىغاچ ئالىمدىن: 

-يۇرت نەدىن؟-دەپ سوراشقىمۇ ئۈلگۈردى.

- توقسۇدىن 

ئۇ تۇنجى قېتىم بىر ئادەمگە يۇرتىنى يالغان دېگەچكىمۇ ، ياكى تۇنجى قېتىم بىر ئادەمنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر ئاۋازى تىترەپ كەتتى. ئىچ-ئىچىدىن بىر ئازابلىق ھېسسىيات ئىسيان قىلىپ بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان ئىدى. 

- ھە، نەگە ماڭغان؟

- قاراشەھەرگە.

- تۇغقان بارمىدى؟

- ھە...ئاكام بارتى.

- نېمە ئىش قىلىدۇ؟

- ئاشخانا ئاچىدۇ.

- ھە، شۇ ناۋايخانا، ئاشخانا ھەممىسىنى ئالتىشەلىكلەر ئاچىدۇ. بېلەت ئالدىڭمۇ؟ قاچان ماڭىسەن؟

- ھەئە، ئەتىگەن سائەت 7 دە ماڭىمەن- دەپ توڭلا جاۋاب بەردى ئالىممۇ. ئۇ جاۋاب بېرىپ بولۇپ بىرئاز بىزارلىق ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويدى.

ھەقىقەتەن بۇ زامانلاردا ئۇزۇن يوللۇق مۇساپىلەردە تونۇشمىغان بىر ئادەم بىلەن بىر ياتاقتا قونۇش نورمال ئىش بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ يولۇچىمىزغا نىسبەتەن بۇ سوئاللار ھۇزۇرىنى قاچۇرۇشقا، دەككە-دۈككىگە سېلىشقا يېتەرلىك  ئىدى.
خىيالغا پاتقان ئالىم دېمەك بۇندىن كېيىن بۇ خىل سوئال -سوراقلارغا ۋە سۆھبەتلەرگە ھازىر بولۇشى كېرەك، بۇ قىسقا، ئەمما ھۇزۇرسىز قىلغان سوئال ئۇنىڭغا  تۇنجى دەرس ئىدى. دېمەك بۇندىن كېيىن سورىغاننىڭ ھەممىسىگە يالغاندىن جاۋاب بېرىشى، كىملىكىنى يوشۇرۇشى شۇنداقلا يۇرتىنى يوشۇرۇشى كېرەك، نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشىنى يوشۇرۇشى كېرەك. بۇندىن كېيىن ھەر دائىم مۇشۇنداق يالغان سۆزلەشكە ئادەتلىنىشى كېرەك ئىدى.

ئۇ بىر خىل ھۇزۇرسىزلىق ۋە ئەندىشە ئىچىدە كارىۋاتنىڭ بېشىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، خىرقىراپ خورەككە چۈشكەن ياتاقدىشغا نەپرەت بىلەن بىر قارىۋەتتى. ئەبجەش خىياللار ئىچىدە كۆزلىرى ئاستا-ئاستا يۇمۇلۇشقا باشلىدى ۋە پارغا دۈمبىسىنى چاپلاپ يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى.

- ھوي بالا قوپ! سائەت  بەش يېرىم بولدى! سەن يەتتىدە ماڭساڭ ھازىردىن بېكەتكە ماڭ. ئاران ئۈلگۈرىسەن !-  يېرىم كېچىدە كېلىپ پاراكەندە قىلغان ياتاقدىشى ئۇنى ئويغاتقان ئىدى.

ئۇ ئادەمنىڭ قوپاللىق بىلەن توۋلىشىدىن ئەندىكىپ ئويغانغان ئالىم  ئاياغلىرىنى كىيىپ، چاپىنىنى قولىغا ئالدى ۋە ئىشىككە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئىشىكتىن چىققۇچە ئاستا ئىشتاننىڭ ئىچ يانچۇقىنى تۇتۇپ باقتى. ۋە كۆڭلى جايىغا چۈشتى.
 - رەھمەت ئاكا ! ئويغاتمىساڭ ئۇخلاپ قالاركەنمەن- دەپ خوشلاشتى.
 
- دىققەت قىل! بۇ سائەتتە مەپە ياكى ئاپتوبۇس چىقمايدۇ، چوڭ يول بىلەن ماڭ! بۇ يەر كورلا- دېدى ئۇ ئادەم. 

يېرىم كېچىدە كېلىپ ئۇنى قورقۇتقان، ئۇيقۇسىنى ھارام قىلغان بۇ كىشىنىڭ قوپاللىق بىلەن ئېيتقان بۇ گېپىگە دۇنيا قەدەر ئاق كۆڭۈللۈك، ئۇيغۇرلاردىكى مېھىر مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.

- رەھمەت ئاكا ،رەھمەت !

ئۇ ئىسمىنى سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن، تونۇمايدىغان ھەتتا چىرايىنىمۇ تۈزۈكرەك كۆرمىگەن بۇ كىشىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئالدىراپ كورلىنىڭ تاڭ سەھەردىكى قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە  بېكەتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كوچا چىراغلىرى ئاستىدا غۇۋا يورۇپ تۇرغان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ھاۋا پەرقى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان بۇ شەھەرنىڭ سەھەر پەيتىمۇ ئاجايىپ سوغۇق ئىدى. سوغۇقتا دۈگدىيىپ ئىككى قولىنى چاپاننىڭ يانچۇقىغا تىقىۋالغىنىچە ئالدىراپ ماڭغان ئالىم ئاستا-ئاستا كوچا چىراغلىرىنىڭ غۇۋا يورۇقىدا قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى.

ئۇ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشىنى، كىمدىن ياردەم سورىشىنىمۇ بىلمەيتتى. ھەتتا  تونۇشلار، تۇغقانلارمۇ بىزگىمۇ ئاۋارىچىلىكى بولمىسۇن دەپ سالام بېرىشتىنمۇ قاچىدىغان بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە بۇ جۇدالىقنىڭ، سەرسانلىقنىڭ ئائىلىسىدىن، ئاتا- ئانىسىدىن، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئايرىلىشىنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى قىسمەت ئۇنى قەيەرلەرگە ئاپىرىپ، نېمىلەرنى كۆرسىتىپ، بېشىغا يەنە نېمىلەر كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ سەھەر قاراڭغۇلىقىدىكى چولپان يۇلتۇزغا قاراپ  ئۆز-ئۆزىگە:«بۇنىڭدىن كېيىنكىسى قىسمەت...» دېدى پىچىرلاپ . 

 ئۇ سەھەرنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا ئەمەس ئەكسىچە  تولىمۇ مەۋھۇم ۋە ھېچ ئاخىرىنى بىلەلمەيدىغان بىر قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ مىللىتىگە ئەركىنلىك، سائادەت،  ھۆرلۈك ئىزدەپ چىققان بۇ يولنىڭ نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ شۇئاندا پەقەت تېڭىرقاش، ھاياجان ۋە ئېسەنكىرەش ئىچىدە بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن  تېخىمۇ جىق ئىشلارنى قىلىش ۋە كۈرەش ھاياتىنى مەنالار بىلەن بېزەشتىن باشقا ئارزۇسىمۇ يوق ئىدى.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر