تارىخ ۋە ئەسلىمە

ئېچىلمىغان سىرلار-شەرقى تۈركىستاندا خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسى

by Admin - Sep 11, 2021 0 Comment

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 11-سېنتەبىر

ھەبىبۇللا ئىزچى

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆمۈچۈك تورىدەك زىچ نازارەت شەكلى ۋە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ كۆزىدىن ھېچبىر كىچىك ھالقىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر نازارەت دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان.

1980-1990 يىللارغىچە نىسپىي جەھەتتىن بىر قەدەر ئەركىن ۋە تىنچلىق دەۋرى ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ 1990 يىللاردىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقى تۈركىستاننى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشنى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتكەن. بۇ يازمىدا پەقەت خىتاينىڭ 90 يىللاردىن ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى نازارەت شەكلى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى نازارەت سىستېمىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. گەرچە بۇ ھەقتە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلار نۇرغۇن ئىزدىنىشتە بولغان بولسىمۇ بەزەن تەپسىلاتلار ھەققىدە مەلۇمات بولمىغىنى ئۈچۈن بۇنى يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى نازارەت مېخانىزمى بىلەن  تۆۋەندىكىدەك تۈرلەر بويىچە تونۇشۇپ چىقايلى:

1. خەلقنى يېقىندىن نازارەت قىلىش ئۇسۇلى: بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا دەسلەپتە يولغا قويغان سىستېمىسىدىن بىرى بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى «ك گ ب»نىڭ نازارەت شەكلىنى ئۆرنەك ئالغان. بۇنىڭدا خەلق نورمال ھاياتىدىمۇ 24 سائەتلىك نازارەت ئىچىدە ياشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر بىر شەھەر، ھەر بىر ناھىيە، يېزا، ئاھالە كومىتېتى، ئولتۇراق رايون ياكى مەھەللە بويىچە قاتلاممۇ –قاتلام نازارەت قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا غايەت زور مەبلەغ سېلىش، خەلق ئىچىدىن مەجبۇرلاش، پۇل- خىزمەت شەرتلىرى بىلەن ئىستىخىيىىلىك يېتەكلەش ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ ياشايدىغانلارنى ئايلىق تەمىناتىنى كېسىش تەھدىتلىرى بىلەن زورلاش ئارقىلىق ھەر بىر ئاساسى قاتلامغىچە ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان نازارەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلغان.

 يېقىندىن نازارەت قىلىشنىڭ شەكلى بىر نەچچە خىل بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئولتۇراق رايونىدا ھەر بىر بىناغا شۇ بىنادىكى نوپۇس سانىغا ئاساسەن ئاخبارات خادىملىرىنى يەرلەشتۈرىدۇ. بۇ ئىنسانلار نورمالدا تىجارەتچى، خىزمەتچى، ئىشچى شەكلىدە مەھەللىدىكى قولۇم –قوشنىلىرى بىلەن ئىچقۇيۇن –تاشقۇيۇن بولۇپ ياشايدۇ. توي -تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم، نەزىر -چىراغ ئىشلىرىدا ئاكتىپ بولىدۇ. ۋە تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر كىچىك ئولتۇراق بىنالىرى ياكى خەلقنىڭ يەرلىك ئۆيلىرى بولسا مەھەللىنى كۆرە يەرلەشتۈرۈدۇ. ئۆزى تۇرۇشلۇق بىنادىكى ياكى مەھەللىدىكى ئىنسانلارنىڭ تېلېفونىنى تىڭشاش، نازارەت قىلىش، دوكلات  يوللاش ئىشىنى بۇ خادىملار قىلىدۇ. مەھەللىدىكى ئەڭ يېقىن قوشنىسى، دوست بولۇپ ئۆتكەن كىشىلەرمۇ بۇ ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ. 
 
بۇ ھەقتە كىچىك بىر ۋەقەلىكنى قىستۇرۇشنى لايىق كۆردۈم:

2014 – يىلى ئۆيگە مېھمان چاقىردىم، مېھمانلار ئاساسەن كارخانىچىلار ۋە بىر قىسىم ۋاكالەتچىلەر بولۇپ، ئۆيدىن پەسكە چۈشۈپ مېھمانلارنى ئۆيگە باشلاپ كىرگۈچە ئىلھام ئىسىملىك  بىر قوشنىمىز بىلەن قورۇنىڭ ئىشىكىدە ئۇچرىشىپ قالدۇق. مېھمانلاردىن بىرى بۇ يەردە ئۇيغۇرچە سالام بەردى -يۇ، ئەمما بىر خىل راھەتسىز كەيپىياتتا ئىدى.  سەۋەبىنى سوراي دېگۈچە بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى ۋە بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئۇ ئۆزى سورىدى. مەنمۇ قوشنىمىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئەسكەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا ئاچچىق كۈلدى. سەۋەبىنى قايتا قايتا سورىغىنىمدا، ئۆزىنىڭ 5-ئىيۇل كۈنىدىن بىر ئىككى ئاي كېيىن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشقا بىر نەچچە ساۋاقدىشى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى،سوراققا مۇشۇ قوشنامنىڭ كىرگەنلىكىنى، پۈتۈن كىيىمىنى سالدۇرۇپ بەدىنىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، ۋە قىيىن قىستاققا ئالغانلىقىنى، سوراقنى سانجىدىكى بىر مېھمانخانا ئىچىدە قىلغانلىقىنى، بۇ كىشىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.  دېمەك بىزنىڭ بۇ قوشنىمىزمۇ شۇ خىلدىكى مەھەللە نازارەتچىسى ۋە رەسمىي خىزمەتچى ئىدى. بۇ كىشى بىزنىڭ قارشىمىزدىكى بىنادا مۇقام ئانسامبىلنىڭ ئارتىسى بەختىيار روزى بىلەن قوشنا ئولتۇراتتى. نورمال ھاياتتا قورۇدىكىلەر بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتەتتى. قورۇدىكى ھەر قانداق بىر پائالىيەتتە ئاكتىپ ئىدى.

بىزنىڭ بىنادىمۇ ئوخشاش يەنە بىرى بولۇپ ئۇمۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە مەھەللىدە يۈرەتتى، قېرى –ياش دېمەستىن شۇنداق ئەستايىدىل سۆھبەت قىلاتتى. ھەممەيلەن بىلەن چىقىشىپ ئۆتەتتى. ئەمما قوشنىلار ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتى. ماي گۈلىنىڭ خوجايىنى پولاتنىڭ ئاپىسى تۈگەپ كەتكەنگە قەدەر  ھېچكىم ئۇنىڭ ئىشپىيون ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولۇپ، تاسادىپىي شۇ كۈنى نامازدىن كېيىن قورۇغا يىغىلغان ئاپشاركىلار ۋە بەزەن ئارتىسلارنىڭ پارىڭىدىن ئاندىن بىلگەن ئىدۇق.  داڭلىق ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىزنىڭ بۇ قورۇدا ئولتۇراتتى. 

 تېمىغا كەلسەك، ھەر قانداق بىر شەھەر –ناھىيە دېگەنلەردە ئەگەر چوڭراق ئولتۇراق رايونى بولسا بۇ قورۇنىڭ ئىچىدە بىر باشقارمىسىنى يەرلەشتۈرۈدۇ. بۇ باشقارمىدا 20-30 خادىم ئىشلەيدۇ. بۇ باشقارمىلار ئادەتتە قورۇ ئىچىدە ئولتۇراق بىنالاردىن بىرىنىڭ ئۈستى قەۋەتكە بىر نەچچە ئۆينىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن چوڭ تىپتىكى ئۆيلەردە بولىدۇ. ( مەسىلەن مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ كۆرگىنىم تاڭنۇرى ئېسىل ئولتۇراق رايونىدا بىر باشقارمىسىدا 30 دىن جىق كىشى ئىشلەيتتى، رەھمەتلىك خوجا نىياز ھاجىمنى يەرلىكىگە قويغان گۆركارنىڭ ئايالىنى  ئۆيىنى كۆچۈرۈپ قويۇش سەۋەبى بىلەن بىر قېتىملىق تاسادىپىلىقتا ئوچۇق قالغان ئىشىكتىن پۈتۈن زالدىكى ئېكران ۋە قاتار-قاتار تىزىلغان كومپيۇتېرلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغىنىدا، ئۇ ئايالنىڭ ئوغلى قوشنام ماڭا: تېز چۈشەيلى دەپ ھودۇقۇپ، جىددىيلىشىپ پەسكە چۈشكەندە: "بۇ ھېلىقلارنىڭ ئۆيى" دېگەن ئىدى. تاڭنۇرى ئېسىل ئولتۇراق رايونى ئىككىنچى بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىگە جايلاشقان بۇ ئۆي ئىككى بىلوكتىكى تۆت ئۆيدىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن. ۋە پۈتۈن مەھەللىدە توك كەتسە بۇ ئۆيدە ئاپتوماتىك ماتوردىن يانغىنىنى كۆرەتتۇق.)
 
قوشنامنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى شۇ قورۇدىكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش، تېلېفونلىرىنى تىڭشاش، قورۇدىكى ئەخلەتكە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ نۇقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىدىن ئايرىغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىرىنى رەتكە تىزىش، نۇقتىلىق نوپۇس ئارخىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى توپلاش، مۇناسىۋەت چەمبىرىنى بېكىتىش، نازارەت قىلىش، ئاھالە كومىتېتىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئۇ ئائىلىلەرگە ئەۋەتىپ قەرەللىك يېقىندىن نازارەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، شۇ قورۇدىكى كىشىلەرگە  يۇرت سىرتىدىن كەلگەن تېلېفونلارنى تىڭشاش قاتارلىق پۈتۈن ئىنچىكە نازارەت ئىشلىرىغا بۇ تىپتىكى باشقارمىلار مەسئۇل بولىدىكەن. ھەتتا قورۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەخلەتچى خىتايلارمۇ شۇلاردىن بولۇپ ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش جەريانىدا بىر –بىرلەپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئادەتتە نورمال شارائىتلاردا بۇ ئۆيدىن بىرلىرىنىڭ كىرىپ چىققىنىنى كۆپ كۆرگىلى بولمايتتى. 

2. ھەر خىل ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە مەكتەپلەردە ھەر بىر سىنىپتىن بىر ئىككى كىشىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەيدۇ. بۇلارنى نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىش ۋە بولۇنغان گەپ –سۆزلەرنى يەتكۈزۈش قاتارلىق كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ يېتىلدۈرۈپ ماڭىدۇ. مەكتەپتە بۇلار دەرستىن قالسىمۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىمۇ بۇ مەسىلە بولالمايدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر قاتلىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە سىڭىدۇ. مەكتەپ، دوختۇرخانا، تىجارەتچى، ساقچى، ھەر بىر ئىدارە ئورگانلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەردە يەنە ئىشپىيونلۇق خىزمىتىنى قىلىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئەسلى خىزمەت ئورنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ۋىۋىسكىسىز ئىدارىلەردە بولىدۇ. خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى شەرقى تۈركىستاندا بىر نەچچىگە ئايرىلىدۇ. رەسمىي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىچىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك بۆلۈمى، بىڭتۇەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ۋە كورلىنى مەركەز قىلغان 4-ھەربىي رايونى بىخەتەرلىك ئىدارىسى.

مىسالغا ئالساق 2014- يىلىدىن باشلاپ بىزنىڭ زاۋۇتنىمۇ 24 سائەت نازارەت قىلىدىغان  بولۇپ، زاۋۇتنى كۈندە تۆت قېتىم تەكشۈرەتتى، ئەتىگەندە سائەت 9 لاردا بىر قېتىم، چۈشتە بىر قېتىم، سائەت تۆتلەردە بىر قېتىم. ھەر قېتىمدا ئوخشاش شەكىلدە بالىلارنىڭ تېلېفونى، كومپيۇتېر، ئامبار، ئىشلەپچىقىرىش رايونى ھەممىنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرەتتى، ھەر قېتىمدا ئوندىن جىق كىشى كېلەتتى. ساقچى، ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە كومىتېتى. بۇمۇ يەتمىگەندەك ھەتتا زاۋۇتقا رادىئو ئىستانسىسىدىكى بىر يېقىنىمىزنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بىر ئادىمىنى يەرلەشتۈرۈپ بولغانلىقىنى كېيىن شۇ تەۋەلىكتىكى بىر ساقچىدىن ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم.

3. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەر دەۋردە ئوخشاش خەلق ئىچىدە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ساۋاقداشلار يىغىلىشى، يۇرتلۇقلار چېيى، مەشرەپ دېگەندەك خەلق ئىچىدىكى چاي شەكلىنى ئالغان يىغىلىشلاردىمۇ بۇ خىل ئىنسانلار بولىدۇ. ھەتتا سىزمۇ بىلمەيسىز سىزنىڭ ئەڭ يېقىنىڭىز شۇلاردىن بىرى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. 

4 . ھەر بىر ئاھالە كومىتېتىمۇ بىر نازارەت ئاپپاراتى بولۇپ، بۇلار ئادەتتە تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنى 24 سائەتلىك نازارەت قىلىدۇ

5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىق خىزمىتىنى باھانە قىلىپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتىۋاتقانلارنى ئاھالە كومىتېتلىرىدا ئىشلەشكە كۆپلەپ قوبۇل قىلدى، ۋە بۇنى مەمۇرلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ بېكىتتى. ئادەتتىكى بىر كىچىك 50 تۈتۈنلۈك ئاھالە كومىتېتىدىمۇ ئەڭ ئاز بولغاندا  20-30 خىزمەتچى بولىدۇ، مەسىلەن ئۈرۈمچىدە يەنئەن يولى ئاھالە كومىتېتىدا ئەڭ ئاز 200 خىزمەتچى بار ئىدى. بۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنى ئارخىپلاشتۇرۇش بولۇپ ھەر بىر ئۆيگە بىردىن –ئۈچكىچە كادىر مەسئۇل ئىدى. بۇلار 2009- يىلىدىن باشلاپ خەلقنىڭ ئارخىپىنى شۇ شەكىلدە تۇرغۇزدى. ھەر بىر ئائىلىلىكنىڭ بىر ئارخىپ دەپتىرى بولىدۇ. بۇنىڭدا شۇ ئائىلىدىكى 
ھەر بىر كىشىنىڭ كىملىكى، ئۆي شەكلى، ئۆينىڭ خەرىتىسى (بۇ خەرىتىدە ئۆيدە ئاشخانىسى نەدە ،سالونى نەدە،ياتاق ئۆيى نەدە، قايسى ئۆيدە كىم ياتىدۇ قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن)، ئۆيىدە كىتاپلىقى بارمۇ –يوق؟ قانچىلىك كىتابى بار؟ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ كۈندىلىك ھاياتى، ماشىنىسى بولسا ماشىنىسىنىڭ ماركىسى، رەڭگى، نومۇرى، تۇغقانلىرى كىم؟ مۇناسىۋەت چەمبىرى، ئەسلى يۇرتى، دىنىي قىياپىتى، ناماز ئوقۇمدۇ؟ ياغلىق چېگەمدۇ؟ قانداق كىيىنىدۇ؟ مىللىي كۆرۈشى، ھەر بىر ياتاق ئۆيدە كىم ياتسا ئۇنىڭ رەسىمى شۇ ياتاقنىڭ خەرىتىسىگە يېپىشتۇرۇلغان ھەر بىر ئۆيلۈك ئۈچۈن بىر دەپتەر، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن يەنە بىر دەپتەر شەكلىدە ئارخىپلاشتۇرۇپ چىقتى. ئەگەر خىتاينىڭ ھازىرقى ھەر بىر ئائىلىدىن ئەڭ ئاز بىر كىشىنى ياكى ئائىلە بويىچە لاگېرغا سولىغانلىقى بىلەن بۇ ئاخىرلاشتۇرۇشنى قىياس قىلساق، ھازىرقى لاگېرلارغا يوللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى شۇ كۈنلەردىن باشلاپ بېكىتىپ چىقتى دېيىشكە بولىدۇ.

5. ئادەتتە بىر مەھەللىدە تۆۋەندىن باشلاپ ئونبېشى تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر ئون ئائىلىلىككە بىر ئونبېشى مەسئۇل ۋە تەۋەسىدىكى ئون ئائىلىلىكنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنى دوكلات قىلىدۇ، تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كىملەر كىرىپ چىقىدۇ، نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۈگۈن قانداق كىيىم كىيدى؟ تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنى تىزىملاش ۋە ئۈچ سائەتكىچە ساقچى ئىدارىسىنىڭ تور سىستېمىسىغا يوللاش قاتارلىقلارنى ئونبېشى بىلەن شۇ ئون ئائىلىگە مەسئۇل ساقچى قىلىدۇ. ئاھالە كومىتېتىنىڭ مەھەللىگە مەسئۇل كادىرى، ھەر بىر مەھەللىگە بىردىن ئىككىگىچە ساقچى، مەھەللە كومىتېتى، كوچا باشقارمىسى، مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئىشخانىسى، رايونلۇق باشقارما شەكىلدە خەلقنى چەمبەرچاس نازارەت قىلىدۇ. 

ئادەتتە توي، نوپۇس، پاسپورت، بانكا قەرزى ئېلىش، ھەتتا ئۆي قەرزى ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا خەلق مەھەللە كومىتېتىدىن باشلاپ تونۇشتۇرۇش ئېلىش، قاتلاممۇ – قاتلام مېڭىش مەجبۇرىيىتىدە بولۇپ خەلقنىڭ ھېچقانداق شەخسى ئۇچۇر ياكى قانۇنىي ئۇسۇلدا ئىش بېجىرىش ھوقۇقى يوق. 

2009 يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىرىنچى قەدەمدە ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىنى ئاساس قىلىپ رېشاتكا رايونى قۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدى بىلەن ئات بەيگە مەيدانى، يەنئەن يېڭى كەنتى، راھەتباغ، يامالىق، جەنۇبى قاتناش بېكىتى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى رېشاتكىغا ئېلىپ خەلقنى بىر ئىشىكتىن كىرىپ- چىقىدىغان ھالغا ئەكەلدى. ھەر كوچا بېشىغا بىر ساقچى پونكىتى، ھەر بىر كوچىغا يۈزلەرچە كامېرالار ئورنىتىلدى. ۋە بۇنى ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئارخىپى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىدىغان مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقتى. 
ئەمما شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر بىر بولۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە كامېرالار قويغان خىتاي 2009 كېيىن ئادەملەرنىڭ يۈكسەك ئېنىقلىقتىكى رەسىملىرى بىلەن بىر ئادەمنىڭ ئەتىگەن ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن تا ئۆيىگە قايتقۇچە پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى، غايەت زور نازارەت قوشۇنىنى يېتىشتۈردى. يەنى شەرقى تۈركىستاننى ئىسمى- جىسمىغا لايىق بىر مۇكەممەل «ساقچى ئىشپىيون دۆلىتى» گە ئايلاندۇردى. 


كۆپ كۆرۈلگەنلەر